خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ دەسسىلىش ۋەقەسىنى كىچىكلىتىشكە ئۇرۇنماقتا

ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەسسىلىپ يارىلىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەگە دائىر ئۇچۇرلارنى بارلىق ئامال بىلەن كونترول قىلىپ ۋە ۋەقەنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ غۇلغۇلا قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا

0:00 / 0:00

29 - نويابىر ئاقسۇ شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپتە يۈز بەرگەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەسسىلىپ يارىلىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەگە دائىر ئۇچۇرلارنى بارلىق ئامال بىلەن كونترول قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ غۇلغۇلا قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللانماقتا. شۇنداقلا چەكلىك دائىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ ۋەقەنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىنكى جىددىيچىلىكلىرى، ۋەقەنىڭ خىتاي دائىرىلىرى كۆرسەتكەندەك ئاددىي ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلاپ تۇرماقتا. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئاقسۇدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن ئىگىلىگەن يېڭى مەلۇماتلىرى دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

زىيارەت چەكلەندى

ئاقسۇ شەھەرلىك - 5 باشلانغۇچ مەكتەپتە دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى تۇنجى خەۋەر شىنخۇا ئاخباراتىدا تارقىتىلغان ئىدى، ئۇنىڭدا 100گە يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئەپسۇس بۇ خەۋەر تارقىتىلىپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىنلا توردىن ئۆچۈرۈلدى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دەسسىلىش ۋەقەسى ھەققىدە قايتىدىن بىر تۇتاش تارقاتقان خەۋەرلىرى مەتبۇئاتتا ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىدى.

ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش تارقاتقان خەۋەرلىرىدە يارىلىنىپ دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىلغان ئوقۇغۇچىلار 41نەپەر، ئارىسىدا 6 سىنىڭ يارىلىنىشى ئېغىرراق، قالغان 34 نەپىرىنىڭ بىر قەدەر يېنىك، 9 ياشلىق بىر قىزنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا، جىددىي قۇتقۇزىلىۋاتىدۇ دەپ كۆرسىتىلدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر دەسسىلىش ۋەقەسى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئاخباراتلىرىدا ۋەقەنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكى، قانچىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ يارىلانغانلىقى ھەتتا يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرى ئىكەنلىكلىرى يوشۇرۇپ قىلىنغان. بىزنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەمدە ۋەقەدە يارىلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئاقسۇغا قىلغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزمۇ قاتمۇ قات توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن يارىلانغان بالىلار ئاقسۇ شەھەرلىك 1- دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. بىز دوختۇرخانىنىڭ بىر قانچە بۆلۈمىگە تېلېفون ئېچىپ، دەسسىلىش ۋەقەسىدە يارىلانغان بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە تىرىشتۇق، تېلېفون قوبۇل قىلغان دوختۇرخانا خادىملىرى ھەممىسى "يۇقىرىدىن" بۇ ۋەقە توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق ئۇقتۇرۇشى چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە يەنىمۇ تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق.
ئىشخانا مۇدىرىنىڭ جاۋابلىرى دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلىكىنى يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇ يەنە بىزنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان قىلغان ئاخباراتىنى ئاساس قىلىشىمىزنى باشقا سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پات- پاراقچىلىق؟

خىتاينىڭ ئاخباراتلىرىدا ۋەقەگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پات -پاراقچىلىقدىن كېلىپ چىققان ياكى قىستاڭچىلىقتىن كېلىپ چىققان دەسسىلىش ۋەقەسى دەپ تەبىر بېرىلىپ كەلگەن ئىدى.
ئەمما ئاقسۇ 5 - باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىتىشتىن ئېھتىيات قىلغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋەقەنىڭ پەلەمپەينىڭ رىشاتكىسىنىڭ ئاجراپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە بۇ مەكتەپ 1965 - يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپى بولۇپ، 32 سىنىپتا جەمئىي 1892 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن. بىر يۈز 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى خىزمەتچىلەر بار ئىكەن.

دەسسىلىش ۋەقەسى، ئوقۇغۇچىلار ئىككىنچى سائەتتىن كېيىنكى گىمناستىكىغا چىقىش ۋاقتىدا يەنى شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 10 دا يۈز بەرگەن بولۇپ، تەنەپپۇس قويۇپ بېرىلىشى بىلەن بەش قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسىدىكى سىنىپ -سىنىپلاردىن يۈگۈرۈپ چىققان ئوقۇغۇچىلار پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقاندا، ئىككىنچى قەۋەت پەلەمپەيىنىڭ تۇتقۇچى ئاجراپ، بىر قانچە سېكۇنت ئارلىقىدىلا يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار ئارقا -ئارقىدىن بىر بىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىپ، پات- پاراقچىلىقتا ئاستىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان. بېسىلىپ كەتكەن ۋە دەسسىلىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ باش ۋە قورساق قىسمى، بەزىلىرىنىڭ سۆڭەكلىرىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان. ۋەقە يۈز بەرگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېچىنىشلىق چىقىرىغان ئاۋازلىرى ۋە يىغا ئاۋازلىرى مەكتەپنى بىر قاپلىغان. قاتتىق چۆچۈپ، قورقۇپ كەتكەن بەزى كىچىك ئوقۇغۇچىلار ئىشتانلىرىغا سىيىپمۇۋەتكەن.

بۇ ئوقۇتقۇچى زادى قانچىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۆزىمۇ ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمىدى، پەقەت ئىلگىرى ئاخىر 120 دىن ئارتۇق بالىنىڭ دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى دېدى ۋە يەنە مەتبۇئاتلاردا جىددىي قۇتقۇزىلىۋاتىدۇ دېگەن ئوقۇغۇچىنىڭ 9 ياشلىق مەدىنە ئىسىملىك ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ باش قىسمى ۋە كۆكرەك قىسمىنىڭ ئېغىر زەخمىلەنگەنلىكىنى بۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىبرەت

بىز 5 - باشلانغۇچ مەكتەپتىكى دەسسىلىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە يەنىمۇ ئېنىق ئۇچۇر ئېلىش مەقسىتىدە ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق، ئەمما خىتاي ساقچى بىزنى بۇ ھەقتە زىيارەت قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ " ئاقسۇدا ھېچقانداق چوڭ بىر ئىش يۈز بەرگىنى يوق، بۇلارنى سورايدىغانغا كىم سەن؟ دەپ سوراپ قوپاللىق ئىشلەتتى.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى مۇشۇنداق ئەركىن ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىشىنى قاتتىق چەكلەۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەقەگە قارىتا ئادەتتىن تاشقىرى سەزگۈرلۈك ۋە جىددىيلىك ئىپادىلىمەكتە.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئاقسۇدىكى مەزكۇر دەسسىلىش ۋەقەسىگە دائىر تارقىتىۋاتقان خەۋەرلىرىدىن ئاشكارلىنىشىچە، 29 - نويابىر ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئۆزىدىلا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتتە جىددىي يىغىن چاقىرىلىپ، ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى ۋە پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەنلەرنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاقسۇغا ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە ۋە يارىدار بالىلارنى داۋالاشقا ئايرىم ئايرىم ئىككى گۇرۇپپا خادىم ئەۋەتىلگەن.

ئاقسۇ دائىرىلىرى بولسا ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن 4 دە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ۋەقە ھەققىدە مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ زىيارىتىنى رۇخسەتسىز قوبۇل قىلماسلىق ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرگەن ۋە ھەر بىر يارىلانغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە بىر ئوقۇتقۇچى ۋە بىر كادىرنى ئەۋەتىپ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشكە باشلىغان.

30 - نويابىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ نازارىتى جىددىي يىغىن چاقىرىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى تەكشۈرۈپ چىقىش ھەققىدە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرغان. ھەمدە بۇ ھەقتە بارلىق مەكتەپلەرگە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان.

مەزكۇر ئوقتۇرۇشتا ئاقسۇ 5 - باشلانغۇچ مەكتەپتە پات- پاراقچىلىقتىن كېلىپ چىققان دەسسىلىش ۋەقەسىدىن ئىبارەت ئېچىنىشلىق ۋەقەدىن ئىنتايىن چوڭ ئىبرەت ئېلىش كېرەك، بۇ ۋەقە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىدە ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ خىل ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كىچىك ۋە ئەڭ ئاجىز نۇقتىلارنىمۇ بوش قويۇۋەتمەي تۈزىتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك" دەپ تەكىتلەنگەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈنگە قەدەر تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدا ۋەقە سەۋەبىنىڭ يەنىمۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.