بۇ جەمئىيەت ئۈرۈمچىدە ئىككى سىنىپ تەسىس قىلىپ، ئوقۇشسىز قالغان بالىلارنى ئوقۇتۇپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىن ئۆزىگە بىر كىشىلىك ئورۇن تېپىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە. بىز ئالدىنقى قېتىملىق پروگراممىمىزدا بۇ فوندى جەمئىيەت ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى نائىم چۇمان ئەپەندىنى سىلەرگە قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق.
بىزنىڭ شەپەق فوندى جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ فوندى جەمئىيەت 2007 - يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە سىنىپ تەسىس قىلغان. سىنىپلاردا ھازىر 200 بالا ئوقۇيدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 156 نەپىرى ئۇيغۇر، 44 نەپىرى خىتاي ئىكەن. يېشى 6 ياشتىن تارتىپ 16 ياشقىچە بولغان بۇ بالىلارنىڭ 58 نەپىرى يېتىم بالا. بۇ خەير - ساخاۋەت ئورگىنى تەرىپىدىن ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان بۇ 200 نەپەر بالا ئۈرۈمچىدىكى نامرات رايونلاردىن كۆرسىتىپ بېرىلگەن 400 بالا ئارىسىدىن تاللاپ چىقىلغان.
بۇ فوندى جەمئىيەت ئەنگلىيە پۇقراسى بولغان نائىم چۇخان ئەپەندى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزى بىۋاسىتە بۇ فوندى جەمئىيەتنىڭ ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا نائىم چۇخان ئەپەندى ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەزىز ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرەلەيدىغانلىقى، ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ مەسىلىسىدە قانداق ھەمكارلىشالايدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئەزىز ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن. بىز ئەزىز ئەپەندى بىلەن بۇ ئۇچرىشىشنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
شەپەق فوندى جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.