تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭ زىيارىتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنى قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى زىيارەتلىرى شۇنداقلا خىتاي دائىرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ تۈردە تارقالدى. تۈركىيىنىڭ كۆپلىگەن گېزىت ‏- ژۇرنال ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرى بۇ ھەقتە كەڭ تۈردە ئۇچۇر تارقاتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.11.03
Ahmet-davutoglu-qeshqerde-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺩﺍﯞﯗﺩﺋﻮﻏﻠﯘ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ.
www.worldbulletin.net ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، خىتاي دائىرلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇش ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان بولسىمۇ تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.

زامان گېزىتىنىڭ 2010 ‏- يىلى 11 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنىدىكى سانىدا خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر زالى دەپ ئاتالغان يىغىن زالىدا كۈتۈۋالدى. داۋۇتئوغلۇ شى جىنپىڭ ۋە ھەمراھلىرىغا تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن پەقەت كۇلتېر ‏- مەدەنىيەت جەھەتتە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ سىياسىي پۈتۈنلۈكىنى تەكىتلىدى.

6 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان بېيجىڭغا كەلگەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بېيجىڭدا، خىتاي خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشتى. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ، خىتاي ‏- تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئەنقەرەنىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە سورىغان سوئاللارغا جاۋاپ بەردى. داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيىنىڭ خىتاي ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ ئورنىغا قويىدىغان بىر كاندىدات ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ شى جىنپىڭغا، تۈركىيىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىگە بارغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ قەشقەرنى تۈرك تىل لۇغىتى يېزىلغان يەر دەپ ئىپادىلەپ، خىتايدىن باشقا دۆلەتلەردىمۇ خىتاي بولغانغا ئوخشاش تۈركىيىنىڭمۇ باشقا يەرلەردە ئىرقداش، قېرىنداش خەلق تۇغقانلىرى بارلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلاردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

داۋۇتئوغلۇ ئۇيغۇرلارنى خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق كۆۋرۈكى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇرلار بىلەن كۈلتۈر ‏- مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
 
خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بىلەن ئۇچراشقان.

ئىخلاس خەبەر ئاگېنتلىقىنى 2 ‏- نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، 6 كۈنلۈك رەسمى زىيارىتىنى قەشقەردىن باشلاپ بېيجىڭدا ئاخىرلاشتۇرغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بۈگۈن كەچ تۈركىيىگە قايتتى.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بېيجىڭدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تۈركىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىن ئۇيۇشتۇردى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن، ئۈرۈمچى ۋە شىئەنگە بىۋاستە ئايروپىلان ئۇچۇشنى تەلەپ قىلغان. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ يەنە خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، كۇلتېر ‏- مەدەنىيەت جەھەتتە، ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا، تارىخى ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىمىز بارلىقى ھەققىدە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئېنىق بىر شەكىلدە سۆزلەشتۇق. خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىمىز، بۇ ھەقتە خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇيغۇر رايونىنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىر دوستلۇق كۆۋرۈكى رولى ئوينايدىغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ رايونغا تۈركىيىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئېشىۋاتقانلىقىنىڭ نورمال ئىكەنلىكى ھەققىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇۋاپىق كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۈرۈمچىگە بىر تۈرك سانائەت رايونى قۇرۇش ھەققىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈزۈشكەن كېلىشىمنامىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قەدەم بېسىش ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتايلارمۇ، بۇ ھەقتە تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىغا ئىجابىي قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2010 ‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 31 ‏- كۈنى تۈركىيە گېزىتىدە، ئاخباراتچى باتۇخان ياشار تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز ياشلىرى ۋە ئەنقەرەدىكى كۈتىۋېلىش دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى باتۇخان ياشار ئەپەندى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلەرنى زىيارەت قىلغان ئاخباراتچىلاردىن بىرى ئىكەن.

