دىلمۇرات پەرھات :"مەن دىلشات پەرھات ۋە بارلىق ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىمەن!"

چارشەنبە كۈنى " دىيارىم تور بېتى"نىڭ چەتئەلدىكى تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان، دىيارىم تور بېتى ساھىبى دىلشات پەرھاتنىڭ ئاكىسى دىلمۇرات پەرھات ئىنىسى دىلشات پەرھات، نىجات ئازاد، نۇرئەلى ئوبۇلقاسىم قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم سوت تەرىپىدىن مەخپىي سوتلانغانلىقىنى رادىئومىز ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلاتقان ئىدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن ئۇ يەنە، مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ئۈستىدىن ئېچىلغان بۇ سوتنىڭ پەقەت بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى، يەنە قالغان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ سوتلىنىش ئالدا تۇرغانلىقى، ياكى مەخپىي ھالدا سوتلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دىلمۇرات پەرھات، خىتاي دائىرىلىرى ئېلىپ بارغان مەخپىي سوتنىڭ بىر تەرەپلىمە، ئادالەتسىز سوت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىدە بۇ قېتىم خىتاي قانۇن دائىرىلىرىنىڭ ئىنىسى دىلشات پەرھات قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەت ساھىبلىرىغا " دۆلەتنى پارچىلاش"، " قۇتراتقۇلۇق قىلىش" قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئارتىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھەتتا خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى قانۇنىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى، دائىرىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل ئەيىبلىشىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگىنى ئۈچۈن، بۇ سوتنى قانۇن رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىغان ھالدا، خەلقتىن يوشۇرۇن ھالەتتە، پۈتۈنلەي مەخپىي ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دىلمۇرات پەرھات خىتاينىڭ ئۆزىنىڭمۇ قانۇنىغا خىلاپ ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ سوتنىڭ ھۆكۈمىگە، ئىنىسى دىلشات پەرھات قاتارلىق ياشلارنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ قايىل بولمىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلمۇرات پەرھات يەنە، ئىنىسى قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان، خىتاي قانۇن دائىرىلىرىنىڭ ئىنىسىنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق، ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۈزلۈكسىز بېسىم ئىشلىتىپ، ئۆزىنى ئەنگىلىيىدىن چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا ئۇچۇر بەرمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. دىلمۇرات پەرھات يەنە، سوت ئېچىلىشنىڭ ئالدى - كەينىدە، ئۆزىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇپمۇ خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن، تۈرلۈك تەھدىتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئەمما، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىش ئىرادىسىدىن يانمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.