رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇرۇمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، 22 - ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى شىنجاڭ ئىقتىسات گېزىتىنىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىيازنى سوتلاش بىلەن بىرلىكتە، يەنە ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ئۈستىدىنمۇ يېپىق سوت ئاچقان. شۇنداقلا بۇ خەۋەرنى ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن مەخپىي تۇتقان.
بۈگۈن دىيارىم تور بېتىنىڭ يەنە بىر تور باشقۇرغۇچىسى، دىلشات پەرھاتنىڭ ئاكىسى دىلمۇرات پەرھات زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىنىسى دىلشات پەرھات ۋە باشقا ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ئۈستىدىن سوت ئېچىلىپ ئۇلارغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.
دىلمۇرات پەرھاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ئۈستىدىنمۇ سوت ئاچقان. سوت يېپىق ھالەتتە ھەم جەمئىيەتتىن مەخپىي ھالەتتە ئېچىلغان بولۇپ، قولغا ئېلىنغان تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىۋاستە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمۇ سوتتىن بىر كۈن ئىلگىرىلا سوت ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دىلمۇرات پەرھات بىزگە ئىنىسى دىلشات پەرھات بۇلتۇر 8 - ئايدا قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان، ئائىسىدىكىلەرنىڭ ئىنىسى توغرىلىق ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى، مانا بۈگۈن، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر ئاغىينىسىدىن ئىنىسى ھەم باشقا ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ سوتلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلمۇرات پەرھاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىلشات پەرھات 5 يىللىق قاماق جازاسىغا، نىجات ئازاد 10 يىللىق قاماق جازاسىغا، نۇرئەلى 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، باشقا تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ئۈستىدىنمۇ سوت ئېچىلغان ياكى ئېچىلماقچى ئىكەن.
بۇلتۇر يازدا ئۈرۈمچىدە پارتلىغان " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ 200 گە يېقىن ئۇيغۇر تور بېتىنى تاقىغان ئىدى. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇربەكرى تېلىۋىزوردا سۆز قىلىپ، " ئۇيغۇر بىز"،"دىيارىم"،" شەبنەم"،"سەلكىن" قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە ئاتاپ، بۇ تور بەتلىرىنى" 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ پارتلىشىدا قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىغان دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. نۇربەكرى سۆزىدە، بۇ تور بەتلىرىنى " 2009 - يىلى 26 - ئىيۇن كۈنى شاۋگۇەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن، خىتاي ئىشچىلار بىلەن زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلار ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشنى، ۋە توقۇنۇشتا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى بۇ تور بەتلىرى زىيادە مۇبالىغىلەشتۈرۈپ خەۋەر قىلدى، " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى" توغرىلىق ئۇقتۇرۇشلار " ئۇيغۇربىز"،"شەبنەم"،"سەلكىن" تور بەتلىرىدە چاپلىنىپ، " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ يۈز بېرىشىدە قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىدى." دېگەن سۆزلەر بىلەن ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
نۇربەكرى تېلىۋىزوردا ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى ئەيىبلىگەندىن كېيىن،" ئۇيغۇر بىز" تور بېكىتىنىڭ ساھىبى، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى، "دىيارىم"تور بېكىتىنىڭ ساھىبى دىلشات پەرھات، "شەبنەم" تور بېكىتىنىڭ ساھىبى نىجات ئازات، "سەلكىن" تور بېتىنىڭ تور باشقۇرغۇچىسى ئوبۇلقاسىم، ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن مۇھەممەت ئابدۇللا قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ھەم توردا ماقالە ئېلان قىلغان زىيالىيلاردىن ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىياز قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەم ياشلار قولغا ئېلىنغان ئىدى.
ئىلھام توختى بۇلتۇر 8 - ئايدا خىتاي مەخپىيەتلىك ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن بېيجىڭدا 1 ئايغا يېقىن تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئەمما، ۋەقەدىن كېيىن، ئىلھام توختىنىڭ ھەر قانداق باھانىلەر بىلەن ھەتتا ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈنمۇ چەتئەلگە چىقىشى چەكلەنگەن ئىدى. ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدە خىتاي قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى بولسا قەرەلسىز ھالدا خىتاي تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا بېكىتىلگەن جىنايەت ھەققىدە بۇ تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ھەم مەتبۇئات ساھەسىگە ھېچقانداق ئېنىقلىما بەرمىگەن ئىدى.
دىيارىم تور بېتىنىڭ ئۆزى ئەنگىلىيىدە تۇرۇشلۇق يەنە بىر تور بەت باشقۇرغۇچىسى دىلمۇرات پەرھات كۆپ قېتىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىنىسى دىلشات پەرھات ھەم باشقا ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئۇ بايانىدا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرى باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى مۇراجەت قىلغان ئىدى. خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشقا چاقىرىپ دەۋەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.
ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ دەۋەت قىلىشى ھەم بېسىمىغا قارىماي، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىيازنى"دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى" بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە ئۈرۈمچى قانۇن ئورگانلىرى غەيرەت نىياز بىلەن بىر ۋاقىتتا سوتلانغان دىلشات پەرھات، نۇرئەلى، نىجات ئازاد قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ھەققىدە خەلقئارا جامائەتكە ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىدى.
دىلمۇرات پەرھاتنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئىنىسى دىلشات پەرھات ھەم باشقا ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ھەققىدە، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا مۇراجەت قىلغاندىن كېيىن، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كېلىپ، ئاتا - ئانىسىدىن دىلمۇرات پەرھاتنىڭ، ئىنىسى دىلشات پەرھات توغرىلىق چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىغا بېسىم ئىشلەتكەن. ئوغلى دىلشات پەرھات قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، روھى جەھەتتىن قاتتىق ئازاپ تارتقان دادىسى پەرھات ئەپەندىمۇ تېخى 2 ھەپتە ئىلگىرى ئېغىر يۈرەك كېسىلى بىلەن تۇيۇقسىز قازا قىلغان. شۇڭا دىلشات پەرھاتنىڭ ئانىسى نۆۋەتتە ئېغىر مۇسىبەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئانىسى دىلشات پەرھات ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتقا قاتنىشالمىغان ھەم ئەنگىلىيىدە تۇرۇۋاتقان ئوغلى دىلمۇرات پەرھاتقىمۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۇنىڭ ئىنىسى دىلشات پەرھاتنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.
ئۆتكەن ھەپتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىر غەيرەت نىيازغا 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتلىرى ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەيرەت نىيازنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلەش بىلەن بىللە، تۇرمىدە مۇددەتسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان دىلشات پەرھات قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنى قويۇۋېتىشكە ياكى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشقا چاقىرغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.