باتۇخان ياشار ئەپەندى ماقالىسىنى مۇنداق باشلىغان: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە ئۈچ كۈندىن بىرى خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتىمىز. ئەمما بۇ زىيارەت، بېيجىڭ، شىئەن، ھوڭكوڭ ۋە ياكى شاڭخەيدىن باشلىمىدى. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەنقەرەدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەرگە كەلدى. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ ئۆزى دېگەنگە ئوخشاش، مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپخاس ھاجىپقا سالام بەرگەندىن كېيىن بۇ قېتىم باشقا بىر مۇھىم ئاتا يۇرتى ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئۆتكەن يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھگۈل بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىدۇق. بۇ زىيارەتنىڭ ئارقىسىدىنلا يۈز بەرگەن 5 ‏- ئىيۇل قانلىق ۋەقەلەر بولغانلىقىغا تېخى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمىدى. ئەنقەرە بىلەن بېيجىڭ جىددى بىر سۈركۈلۈش باسقۇچقا بېرىپ قالدى. چۈنكى ئۇيغۇرلار پەقەت بىر مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ ئىنتايىن سەزگۈر بىر مەسىلىسى بولغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيە بۇ ۋەقەگە قاتتىق قارشى تۇردى. مۇشۇنداق بىر ۋەقە يۈز بېرىپ ئارقىدىنلا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەنقەرەدىن بىۋاستە قەشقەرگە كەلدى. خىتاي دائىرلىرى خالىسا، ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنى باشتا بېيجىڭغا كېلىڭ، كېيىن قەشقەر ۋە ياكى ئۈرۈمچىگە بارىسىز، دېيەلەيتتى. خىتاي قانداق بولۇپ بۇ زىيارەتكە رۇخسەت قىلدى؟ دېگەندەك بىر سوئال ئەقلىمىزگە كېلىدۇ. بۇ ھەقتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئەيىبلىمەسلىك كېرەك. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئۇ قانلىق ۋەقەلەردىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كرىزىست يۈز بەرگەن مۇناسىۋەتلەرنى باسقۇچمۇ - باسقۇچ بېسىپ ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇ ئەڭ گۈزەل مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر دىپلوماتىيە ئېلىپ بېرىش.

ئاخباراتچى باتۇخان ياشار ماقالىسىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېگەن:

ئەمەلىيەتتە، بىر مەزگىل تەرەققى قىلىشتا كەينىدە قالغان شەرقىي تۈركىستان رايونىنى دۇنياغا ئېچىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان خىتاي دائىرلىرى بۇنى تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىپ يەتكەن بىر ۋەزىيەتتە. چۈنكى، بېيجىڭ، دۇنيادىن مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ قالغان ھەتتا تېررورلۇققا ياردەم بەرگەن دەپ قاراپ بېسىم قىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان سۈرىيىنى تۈركىيىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېتەكلىشى نەتىجىدە خەلقئارا جەمئىيەتتە ئېتىبارلىق بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى چۈشەنگەن. تۈركىيىنىڭ ئىرانغا ئالاقىدار كرىزىستنىڭ تىنچلىق يول بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن دۇنيا جامائىتى ئالدىدا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆردى. بىزگە نىسبەتەن خىتاي شۇنى قارار قىلدى. بىز ئۇيغۇر رايونىنى دۇنيادىكى سەرمايە ‏- مەبلەغ سالىدىغان شىركەتلەرگە ئاچىمىز. مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن بۇ رايوننى جەلپ قىلارلىق ھالغا كەلتۈرىمىز، بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تۈركىيىنى قوللىنىمىز. ئەنقەرە، خىتايدىكى مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى قانچىلىك ياخشى بولسا، ئۇيغۇر رايونىغا قىلالايدىغان ياردەمنىڭ شۇنچىلىك ئاشىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن بىر ۋەزىيەتتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىستىراتېگىيە ئورتاقلىق كېلىشىمى تۈزۈلىدۇ. بۇنى شۇنداق ئىپادىلەش بەلكى توغرا بولىدۇ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئىستىراتېگىيىلىك ئورتاق بولىدۇ، ئۈرۈمچىدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە چوڭ مەسچىتتە جۈمە نامىزى ئوقۇدۇق. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنى مەسچىتتە كۆرگەن ئۇيغۇرلار باشتا ھەيران قالدى. چۈنكى تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر ئىش بولۇۋاتاتتى. تۇنجى قېتىم تۈركىيىدىن كەلگەن بىر مىنىستىر ۋە ھەيئەتنى كۆز ئالدىدا كۆرۈۋاتاتتى. نامازدىن كېيىن بولسا ھاياجانلىق مىنۇتلار ئۆتتى. ئۇيغۇرلار جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئۇزاقتىن كەلگەن تۇغقانلىرىنى كۆز ياشلىرى ئىچىدە قۇچاقلىدى. كۆزلىرىدىن ئاققان ئۇ ياشلار ئەسلىدە ئوتتۇرىمىزدىكى مۇناسىۋەت بېغىنىڭ ھېچ ئاجىزلىمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.

