ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ: خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتۇق

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ قەشقەر، ئۈرۈمچى، شىئەن ۋە شاڭخەيگە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى تاماملاپ بېيجىڭگە يېتىپ كەلدى. 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىئېچى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان.

0:00 / 0:00

بۇ ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا ۋە مەدەنىي - مائارىپ جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشى ھەققىدە ئورتاق پىكىرگە كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ پروگراممىمىزدا، تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ت ر ت مۇخبىرى فەرھات ئاقچانىڭ بېيجىڭدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدىن پارچىلارنى سىلەرگە سۇندۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.