دالاي لاما ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەخمۇتنى قوبۇل قىلدى

تىبەتلەرنىڭ روھانىي لىدېرى دالاي لاما، ياپونىيىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان رەسمى زىيارىتى جەريانىدا 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى توكيودىكى روياپارىس مېھمانخانىسىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇتنى قوبۇل قىلغان.

0:00 / 0:00

دالايلاما بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا تىبەتلەرنىڭ روھانىي لىدېرى دالاي لاما، ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىگە، تىبەت مەسىلىسىنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىش، ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش نىيىتىدىن ھەرگىز يانمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھازىرقى پوزىتسىيىسىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەسىلىسىنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇنىڭغا جاۋابەن، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق يول بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سەل قاراۋاتقانلىقىنى، ئەگەر خىتاينىڭ بۇ ئىدىيىسى داۋاملىشىۋەرسە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن باشقا يوللارنى تاللاشتىن ئۆزىنى تارتمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تىبەتلەرنىڭ روھانىي لىدېرى دالاي لاما 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى جىلوڭ جىئۇكوئۇ ناملىق تىبەتنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتكە قاتناشقان بولۇپ، دالاي لاما بىرقانچە شەھەردە نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ھىندىستانغا قايتىدىكەن. تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى توكيودا دوكلات بېرىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىلىشقا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىئيىتىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم دالاي لاما بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر - تىبەت مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.