زاۋۇت تەشكىلى داۋۇتنىڭ 15-مارت كۈنى تۇيۇقسىز ئېگىز مۇنار ئۈستىدىن يىقىلىپ ئۆلگەنلىكى، ئۆلۈم سەۋەبىنى ئۆلۈۋېلىش ياكى پەۋقۇلئاددە ھادىسە، دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋۇت بىلەن قېرىشىپ كەلگەن، بۆلۈم مەسئۇلى بولغان خىتاينىڭ بولسا دەل داۋۇتنىڭ جەسىتىنى بايقىغۇچى بىردىن-بىر كىشى بولۇشى، داۋۇتنىڭ جەسىتى تېخى ئۆلۈم سەۋەبى ئېنىقلانماي تۇرۇپلا، دائىرىلەر تەرىپىدىن يۇرتى ئاقسۇغا ئاپىرىلىپ تېز ئارىدا دەپنە قىلىۋېتىشى، داۋۇتنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بولسا بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشتىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقىدەك تەرەپلەر داۋۇتنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈمىگە نىسبەتەن كىشىلەردە گۇمان قوزغىغان. بىز ئىلگىرىكى پروگراممىمىزدا ئىنژېنېر داۋۇت ئىبراھىمنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرلىق تەرەپلىرى ھەققىدە ئىگە بولغان بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. يېقىندا يەنە بۇ ھەقتە يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق.
داۋۇتنىڭ ئۆزى بىلەن زىددىيەتلەشكەن بۆلۈم باشلىقى ئىشتىن توختىتىلغان
ئۇيغۇر ئېلىدىكى سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئىنژېنېرلىق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ 2 يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى نېفىت خىمىيە باش زاۋۇتىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش سېخىدا 23 يىل تىرىشچانلىق بىلەن خىزمەت قىلغان 49 ياشلىق داۋۇت ئىبراھىمنىڭ، بۇ يىل 15-مارت ئىسسىقلىق تارقىتىش مۇنارىنىڭ ئۈستىدىن يىقىلىپ ئۆلگەنلىكى ۋە بۇ ئۆلۈمنىڭ سىرلىق تەرەپلىرى بىر مەھەل گۇمان قوزغىغان ئىدى، ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرى ئاشكارىلانمىدى. لېكىن يېقىندىن بۇيان بۇ ھەقتە ئىگە بولغان ئۇچۇرلىرىمىزدىن داۋۇتنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھەقىقەتەن كىشىلەردە گۇمان قوزغىغۇدەك گۇمانلىق تەرەپلىرى بارلىقى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە.
داۋۇت ئىبراھىمنىڭ يېقىن ئۆتىدىغان خىزمەتداشلىرىدىن بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، نېفىت خىمىيە زاۋۇتى رەھبەرلىكى داۋۇتنىڭ ئائىلىسى ۋە زاۋۇتتىكى ئىشچى، خىزمەتچىلەرگە داۋۇتنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسىنى ئۆلۈۋېلىش ياكى ھادىسە بولۇشى مۇمكىن دەپ ئۇقتۇرغان، ئەمما بۇ ئۆلۈم ۋەقەسىنىڭ سەۋەبلىرى چۈشەندۈرۈلمەي ئەكسىچە، بۇ ۋەقە ھەققىدە قالايمىقان ئۆسەك سۆز تارقاتقۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى، بۇ ھەقتىكى بايانلارنىڭ زاۋۇتتىكى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى، ھەتتا زاۋۇتنىڭ نام ئابرۇيى ۋە بىخەتەرلىكى ھەمدە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
گەرچە، زاۋۇت رەھبەرلىكى بۇ خىل بېسىم ۋە شەرتلەر ئارقىلىق زاۋۇتتىكى كىشىلەردە قوزغالغان داۋۇتنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى گۇمان ھەم غۇلغۇلىنى ياپماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەكسىچە بۇ كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى كۈچەيتكەن. ئۇيغۇر ئىشچى خىزمەتچىلەردە خىتاي رەھبەرلىككە بولغان ئىشەنچسىزلىك ۋە نارازىلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىكەن.
بۇ كىشىنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، 15-مارت ئۇ داۋۇت ئىبراھىم بىلەن بىرلىكتە زاۋۇتنىڭ ئاپتوبۇسىدا ئىشقا ماڭغان بولۇپ، ئۇ كۈنى داۋۇت ئادەتتىكىدەكلا تىنچ ۋە تەمكىن ئىكەن، ئەمما بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا بۆلۈم باشلىقى بولغان خىتاي گو دىفاڭنىڭ خىزمەت ئۈستىدىكى يولسىزلىقلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ زاۋۇتتا خىزمەت بېسىمىدىن باشقا مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خىلدىكى سۆھبەتلەر ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم بولۇپ ئۆتكەن ئىكەن.
