دالاي لاما پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە سۆھبەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
2008.03.20
20 - مارت پەيشەنبە كۈنى تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما، ئەگەر خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلىنسا خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل سۆھبەتنى ئېلىپ بېرىشتا ھەقىقىي ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى خىتاي تەرەپ بىلەن كۆرۈشنى مۇۋاپىق كۆرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دالاي لاما: " پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە مەن تەييار"
دالاي لاما دارامسالادىكى ئىشخانىسىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ خىلدىكى سۆھبەتلەردىن نۇرغۇنلىغان تىبەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى نائۈمىد قويماسلىق ئۈچۈن بۇنداق سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتا ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ھەقىقىي پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە ئۆزىنىڭ ھەردەم تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى " مەن ئىلگىرى ئېيتقىنىمدەك، پۇختا شەكىلدىكى ئالامەتلەر كۆرۈنسە ھەمدە بىز ۋاقتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى تونۇپ يەتسەك. مەن تەييار."
دالاي لاما ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ تىبەت ئۇچۇن ئالىي ئاپتونومىيىدىن ئۆزگە تەلىپى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما مۇستەقىللىق مەيدانىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى ھەمدە تىبەتنىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى، مانا مۇشۇ شەرتلەر ئاستىدا دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
چىن گاڭ: " دالاي لاما ئاتالمىش تىبەت مۇستەقىللىقى مەيدانىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك"
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا، تىبەت مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، بۇنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭمۇ ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: " بىزنىڭ دالاي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىمىز ئۈچۈن، ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ ئاتالمىش تىبەت مۇستەقىللىقى مەيدانىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. ۋەتەننى پارچىلايدىغان ھەرىكەتلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل توختىتىشى ھەمدە تىبەتنى خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىراپ قىلىشى كېرەك".
چىن گاڭ يەنە، دالاي لاما تىبەتنىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپلا قالماي، تەيۋەننىڭمۇ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى، مانا مۇشۇنداق شەرتلەر ئاستىدا ئاندىن دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دالاي لاما:" پۈتۈن دۇنيا دالاي لامانىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ"
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىنىشىچە، دالاي لاما سۆزىدە، تىبەت مەسىلىسىنىڭ تىبەت خەلقى بىلەن خىتاي خەلقى ئارىسىدا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، ئۆزىنىڭ تىبەتكە پەقەت ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە " پۈتۈن دۇنيا دالاي لامانىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. مەن بۇنى يېنىش - يېنىشلاپ تەكرارلاپ كەلدىم. بۇ مېنىڭ مۇناجاتىم. بىز مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز"دېگەن
خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يەنىلا دالاي لامانى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئەمما خىتاي تاشىقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ، قۇرۇق گەپنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىرىدىن كۆرە، بەلكى ئۇنىڭ نېمە ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا بەكرەك دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
18 - مارت خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا 10 - مارتتىن بۇيان تىبەتتە ۋە خىتاينىڭ تىبەت ياشايدىغان جايلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان مۇستەقىللىق نامايىشلىرىنى دالاي لاما گۇرۇھىنىڭ باش بولۇپ تەشكىللىگەنلىكىنى، بۇلارنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك ئىسپاتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە تىبەتتىكى ۋەقەلەر ئۇچۇن دالاي لامانى ئەيىبلىك كۆرسەتمەكچى بولغان ئىدى.
شۇ كۈنى دالاي لاما بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ تىبەتتە ئېلىپ بېرىلغان مۇستەقىللىق نامايىشى بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ ئىش ئۇستىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى مۇراجىئەت قىلغان ئىدى.
ئەمما، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يەنىلا دالاي لامانى ئەيىبلەشنى توختاتمىغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋاقىت ژۇرنىلى مۇخبىرى نى چىڭچىڭنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، تىبەت ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى جاڭ چىڭلى دالاي لامانى: " راھىب تونىغا ئورىنىۋالغان چىلبۆرە. ئادەم يۈزلۈك ئىبلىس يۈرەكلىك يالماۋۇز"دەپ تىللىغان.
دالاي لاما: " سىرتقى دۇنيا مېنىڭ ئىبلىس ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمەيدۇ"
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، بىر راھىب بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇنى نېمە دەپ ئاتىشى بىلەن پەرۋايى پەلەك ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ شۇنداق باھالىرىنىڭ خىتاي ئىچىدىكى تىبەتلەردە خىتايغا قارشى ھېسسىياتنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دالاي لاما ئاددى قىلىپ: " سىرتقى دۇنيا مېنىڭ ئىبلىس ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمەيدۇ"دېگەن.
ھازىر ئاساسلىق غەرب دۆلەتلىرى ھەممىسى دېگۈدەك تىبەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا جىددىي كۆڭۈل بولۇۋاتقان بولۇپ، تۈنۈگۈن گېرمانىيە تەرەققىيات مىنىستىرى ھىيدماغى ۋىيژوغەك ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زوراۋانلىقى ھەرىكەتلىرىنى توختاتمىسا ئۆز مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي تەرەققىيات مىنىستىرلىقى بىلەن ئېلىپ بېرىش پىلانلانغان سۆھبىتىنى، تىبەتتە تىنچلىق ئورنىتىلغانغا قەدەر كەينىگە سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، بۈگۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان ئىدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسي پېلوسي دارامسالاغا بېرىپ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىغان. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىر زوراۋان گۇرۇھ، ئۇ تىكلىگەن يەرلىك ئەمەلدارلارمۇ نومۇسسىز يالغانچى
- خىتاي، تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۆلەمدە ھەربىي كۈچلىرىنى ئىشقا سالماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشتا دالاي لامانىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
- لخاسادا تىبەتلەرنىڭ نامايىشى باستۇرۇلغاندىن كېيىنكى يېڭى مۇلاھىزىلەر
- لخاسانىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي، ئىسيان تىبەتنىڭ قوشنا رايونلىرىغا كېڭەيدى
- تىبەتتە يۈز بەرگەن توقۇنۇشقا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلدى
- ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بولغان تىبەتلەر نامايىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
- تىبەتتىكى نامايىش توقۇنۇشقا ئايلاندى
- تىبەتلىكلەر نيۇيوركتا بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى
- خۇ جىنتاۋ ئەگەر ماۋزېدۇڭغا ئەتراپلىق باھا بېرىشنى باشلىمىسا كوممۇنىست پارتىيە گۇمران بولىدۇ
- خىتايدا يېڭىدىن چىققان يۈز مىلليونچى ئۈچ چوڭ باي
- سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى قوزغىدى
- خۇ جىنتاۋ : " خىتاي مىسلى كۆرۈلمىگەن رىقابەتكە دۇچ كەلدى"
- خۇجىنتاۋنىڭ 'چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش' چاقىرىقى ئاقامدۇ؟
- 14 - دالاي لامانىڭ ۋارىسىنى كىم بەلگىلەيدۇ ؟
- دالاي لاما ئىز باسارىنى ھايات ۋاقتىدا ئۆزى تەيىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى