دۆلەتنى تىنچلىق بىلەن دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ شانلىق ئۈلگىسى-موڭغۇلىيە

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بايدىن دۈشەنبە كۈنى خىتاي زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ موڭغۇلىيىگە كەلدى. ئۇ، موڭغۇلىيىدىكى دېموكراتىك تەرەققىياتنى قىزغىن مەدھىيىلىدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بايدىن 8‏-ئاينىڭ 22‏-كۈنى (دۈشەنبە) خىتاي زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ موڭغۇلىيىگە كەلدى. جو بايدىن بۈگۈن ئۇلانباتوردىكى چېڭگىزخان خەلقئارا ئايرودرومىدا، موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى سۇقباتور باتبولدنىڭ كۈتۈۋېلىشىدا موڭغۇلىيە ئۈچ خىل ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كۆچۈردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ 1944‏-يىلدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق رەسمىي موڭغۇلىيە زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ بۇ پائالىيەتتە ئامېرىكا-موڭغۇلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى گەۋدىلەندۈردى.

بايدىن كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، موڭغۇلىيىنىڭ دېموكراتىك تەرەققىياتىنى ئالاھىدە مەدھىيىلىدى ۋە موڭغۇلىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىراق، ئافغانىستان ئۇرۇشلىرىنى قىزغىن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە موڭغۇلىيىنى، دۆلەتنى تىنچلىق بىلەن دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ شانلىق ئۈلگىسى دەپ ئاتىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، جو بايدىن بۈگۈن يەنە موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى سۇقباتورنىڭ ھەمراھلىقىدا، موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىۋى ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش ماھارەتلىرىنى كۆردى. بايدىن بارغانلا جايدا موڭغۇللار بىلەن، بولۇپمۇ ماھارەت كۆرسەتكەن باتۇرلار بىلەن قەدىناسلاردەك پاراڭلاشتى. بايدىننىڭ موڭغۇلىيە زىيارىتىدىكى كۆڭۈل ئازادىلىقى، ئۇ خىتايدا قىلغان زىيارەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىق بولدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بايدىن خىتايدا 5 كېچە 4 كۈندۈز زىيارەتتە بولغان جەرياندا، خۇ جىنتاۋ، ۋېن جاباۋلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە سۆزلەشتى. خىتايغا دۇنيادىكى 80% دىن ئارتۇق دۆلەت ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكە ۋە خىتاينى ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشكە تېرىشتى. شۇنداقلا ئۇ، خىتاينىڭ كەلگۈسى دۆلەت رەئىسلىكىگە بېكىتىلىپ بولغان شى جىنپىڭ بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ خىتاينىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى بىلىشكە تىرىشتى.

«بۈگۈنكى ئامېرىكا» گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، بايدىن خىتايدا نوپۇس سانى ئەڭ كۆپ بولغان سىچۈەن ئۆلكىسىنى زىيارەت قىلدى. بايدىن سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىختىلاپ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، پەقەت خىتايدا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىنسا ۋە ئەركىنلىك ئەمەلگە ئاشسىلا، جەمئىيەتتە ئادالەت بولىدىغانلىقىنى شەرھلەپ كۆرسەتتى. ئەمما بايدىن سىچۈەندىكى ئالىي مەكتەپتە نۇتۇق سۆزلىگەندە ۋە ئامېرىكا ۋاسكېتبولچىلىرى ئىئانە قىلغان پۇل بىلەن قايتا سېلىنغان بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى (يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى) زىيارەت قىلغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئىنتېرنېتنى قاتتىق چەكلىدى، سىياسىي كۆز قارىشى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشىمايدىغان زىيالىيلارنىڭ پىكىر بايان قىلىشىغا چەكلىمە قويدى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى يوشۇرۇن تۇتۇپ كەتتى.

بايدىن موڭغۇلىيىدىكى زىيارىتىدىن كېيىن ياپونىيىگە بارىدۇ.