25 - ئاۋغۇست ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسى دۆلەتلىك چوڭ قۇرۇلتىيى باشلاندى

25 - ئاۋغۇست كالورادو شتاتى دېنۋېر شەھىرىدە ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسى دۆلەتلىك چوڭ قۇرۇلتىيى شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كىيىن سائەت 3 تە رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

0:00 / 0:00

قۇرۇلتاي بېشىدا ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسى رەئىسى خوۋارد دىئىن نۇتۇق سۆزلىدى، ۋە 2008 - يىللىق پرېزىدېنت سايلىمى دېموكراتلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

خوۋارد دىن بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي جەريانىدا، پۈتۈن ئامېرىكىلىقلارغا، ئامېرىكىنىڭ نېمە ئۇچۇن براك ئوباما ۋە جو بايدىننى كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى قىلىپ تاللىغانلىقىنى نامايان قىلىدىغان قۇرۇلتاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ قۇرۇلتايغا ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى تەسىر دائىرىسى چوڭ شەخسلەردىن ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى تەد كېننىدىي قاتارلىق شەخسلەر ۋە بىر قىسىم شتاتلارنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى ۋەكىللىرى قاتناشتى.

قۇرۇلتايدا سوز قىلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم ئامېرىكا دېموكراتلىرىنى ۋە ئامېرىكا خەلقنى كېلەر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دېموكراتلارنىڭ ئۇتۇپ چىقىش ئۇچۇن بىرلىككە كېلىشكە چاقىردى.

نەنسىي پېلوسى سوز بېشىدا براك ئوباما بىلەن دېموكراتلار پارتىيىسىدىن پرېزىدېنت نامزاتلىقى رىقابىتىگە چۈشكەن ھىلارىي كىلىنتونغا رەھمەت ئېيتتى ۋە كلىنتون خانىمنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسىگە قوشقان تۆھپىسىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم سايلامدا بىلەت تاشلاشقا قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە مۇنداق دېدى. : " بارلىق دېموكراتلار ھىلارىي كلىنتون خانىم ئېلىپ بارغان سەرخىل سايلام پائالىيىتىگە ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ. دۆلىتىمىز ۋە پارتىيىمىز ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن قەۋەتكە تولدى".

پېلوسى خانىم بۈگۈنكى قۇرۇلتاينىڭ مۇھىملىق ئۈستىدە توختىلىپ: " بىز بۈگۈن كەچتە ئېچىلىۋاتقان قۇرۇلتاينىڭ ئامېرىكىنى دۆلەت قۇرغۇچى ئەجداتلىرىمىز باشلىغان يولغا، يەنى ئامېرىكا ۋەدىسىنى يېڭى ئەسىردە يېڭىلايدىغان يولغا سالىدىغان بىر قۇرۇلتاي بولىدىغانلىقىنى جاكارلايمىز. بىز بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى پرېزىدېنتى ھاياتىمىزدىكى يېڭى يول باشچى كۆرسىتىدىغان قۇرۇلتاي ئىكەنلىكىنى جاكارلايمىز" دېدى.

نەنسىي پېلوسى خانىم يەنە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جون مكېيىن ئۈستىدە توختالدى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ "جون مىككېيىننىڭ تەجرىبىسى بار" دەپ ئېيتىدىغانلىقىنى ئەمما، جون مىككېيىننىڭ، ھازىرقى پرېزىدېنت بوشنىڭ مەغلۇپ بولغان سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى كۈچىنى ئاجراشتۇرۇش ۋە ئامېرىكىنى ئېنېرگىيە موھتاجلىقىغا مۇپتىلا قىلىدىغان خاتالىقلارنى تەكرارلاشتىن ئىبارەت خاتا تەجرىبىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە بۇ جەھەتلەردە ئەكسىچە براك ئوباما پىلانلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بىرى تەرەپ بولسا، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر پېشقەدەم ئەزاسى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك پرېزىدېنتلىرىدىن بىر ھېسابلىنىدىغان جون كېننىدىينىڭ قېرىندىشى تەد كېننىدىينىڭ قاتنىشىشى ئىدى.

تەد كېننىدىي يېقىندا مېڭە ئۆسمىسى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قىلىشى نۇرغۇن دېموكراتلارنى ئەندىشىگە سالغان ئىدى.

سۆزگە چىققان تەد كېننىدىي ھېچقانداق نەرسىنىڭ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى بۇ مۇھىم يىغىلىشقا قاتنىشىشتىن توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بايانلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى نەملەنگەن ئىدى.

