شاڭخەي دۇنيا سودا يەرمەنكىسى مەسئۇللىرىنىڭ چەتئەل بانكىلىرىدىكى ھېساباتى ئاشكارىلانماقتا

شاڭخەي دۇنيا سودا يەرمەنكىسى مەسئۇل خادىملىرىنىڭ، چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنىڭ بانكا ھېسابىدا زور مىقداردا، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان پۇل ياتقۇزۇلغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ ئەھۋال شاڭخەي شەھەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلانغان.

شاڭخەي دۇنيا سودا يەرمەنكىسى ئاياغلاشقان تۇرۇقلۇق، يەرمەنكە ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن چىقىم ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات يوق ئىكەن، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلەشلىرىگە قارىغاندا يەرمەنكە ئۈچۈن 55 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان. بۇ بېجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن پۇلدىن بىر ھەسسە كۆپ ئىكەن.

شاڭخەي شەھەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مەسئۇلى، بوشۇن ئاخبارات تورىنىڭ مۇخبىرىغا، شاڭخەيدىكى دۇنيا سودا يەرمەنكىسىنىڭ ھەر قايسى تارماق ۋە بۆلۈملىرىدە ۋەزىپە ئۆتۈۋاتقانلار سانىنىڭ 125 تىن ئاشىدىغانلىقىنى، دەل يەرمەنكە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە بۇلارنىڭ ئىچىدە 30 نەچچىسىنىڭ بالا - چاقىسى ياكى ئائىلىسىنىڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا ياكى ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن شاڭخەيدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شاڭخەي دۇنيا سودا يەرمەنكىسىدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چەتئەلدە تۇرۇشلۇق 60 كىشىنىڭ بانكا ھېساباتىدىكى كىرىم مەنبەسىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىغان.

11-سېنتەبىردىن كېيىن، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت، ئۇچۇر ئالاقە، بىخەتەرلىك سىستېمىسى، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى شۇنداقلا پۇل يۇيۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق ھەمكارلىق ئورناتقاندىن سىرت، ئىككى تەرەپ يەنە بانكا ھېساباتلىرىنى ئۆز-ئارا كۆزىتىش، بۇنىڭدا بانكا ھېساباتىغا 100 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق نەق پۇل ياتقۇزۇلسا ئەنگە تۇرغۇزۇش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش بېكىتىلگەن.

شاڭخەي دۇنيا سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىل ۋە ئىككى ئايدىن كېيىنكى قىسقىغىنا ۋاقىت مابەينىدە، شاڭخەيدىن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆچمەنلەرنىڭ بانكا ھېساباتىدا پۇل قويۇش ۋە يۆتكەش ئىشلىرى ئامېرىكا تەرەپنىڭ دىققىتىنى چەككەن بولۇپ، شاڭخەي بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى مەسئۇلى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بانكا ھېساباتىدا يۈز بەرگەن بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىنى، خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ، تېررورچىلىققا زەربە بېرىش تارمىقىغا يوللاپ بەرگەن.

ئامېرىكا تەرەپتىن ئۇچۇرغا ئېرىشكەن، خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىدىكى مۇتەخەسسىسلەر دەرھال، بانكا ھېساب ئىگىلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 10غا يېقىن كىشىنىڭ، شاڭخەي دۇنيا سودا يەرمەنكىسى باشلىقلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.

خىتايدا ھەرقانداق بىر ئەمەلدارنىڭ، دۆلەت خەزىنىسىگە ئائىت ئىقتىسادنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغانلىقى، چىرىكلىكنىڭ ئەۋجىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكىدىكى سىياسىي پائالىيەتچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى: "بۇ يالغۇز شاڭخەي دۇنيا سودا يەرمەنكىسى باشلىقلىرى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەت ئەمەس، خىتايدا كىچىك بىر كەنت باشلىقىمۇ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك جىنايىتىدىن خالى بولالمايدۇ." دېدى.