تۈركىيە سىتار گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى زىيارىتىنى، "خىتاي ئەجدارھانى گۈزەللىككە قايىل قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان بىر دىپلوماتىيە چۈشەنچە" دەپ باھا بەردى.

تۈركىيە گېزىتىنىڭ 2010 ‏- يىلى 11 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىكى سانىدا يەنە ئوبزورچى يىلماز ئۆزتنۇنا تەرىپىدىن "خىتايدىن ئامېرىكىغىچە" دېگەن تېمىدا، يېزىلغان بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالە مۇنداق باشلانغان: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، ياۋرۇپا قىتئەسىدە بالقان، ئاسىيادا ئاناتولىيە، كاۋكاسىيە، ئوتتۇرا شەرق دۆلىتى. ئەمما تۈرك قوۋمى ئوخشاش ۋاقىتتا شەرقىي ياۋرۇپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي ئاسىيا مىللىتىدۇر. شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرا ئاسىيادا، خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدا، تۈركىيە زىمىنىدىن ئىككى ھەسسە چوڭ بىر ئۆلكە. بىز تۈركلەرگە دۆلىتىمىزنىڭ رەسمى دىنى دەپ ھەنەفىي، سۈننى ئىسلام دىنى قوبۇل قىلدۇرغان 921 ‏- يىلىدىكى قاراخانىيلار خاقانىمىز سۇلتان ئابدۇلكەرىمخان سۇتۇق بۇغراخان شەرقىي تۈركىستاندىكى بۈيۈك تۈرك مەدەنىيەت بەلگىسى بولغان قەشقەردىكى قۇتلۇق قەبىرىگاھىدا ياتىدۇ. تۈركىي تىللار دىۋانى ئىسىملىك تۈرك لۇغەت كىتابىنىڭ مۇئەللىپى، قاراخانىلار سۇلتانىنىڭ شاھزادىسى مەھمۇت قەشقىرى ۋە تۈرك شېئىرىيەت مەيدانىدا تۇنجى يېزىلغان سىياسەتنامە دەپ ئاتالغان قۇتادغۇبىلىكنىڭ مۇئەللىپى، قاراخانىيلار ساراي مىنىستىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ. تۈركلەرنىڭ كەلگۈسىنى ۋە بۈگۈنكى مىللەتكە ئايلىنىشىمىزغا ئاساس سالغان ئىككى نەپەر بۈيۈكلىرىمىزنىڭ قەبرىگاھلىرىمۇ قەشقەردە. ھەر ئىككى ئەسەر بىزگە ئاناتولىيىنى ئېچىپ، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان مالازغىرت غەلىبىسىدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى يېزىلدى. بىز مۇشۇنداق بىر مەدەنىيەت بىلەن ئاناتولىيىگە كەلدۇق. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ مۇشۇنداق بىر مەنىۋىي قىممىتى بار ئورۇننى زىيارەت قىلدى.

باشقۇرۇشتا كوممۇنىست سېستىمىسى، ئىقتىسادى جەھەتتە ئەركىنلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى، بىز تۈركىيە تۈركلىرىنى زىيارەت قىلدۇرۇشتا داۋاملىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر دەرىجىدە خىتايلاشتۇرۇلغان شەھىرى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلاتتى. قەشقەرگە، يەكەنگە، غۇلجىغا ۋە تۇرپانغا ھېچ يېقىنلاشتۇرمايتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ قوشنىلار بىلەن ھېچ قانداق مەسىلە قالماسلىق، دۇنيادىكى پۈتكۈل دۆلەتلەر بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش شەكلىدىكى تاشقى سىياسەت نەزەرىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەيدانىغا كىرگۈزۈلگەن خىتاينى زىيارەت قىلىشى، دۇنيانىڭ ئەڭ كۆپ نوپۇسىغا ئىگە دۆلەت خىتاي بىزگە كۆپ نەرسە ساتىدۇ، بىزدىن ئاز نەرسە ئالىدۇ. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ بۇ قېتىمقى قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى زىيارىتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بېسىلغان مۇھىم باسقۇچ. تۈركىيە ئۈچۈن خىتاي ئىستىراتېگىيىلىك ئورتاق بولالمايدۇ، خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ مۇناسىۋەتلەر ھەرگىزمۇ ئامېرىكىنىڭ ئورنىغا خىتاي بىلەن ئىستىراتېگىيىلىك ئورتاق بولۇش ئەمەس، خىتاي ھەر قانداق شارائىتتا ھەرگىزمۇ تۈركىيىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ئىتتىپاقدېشى بولالمايدۇ. تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ئىتتىپاقدېشى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.