ئۇندىن باشقا يەنە، دەم ئېلىشقا چىققانلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاھالىلەردىن تەشكىللەنگەن، 600 مىڭ كىشىلىك "خالىسانە بىخەتەرلىك خىزمەتچىلىرى" ۋەزىپە ئاتقۇرىدۇ.
پېتېر گوئودسپېئېد ماقالىسىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاساسلىق مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىدىغان تەنتەربىيە زاللىرىغا، يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ھاۋادا ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىغا كىرگۈچىلەرنى ئىنتايىن قاتتىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
بېيجىڭ ئولىمپىكى پۇل ئەڭ كوپ خەجلەنگەن مۇسابىقە
ماقالە ئاپتورى يۇقىرى كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە كەڭ قوللىنىلغانلىقىنى، كۆپلىگەن ئورۇنلارغا كۆزگە كۆرۈنمەس، مىكروفون ئىقتىدارى بولغان، تىڭشىغۇچ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، بۇ خىل ئاپپاراتلارنىڭ 10 نەچچە خىل تىلدىكى سۆزنى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا، 300 مىڭدىن ئوشۇق يوشۇرۇن كامىرانىڭ، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىدىغانلىقىنى يازىدۇ.
ماقالىدە ئامېرىكىنىڭ ۋېرجىنىيە شىتاتىغا جايلاشقان، بىخەتەرلىك سانائىتى ئورنىنىڭ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىكنىڭ ھارپىسىدا، نازۇك كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىش ئەسۋابلىرى ئۈچۈنلا 6 مىليارد 500 مىليون دوللار پۇل خەجلىگەنلىكىنى تەخمىن قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە ئىراق ئۇرۇشىنىڭ كۆلەڭگۈسى ۋە 11 - سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن، 2004 - يىللىق ئافىنا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ، بىر مىليارد 300 مىليون دوللار خەجلەنگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. ماقالىدە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن نەچچە مىليارد دوللارنى بۇزۇپ - چاچقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
غەرب دۆلەتلىرىگە ئۆزىنى كۆرسىتىش
ماقالىدە خوڭكوڭلۇق يازغۇچى، ژۇرنالىست فرانك چىڭنىڭ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرگەنلىكى، دۇنيانىڭ سەھنىسىدىكى مۇھىملىقى ۋە رولىنى نامايەن قىلىشقا ھەدەپ ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتاينىڭ قولىغا ئۆتىشى بىلەن، ئەسلى مەنىسىنى يوقىتىپ، ئولىمپىكنىڭ تاشقى جەھەتتە، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ۋە ئىچكى جەھەتتە، ئۆكتىچى كۈچلەرنى باستۇرۇشقا يول ئاچقانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى نەقىل ئالىدۇ.
ئولىمپىك كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىغا يول ئاچتى
كانادا "دۆلەت پوچتىسى" گېزىتنىڭ ستون يازغۇچىسى پېتېر گوئودسپېئېد ماقالىسىدە،ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتاي ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا باھانە بولغانلىقىنى بايان قىلىپ: "خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلغاندا، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلايدىغانلىقى، تېخىمۇ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەت بەرپا قىلىدىغانلىقى، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئەركىن خەۋەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، بۇلار ئاخىر قۇرۇق نەرسە بولدى ۋە بۇ تېمىلار چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەسخىرە تېمىسىغا ئايلاندى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن كاتالىزاتورلۇق رول ئوينىشىنى ئارزۇ قىلغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى، بۈگۈنگە كەلگەندە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئارقىغا چېكىنىشىگە ۋە ئەركىنلىك يوللىرىنىڭ تېخىمۇ توسۇلۇشىغا يول ئاچتى،" دەپ يازىدۇ.
ئاپتور ماقالىسىدا، ئولىمپىك ھارپىسىدا، تىپ - تېنچ بېيجىڭ دېگەن لوزۇنكا - شۇئارلار ئاستىدا، ساقچىلارنىڭ كۆچمەن ئىشچىلارنى، يايمىچىلارنى ۋە دىۋانىلارنى تازىلاۋاتقانلىقىنى،كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى،ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشتىكى زاتلارنى قولغا ئېلىۋاتقانلىقىنى، تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارغا تەھدىتلەرنىڭ يېغىۋاتقانلىقىنى قىسقىسى، قورقۇنۇچلۇق تېررور مۇھىتنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئولىمپىكنىڭ "مۇھىم" مەزمۇنلىرىدىن بىرى
ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلىكلەرنى ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى،چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى بىلەن تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى داھىسى دالاي لامانى، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق سالماقچى، دەپ ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى ۋە بۇلاردىن قارا تىزىملىك تۇرغۇزغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
پېتېر گوئودسپېئېد ماقالىسىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ كۆزى خىتايغا مەركەزلەشكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ھەدەپ ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، تېخى ئالدىنقى ھەپتىدىلا، خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى جىھات قىلماقچى بولغان، دېيىلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.
ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا ئېلىپ بارغان، ھەددىدىن ئارتۇق قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەن، دۇنيادىكى ئەڭ مۇستەبىت دۆلەت دېگەن تەسىراتنى كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرگەنلىكىنى شۇنداقلا بۇ خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى بۇندىن كېيىنكى يىللاردا، خىتاينىڭ ھەممە يېرىگە ئومۇملاشتۇرۇشى مۇمكىنچىلىكىنى بايان قىلىدۇ ۋە بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.