ئىلى دېھقانلىرىغا مېۋىلىك كۆچەت تىكىش ھەم پارنىك ياساش سېلىقى سېلىنماقتا

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلى دېھقانلىرى بۇلتۇر كۈز پەسلىدىن باشلاپ، ئەسلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرگە مېۋىلىك كۆچەت تىكىش ۋە پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈشكە مەجبۇرلانغان.

0:00 / 0:00

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە دېھقانلار تېرىلغۇ يەرلەرگە مېۋىلىك كۆچەت تىكىشنى رەت قىلغان. ئەمما، يېزىلىق ھۆكۈمەت تېرىلغۇ يەرلەرگە كۆچەت تىككەندە بۇ يەر باھاسىنىڭ ھەسسىلەپ ئاشىدىغانلىقىنى، پارنىك قىلغاندا كۆكتات سېتىپ پايدا ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، دېھقانلارنى مېۋىلىك كۆچەت تىكىشكە ھەم پارنىك ياساشقا مەجبۇرلىماقتا ئىكەن.

ئىلى رايونىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ھەم يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ئىستېمال ئادىتىگە ئاساسەن، ئىلى دېھقانلىرى تېرىقچىلىق بىلەن سۈت-قايماق ۋە گۆش-ياغ ئېھتىياجى ئۈچۈن باقمىچىلىقنى ئاساسى كەسىپ قىلىپ كەلگەن.

ئىلى دېھقانلىرى يەنە، ئۆز ئائىلىسىنى مېۋە بىلەن تەمىنلەش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئۆز ھويلىسىغا مېۋىلىك كۆچەت ئۆستۈرگەن بولسا، بەزى ئۇيغۇرلار مەخسۇس مېۋىلىك باغ بىنا قىلىپ، باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.

ئىلى دېھقانلىرىنىڭ ھاياتىدا بۇغداي ھەم قوناق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان ھەرقانداق دېھقاننىڭ يەنىلا ئۆز ئالدىغا تېرىلغۇ يەرلىرى بولۇپ، ئۇلار ئائىلىسىنىڭ ئاشلىق ئېھتىياجى ۋە مال-چارۋىلىرىنىڭ يەم-خەشەك ئېھتىياجى ئۈچۈن بۇغداي، قوناق، قىچا، زىغىر قاتارلىق دانلىق زىرائەتلىرىنى تېرىشقا ئادەتلەنگەن ئىدى.

ئەمما، رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئىلى يەرلىك ھۆكۈمىتى غۇلجا شەھىرىگە يېقىن يېزىلاردا، دېھقانلارنى تېرىلغۇ يەرلىرىگە ئالما، ياڭاق قاتارلىق مېۋىلىك كۆچەتلەرنى تىكىشنى ھەم دېھقانلارغا ئەسلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرگە پارنىك ياساپ كۆكتات تېرىشنى تەشەببۇس قىلغان.

دېھقانلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، تۇرپانيۈزى، پەنجىم قاتارلىق يېزىلاردا يېزىلىق ھۆكۈمەت بۇلتۇر كۈز پەسلىدە دېھقان ئائىلىلىرىگە ھەقسىز سورتلۇق ئالما كۆچىتى تارقىتىپ بەرگەن. شۇنداقلا تېرىلغۇ يەرلەرگە ئالما كۆچىتى تىكىشنى رەت قىلغان دېھقانلارنىڭ يەرلىرىگە يېزىلىق ھۆكۈمەت پۇل چىقىرىپ ئادەم ياللاپ ئالما كۆچەتلىرى تىككەن. يېزىلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرى دېھقانلارغا بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، بۇ تېرىلغۇ يەرلەر مېۋىلىك باغقا ئايلانسا، غۇلجىدىكى ئايلانما تەرەققىيات رايونىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئەگەر دېھقانلار بۇ باغلارنى ھۆكۈمەتكە سېتىپ بېرىشكە توغرا كەلسە، دېھقانلارنىڭ يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان مېۋىلىك باغلارنى ساتقىنىدا ھەسسىلەپ پايدا ئالىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېزىلىق ھۆكۈمەت قاتارلىق يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دېھقانلارنى تېرىلغۇ يەرلىرىنى مېۋىلىك باغلارغا ئايلاندۇرۇشقا مەجبۇرلىشى، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتكەن دېگەن جازاغا تارتىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتىكى ھىيلىسى بۆلىشى مۇمكىن ئىكەن.

چۈنكى خىتاينىڭ يەر قانۇنىدا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، «ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى ھەم باشقا شىركەتلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ھەرقانداق باھانە بىلەن ئىگىلىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى» بەلگىلەنگەن ئىكەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە غۇلجا شەھرى ئەتراپى يېزىلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ باغلىرى مەجبۇرى سېتىۋېلىنىپلا قالماستىن، بەلكى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىمۇ پارنىك ياساپ كۆكتات ئۆستۈرۈش باھانىسىدە «دېھقانچىلىق ماھىرلىرى» نامىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە 10 يىللىق ياكى 20 يىللىق توختام بىلەن سېتىپ بېرىلىشكە باشلىغان.

دېھقانلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، غۇلجا شەھرى ئەتراپىدىكى بايانداي، كېپەكيۈزى، روزىمەتيۈزى، دادامتۇ، خەنبىڭ، تاشكۆۋرۈك قاتارلىق يېزىلاردا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پارنىك ياساپ كۆكتات تېرىشنى رەت قىلغان بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى يىللىق باھاسى بويىچە ئەرزان باھالاپ مەجبۇرى سېتىۋېلىپ، بۇ يەرلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن دېھقانچىلىق ماھىرلىرى نامىدا يۆتكەپ كېلىنگەن كۆچمەنلەرگە پارنىك ياساپ كۆكتات ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۆتۈرە بېرىشكە باشلىغان.

ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت تورىنىڭ ئۆتكەن ئايدىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «12-5 يىللىق پىلان» مەزگىلىدە غۇلجا شەھرى يەنە كېڭەيتىپ قۇرۇلۇش پىلانلانغان. خەۋەردە كېڭەيتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى غۇلجا نوپۇسىنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىدىغىنى كۈندىلىك كۆكتات مەسىلىسى ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە كېڭەيتىش پىلانلانغان غۇلجا شەھىرىدە كۆپىيىۋاتقان نوپۇس ئەمەلىيەتتە، ئىلى رايونىدىكى پىلىچىخاڭ قاتارلىق جايلاردىكى مول كۆمۈر كان بايلىقى ھەم باشقا كان بايلىقلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەن. شۇڭا، غۇلجا شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردا دېھقانلارغا مەجبۇرى ھالدا پارنىك ياساپ، كۆكتات تېرىشكە مەجبۇرلىنىشى ئەمەلىيەتتە مۇشۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆكتاتقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكى مۇقەررەر ئىكەن.

ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىمۇ بۇ خەۋەر دەلىللەنگەن بولۇپ، بۇلتۇر قىش پەسلىدىن بۇيان غۇلجىنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردىكى پارنىكلاردا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلارنىڭ غۇلجىنى كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، غۇلجا شەھەر ئەتراپىدىكى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى مېۋىلىك باغقا ئۆزگەرتىشكە ھەم دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىدە پارنىك ياساپ كۆكتات ئۆستۈرۈشكە مەجبۇرلىنىشى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلى رايونىغا يەنىمۇ كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن يۆتكەش مەقسىتىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.