ۋەقە شاھىتلىرى غايىب ياكى ئۈنسىز
داۋۇت نارازى بولغان بۆلۈم باشلىقى گو دىفاڭ بولسا دەل داۋۇتنىڭ جەسىتىنى بايقىغان ۋە ساقچىغا مەلۇم قىلغان كىشى. ئەمما، ئۇمۇ داۋۇتنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن زاۋۇتتىن غايىب بولغان. زاۋۇت تەشكىلى يېقىندا گو دىفاڭنىڭ خىزمەتتىكى سەۋەنلىكلىرى تۈپەيلى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ۋە ئىشتىن توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
داۋۇتنىڭ قوشنىلىرىدىن بىرى بولسا، ئەمەلىيەتتە داۋۇتنىڭ زادى قانداق ئۆلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن يەنە بىر ئايال شاھىت بارلىقىنى، ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ ئايالنىڭ شۇ ۋەقە بولغان كۈندىن تارتىپ قاتتىق قورقۇشتىن كاللىسى ئېلىشىپ قالغانلىقىنى، ھازىر ئۇ ئايالنىڭ قەيەردىلىكىدىن ھېچكىمنىڭ خەۋىرى يوقلۇقىنى، ئەمما كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا غۇلغۇلا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
داۋۇتنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە قارشى قولىغا پىچاق ئالغانلىقى ھېكايە قىلىنماقتا
ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، زاۋۇتتىكىلەرنىڭ بەزىلىرى، داۋۇت ئۆلگەن شۇ كۈنى گو دىفاڭ ئىككىسىنىڭ قاتتىق جاڭجاللاشقانلىقىنى، جېدەلدىن كېيىن بولسا گو دىفاڭنىڭ پىچاقتا يارىلىنىپ، داۋۇتنىڭ بولسا ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولغانلىقىنى، ئەسلىدە داۋۇتنىڭ ئاخىرى گو دىفاڭنىڭ ھاقارەت ۋە كەمسىتىشلىرىگە، بېسىمىغا چىدىماي قولىغا پىچاق ئېلىپ قوغلىغانلىقىنى ۋە ئۇنى يارىلاندۇرغانلىقىنى، ئەمما ساقچىلاردىن قېچىپ مۇنارغا چىقىپ ئۆزىنى تاشلىغانلىقىنى ھېكايە قىلىشماقتا ئىكەن.
داۋۇتنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ جەسىتىنى كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان داۋۇتنىڭ سىڭلىسىنىڭ يولدىشى بولسا زىيارىتىمىزنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. داۋۇتنىڭ سىڭلىسى بولسا «ئاكامنىڭ ئۆلۈۋالغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، بىرىگە پىچاق سالغانلىقىغىمۇ ئىشەنمەيمەن، ئەگەر ئۇنداق بولغان بولسا زاۋۇت رەھبەرلىكى ئاكامنى جىنايەتچى، بىزنى بولسا جىنايەتچىنىڭ ئائىلىسى دەپ ھازىرقىدەك كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئورنىغا باشقىچە مۇئامىلە قىلاتتى، ھازىر زاۋۇت ئامال بار بىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ، بۇنى سۈرۈشتە قىلماڭلار، بۇ ھەممىمىزگە پايدىسىز،ئاكامنىڭ قىزى بار، ئائىلىسى بار، بىز زاۋۇتنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئىش ئۈستىدىكى ھادىسە دەپ بېكىتىشنى قولغا كەلتۈرمىسەك بولمايدۇ...» دەپ بىزنىڭ ئاۋارە قىلماسلىقىمىزنى ئۆتۈندى.
داۋۇتنىڭ سىڭلىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئەگەر ئاكىسى نورمال ئىش ئۈستىدىكى ھادىسىدە ئۆلگەن بولسا كۆپ تۆلەم كېلەرمىش.
خىتاي دائىرىلىرى داۋۇت ئائىلىسىگە ئېغىز ئاچماسلىق شەرتى بىلەن تۆلەم بەردى
داۋۇتنىڭ ئۆلۈمى يەنىلا سىر، ئەمما دائىرىلەرنىڭ بۇنى يېپىشقا بار كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا.
داۋۇتنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان داۋۇتنىڭ ئايالى ئامىنە «داۋۇتنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمەن، بۇنى چوقۇم ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن ۋە بۇ ئۆلۈمدە گو دىفاڭنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەپ گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، ئىككىنچى قېتىم ئۇ بىراقلا بارلىق گۇمانلىرىدىن ۋە نارازىلىقىدىن ۋاز كېچىپ «مەنمۇ زاۋۇت رەھبەرلىكى ئېيتقاندەك داۋۇتنى ئۆلۈۋالدىمىكىن، دەپ قارايمەن. داۋۇت كەتتى. ھېچنېمە ئەسلىگە كەلمەيدۇ. قىزىمنى ئويلىمىسام بولمايدۇ. مېنىڭ باشقا ئامالىم يوق...» دەپ ئىنتايىن پاسسىپ ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئامىنە خانىم ۋە داۋۇتنىڭ سىڭلىسى زىيارىتىمىزنى قەتئىي رەت قىلىپ كەلمەكتە.
داۋۇتنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئۇزۇن يىل يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن بىر كىشىنىڭ رادىئومىزغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، زاۋۇت رەھبەرلىكى، داۋۇتنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا 500 مىڭ يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەرگەن شۇنداقلا داۋۇتنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئىشسىز ئۆيدە ئولتۇرغان سىڭلىسى ۋە ئايالىنى نېفىت خىمىيە زاۋۇتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، قىزىنىڭ ئوقۇش چىقىمىنى كۆتۈرۈشكە ھۆددە قىلغان. ئەمما بۇلارنىڭ شەرتى ئەمدى داۋۇتنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلماسلىق ۋە بۇ ھەقتە سۆزلىمەسلىك ئىكەن.