تەد كېننىدىي مۇنداق دېدى: " ھېچنېمە، ھەرقانداق نەرسە مېنى بۈگۈنكى بۇ ئالاھىدە يىغىلىشتىن توسۇپ قالالمايدۇ. مەن بۈگۈن بۇ يەرگە ئامېرىكىنى سىلەر بىلەن بىرگە ئۆزگەرتكىلى، ئۇنىڭ كەلگۈسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى، ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ئالىي غايىلىرىمىز ئۈچۈن قوزغالغىلى، ھەمدە باراك ئوبامانى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ كەلگۈسى پرېزىدېنتى قىلىپ سايلىغىلى كەلدىم."

تەد كېننىدىي يەنە، براك ئوبامانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئامېرىكا خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەتلەرنى بىرلىكتە يېڭىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇنىڭ مىسال سۈپىتىدە جون كېننىدىينىڭ ئايغا چىقىش غايىسىنىڭ نەتىجىسىدە ئاي شارىنىڭ يۈزىدە ئامېرىكا بايرىقىنىڭ لەپىلدەپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ : بىز شۇنداق ئامېرىكىلىقلارمىز، بىز شۇنداق قىلىمىز، بىز ئايغا چىقتۇق، چوقىلارنى بويسۇندۇردۇق، مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەن بىلەن ھەم شۇ زامانلاردا ياشىغان. بىز بۇنى يەنە قىلالايمىز" دېدى.

تەد كېننىدىي ھازىر پەقەت يۆلىنىشنى توغرا بەلگىلىگەندە، ئامېرىكىغا يېڭىلىق ۋە ئىسلاھات قۇچاق ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە نىشانغا پەقەت ئۆز پارتىيىسىنىڭ غەلىبىسى بىلەنلا ئەمەس بەلكى يەنە ئۆز دۆلىتىنى يېڭىلاش ئارقىلىقمۇ يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ نۆۋەتلىك دېموكراتلار قۇرۇلتىيىدا ئاچقۇچلۇق نۇتۇق سۆزلىگۈچى باراك ئوبامانىڭ رەپىقىسى مىشېل ئوبامادۇر. 2004 - يىلى مىشىگان شتاتىدا ئېلىپ بېرىلغان دېموكراتلار قۇرۇلتىيىدا بۇ نۇتۇقنى، مىشېل ئوبامانىڭ يولدىشى، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ھازىرقى پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما سۆزلىگەن ئىدى.

مىشېل ئوباما سەھنىگە چىققاندا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىتىلدى. مىشېل ئوباما ئۆزىنىڭ بۇندىن 19 ئاي ئىلگىرى يولدىشى باراك ئوباما ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق رىقابىتىگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كۈندىن باشلانغان مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان سەپەرنى تاماملاپ مۇشۇ سەھنىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى ۋە بۇنىڭ پەقەت ئامېرىكىدەك بۈيۈك دۆلەتتىلا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

مىشېل ئوباما خانىم مۇنداق دېدى: "باراكنىڭ سەپىرى ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان ئىمكانسىز سەپەرلەر ۋە ئۈمىد دولقۇنى بىلەن ئۇچراشقان تارىخ ئېقىنى بىزنى بۈگۈن كەچ مۇشۇ سەھنىگە ئېلىپ چىقتى. مانا بۇ مېنىڭ بۇ دۆلەتنى نېمە ئۇچۇن شۇنچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى." مىشېل ئوبامانىڭ بۈگۈنكى نۇتقى، يەنىلا ئامېرىكا غايىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئامېرىكىدىكى ئايرىمىچىلىققا خاتىمە بېرىشنى باش تېما قىلغان ئىدى.

مىشېل ئوباما خانىم مۇنداق دېدى: "شۇڭا مەن بۈگۈن بىزنى مۇشۇ دەقىقىلەرگە ئېلىپ كېلىش ئۇچۇن داۋاملىق قۇربان بېرىۋاتقانلارنىڭ غەلىبىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. بىز ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى تاماملاشقا ئاتايلى، ئارزۇ - تىلەكلىرىمىزنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۇچۇن بىللە تىرىشايلى ھەمدە براك ئوبامانى ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى پرېزىدېنتى قىلىپ سايلاپ چىقىش ئۈچۈن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەيلى" دەپ خىتاب قىلدى

25 - ئاۋغۇستتىكى پائالىيەت دېنۋېر شەھەردىكى پەپسىي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پەپسىي مەركىزىنىڭ 19 مىڭ كىشىلىك زالى ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزالىرى بىلەن لىق تولغان ھەمدە دېنۋېر شەھىرىمۇ ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى.

26 - ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى ھىلارىي كلىنتون مەزۇر قۇرۇلتايدا سۆزگە چىقىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، كلىنتون خانىم 25 - ئاۋغۇست دېنۋېر شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن.