دەۋاگەر نۇرۇنگۈل توختى: جۇڭگو پۇقراسى بولۇشنى خالاپ كەتمەيمەن

تۈنۈگۈن بېيجىڭدىكى 30 غا يېقىن ئۇيغۇر ئەرزدار خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توپلىشىپ ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۆز ئەرزلىرىنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

0:00 / 0:00

ساقچىلارنىڭ تەۋسىيە ۋە تەھدىتلىرى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن، دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىدىن مەخسۇس ئادەم كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەرزىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ۋە ئۇلارنى دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىگە ئاپىرىپ سۆھبەتلىشىپ ئەرزلىرىنى بىر-بىرلەپ ئاڭلاپ چىققان. سۆھبەتتە ئەرزدارلاردىن بىر نەپىرى ئۆز شەخسىي ئەرزى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان، پۈتۈنلەي ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نارازىلىق ھېسسىياتى ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى بايان قىلغان. ئۇ، مەسئۇل خادىمغا ھېچ ئىككىلەنمەستىن: «مەن جۇڭگو پۇقراسى بولۇشنى خالاپ كەتمەيمەن» دېگەن.

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر دەۋاگەرلەرنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە. ئەرزىنى ھەل قىلالمىغان دەۋاگەرلەر ئۆز نارازىلىقلىرىنى تۈرلۈك شەكىل ۋە تۈرلۈك مەزمۇنلاردا ئىپادىلىمەكتە. ئۆتكەن ئايلاردا ب د ت قورۇسى ئالدىدا توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن بۇ ئەرزدارلار بۇ قېتىم، خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توپلىشىپ ئولتۇرۇۋالغان ۋە ئەرزلىرى سورالمىغۇچە ئورنىدىن تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەرز قىلىش داۋامىدا شەخسىي تەقدىرى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئارىسىدىكى باغلىنىشنى بايقىغان بىر تۈركۈم ئەرزدارلار، ئەرزلىرىنى بايان قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي مىللىي ئىرادىسى ۋە مىللىي ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەشكىمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شىكايەتلەر بۈگۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەممە جايلىرىدا تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان، ئەمما خىتاي ئاخباراتىدا يېزىلمايدىغان، خىتاينىڭ قۇرۇلتايلىرىدا بايان قىلىنمايدىغان شىكايەتلەر. بەزى چەتئەللىك ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىل مىللىي ئىرادىگە تەئەللۇق شىكايەتلەرنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن ۋە ئاتالمىش خەلق ۋەكىللىرىدىن كۈتۈشمەكتە.

ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىم بۇ شىكايەتنى قىلغۇچى، ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېلىپ ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان نۇرۇنگۈل توختى ئىسىملىك بىر خانىمدۇر.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.