بېيجىڭدىكى ب د ت ئىشخانىسىغا دەرد ئېيتىش ئۈچۈن بارغان ئۇيغۇر ئەرزدارلار ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىدى

يىللاردىن بېرى بېيجىڭدا ئەرز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان، ئەمما ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلاردىن 8 نەپىرى، تۈنۈگۈن بېيجىڭدىكى ب د ت ئىشخانىغا بېرىپ، خىتاي دۆلىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلماقچى بولغان.

0:00 / 0:00

ئۇلار ب د ت خىزمەت بىناسىنىڭ دەرۋازىسىغا 2 مېتىرچە يېقىنلاشقاندا، ئەتراپتىن يوپۇرۇلۇپ كەلگەن 50دىن ئارتۇق ساقچىنىڭ قورشاۋىدا قالغان ۋە ئېغىر شەكىلدىكى زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان. خىتاي ساقچىلار ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى ب د ت دەرۋازىسىدىن مەجبۇرىي ھەيدىۋەتمەكچى بولغاندا، ئەرزدارلار قارشىلىق كۆرسەتكەن. نەتىجىدە، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىدا بىر نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدار يارىدار بولغان.

بېيجىڭدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەرزدارلار ئاخىرى خىتاينىڭ دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قانۇن-نىزاملىرىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن. نەتىجىدە، ئۇلار ب د ت غا بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەرز‏-شىكايەتلىرىنى ب د ت غا يەتكۈزمەكچى بولغان. بىراق ب د ت بىناسى ئالدىدىكى خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ ب د ت خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويمىغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان 3 نەپەر ئەرزدار ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ب د ت غا بېرىشقا مەجبۇر بولغانلىقى، ب د ت خادىملىرىغا نېمىلەرنى يەتكۈزمەكچى ئىكەنلىكى ۋە ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە خىتاي ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا قانداق زوراۋانلىق قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بۇ مەلۇماتلارنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلايسىلەر.