تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 3-چوڭ پارتىيە بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى دەۋلەت باغچەلى ئەپەندى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى پارلامېنتتا قىلغان نۇتقىدا باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىگە باھا بەردى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم ۋە زوراۋانلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى دېدى.
تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى داۋاملىق كۈن تەرتىپكە كېلىشكە باشلىدى. ئۇيغۇر مەسىلىسى 1950-يىللاردىن تارتىپ تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈن تەرتىپكە كېلىۋاتقان مەسىلە. ئەمما 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تېخىمۇ بىر قەدەم كۈن تەرتىپكە كېلىشكە باشلىدى. ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا 4 پارتىيىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى مەۋجۇت. بۇ پارتىيىلەر ھەر سەيشەنبە كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا گۇرۇپپا يىغىنى چاقىرىپ، ھەرقايسى پارتىيە باشلىقلىرى نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆز پارتىيىسىنىڭ تۈركىيىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىدۇ. بۇ نۇتۇقلار دۆلەت تېلېۋىزىيىسى بولغان ت ر ت 3 قانىلىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ.
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى، سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر دەۋلەت باغچەلى ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا پارتىيە ئەزالىرى، ژۇرنالىستلار ۋە ئاممىغا قىلغان نۇتقىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەرقانداق سىياسىي رىقابەتنىڭ ئۈستىدىكى بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ھۆرمەتلىك مېھمانلار، ھۆرمەتلىك مۇخبىرلار، پارتىيىمىزنىڭ ھەپتىلىك يىغىنىنى باشلاشتىن بۇرۇن ھەممىڭلارغا ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بەزى ئۇچرىشىشلار ئېلىپ باردى. بۇ زىيارەتتە بىرىنچى بېكىتىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى تاللىشى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتتى. بىزنىڭ يۈرىكىمىزدە چوغدەك يېنىپ تۇرغان بۇ تۈرك يۇرتىغا باش مىنىستىرنىڭ قەدەم تاشلىشى شەكىل جەھەتتىن بولسىمۇ بىزنى سۆيۈندۈرىدىغان ۋە خۇرسەن قىلىدىغان بىر ئىش. مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغان جايغا بارمىغان بولسىمۇ، باش مىنىستىر بىرئاز كەچ قالغان بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاننى ئېسىگە ئېلىشى ئۆزى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا كىشىگە ئۈمىد بەخش ئېتىدۇ. ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇت قەشقىرىنىڭ باش مىنىستىرغا ئىلھام مەنبەسى بولۇشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەپسۇسكى باش مىنىستىرنى ۋە باش مىنىستىرنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى ئاخبارات ئورگانلىرى ‹27-يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر تۈرك باش مىنىستىر شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدى› دەپ يازدى ۋە بۇ زىيارەتنى تەشۋىقات ۋاسىتىسى قىلىپ پايدىلاندى. بىز ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەرقانداق سىياسىي رىقابەتنىڭ ئۈستىدىكى بىر مەسىلە.»
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى، سابىق باش مىنىستىر مۇئاۋىنى دەۋلەت باغچەلى ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا قىلغان نۇتقىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى ۋە زوراۋانلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«2001-يىلىدا تۈركىيىنىڭ باش مىنىستىر مۇئاۋىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۈركلەرنىڭ خەزىنىسى بولغان ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان ئىدۇق. باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەرىتىدىكى ئورنىنى بىلمەيدىغان زامانلاردا بىز قېرىنداشلىرىمىزنى بىلەتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى قەلبىمىزدە ھېس قىلاتتۇق. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمىنى، زوراۋانلىقىنى لەنەتلەيمىز ۋە ئەيىبلەيمىز. 2009-يىلى 150 شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىندىشىمىز خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندە بىزنىڭ ئىچىمىز ئاغرىپ يۈرەكلىرىمىز داغلانغان ئىدى. باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۈرۈمچى بازىرىدا ئايلىنىشى، بىر قانچە سودىگەر بىلەن سۆزلىشىشى، تون كىيىپ تونۇر كاۋىپى كېسىشى ئۆزى ئۈچۈن بىر نەرسە ئىپادىلىسىمۇ شەرقىي تۈركىستان مىللىي دەۋاسى ئۈچۈن ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر. باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش ئەمەس، ئۇنىڭ كۆڭلى سۈرىيىدە، يەنە بىر كۆڭلى تىنچ ئوكياننىڭ يەنە بىر ياقىسىدا. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەسلىدە خىتايغا بەزى دۆلەتلەر ئۇنىڭغا تاپشۇرغان تاپشۇرۇقنى ئورۇنداش ئۈچۈن باردى. يەنى، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان خىتاينى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى قوللىماسلىق ئۈچۈن خىتاينى قايىل قىلىشقا باردى. خىتايدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا باردى، ئەمدى رۇسىيىگە بارماقچى.»