دىلشات رىشىت: خىتاي دائىرىلىرى موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتىشىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا

ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ جىددىي ھالەت يۈرگۈزگەن.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى موڭغۇلدىلا ئەمەس ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئىنتېرنېتقا چەكلىمە قويۇش، قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى كۆپەيتىش، كوچا چارلاشنى كۈچەيتىشكە ئوخشاش جىددىي ھالەت يۈرگۈزگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى پۈتۈنلەي ئىچكى موڭغۇلدىكى خەلق نارازىلىق يالقۇنلىرىنىڭ باشقا جايلارغىمۇ تۇتۇشۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە تۇيۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ،مەزكۇر ئۇچۇرغا ئاساسەن ئۈرۈمچىدىكى ساقچى دائىرىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز دىلشات رىشىتنىڭ بايانلىرىنى دەلىللىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، خىتاي شوپۇرىنىڭ موڭغۇل چارۋىچىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈۋېتىش ۋەقەسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن، 15-مايدىن باشلاپ ئىچكى موڭغۇلدا پارتلىغان قارشىلىق نامايىشلىرى خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭمۇ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۇ پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتى موڭغۇللارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ باشقا رايونلارغا تۇتۇشۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىچكى موڭغۇلنىڭ نامايىش پارتلىغان شىلىنغۇل ۋىلايىتىنىڭ بىر قىسىم ناھىيە بازارلىرىدا نىسبەتەن قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش سىياسىتى قوللانغان بولسا يەنە بىر قىسىم شەھەرلىرىدە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى كۆپەيتىپ، كوچا چارلاشنى كۈچەيتىش، ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى كونترول قىلىشقا ئوخشاش جىددىي كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا بولغان نازارەتنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى،رايوندىكى تېلېۋىزور خەۋەرلىرىدە شەھەر ئاھالىسىنى ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۆيدىن تالاغا چىقارماسلىققا ئاگاھلاندۇرغانلىقى مەلۇم ئىدى. بۇ خىل ۋەزىيەت خەلقئارا جەمئىيەتتە ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن يەنى 31-ماي رادىئومىزغا مەلۇمات بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سەزگۈرلۈكنى ئىپادىلەيدىغان، مەكتەپلەرنى قامال قىلىش، ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى كونترول قىلىش ۋە چارلاشنى كۈچەيتىشكە ئوخشاش جىددىي ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىتنىڭ بايانىغا قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرتقا چىقىشىنى چەكلىگەن، بەزى يەرلىك ئىنتېرنېت ئالاقىسىگە كاشىلا پەيدا قىلغان. بىز بۇ ئۇچۇرلارنى دەلىللەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئامانلىق بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، مەكتەپنىڭ ئامانلىق تەدبىرلىرىنى قاچاندىن باشلاپ كۈچەيتىلگەنلىكى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىدۇق، ئامانلىق خادىمى، مەكتەپنىڭ ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ بۇرۇندىنلا شۇنداق كۈچلۈكلۈكى، ھېچقانداق ئالاھىدە ۋەقە بولمىغانلىقى، ئىچكى موڭغۇلدىكى نامايىش ھەققىدە بۈگۈن خەۋەر كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

بىز يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سايباغ رايونلۇق تارمىقىغا تېلېفون ئۇلىدۇق، تېلېفوننى ئالغان بىر خىتاي ساقچى ھەقىقەتەن يېقىنقى بىر ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئامانلىقنى كۈچەيتىشتە ئىلگىرىلىگەن ھالدا جىددىي تەدبىرلەر ئېلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ ئەمما «سەۋەبىنى چۈشەندۈرەلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

خەلقئارا جەمئىيەت شىلىنغۇل ۋىلايىتى ھەم باشقا جايلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلارنىڭ نوقۇل ھالدا بىر موڭغۇل چارۋىچىنىڭ خىتاي شوپۇر تەرىپىدىن ماشىنا بىلەن بېسىپ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن ھاسىل بولغان نارازىلىق ھەرىكىتى بولماستىن بۇ موڭغۇللاردىكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يىغىلىپ قالغان مەدەنىيەت، ئىقتىساد، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى كەمسىتىشكە قارشى ئۆز ھەق-ھوقۇقى ھەم ئىنسانىي غۇرۇرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانىي نامايىش دەپ باھا بەرمەكتە.

دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرى مۇئاۋىن مەسئۇلى كەتېرىن بەيبېر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، «ئىچكى موڭغۇلدىكى نامايىشنىڭ دائىرىلەر ئۈچۈن بىر ئويغىتىش سىگنالى» ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ سىگنال بەرگۈچىلەرنى باستۇرۇشنىڭ ئورنىغا يەنە بىر ئاز سانلىقلار رايونىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدىن تېگىشلىك ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ باياناتى ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرىنى موڭغۇللارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىگە ئۇيغۇرلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلماسلىققا چاقىرغان ئىدى.

گەرچە خەلقئارا جەمئىيەت ۋە چەتئەللەردىكى موڭغۇل پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشقا قاتناشقان موڭغۇللارنى باستۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان بولسىمۇ،ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت گەرچە خىتاي دائىرىلىرى نامايىشنىڭ يەنىمۇ ئۇلغىيىپ كېتىشىنى بار ئاماللار بىلەن توسۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق موڭغۇللارنى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتۇپ، قانلىق باستۇرغاندەك باستۇرمىغانلىقى، ئەگەر شۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقە ئۇيغۇر ئېلىدە قايتا يۈز بەرگەن تەقدىردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يەنىلا 5-ئىيۇلدىكىدەك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىنلىكى ۋە بۇنداق دېيىشىنىڭ ئاساسلىرىنى كۆرسەتتى.

ئىچكى موڭغۇلدا مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى بىر چارۋىچىنىڭ خىتاي شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىل بىلەن بېسىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشى بىلەن كېلىپ چىققان موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشى، 2008‏-يىلى لخاسادا، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە پارتلاپ، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان نامايىشلاردىن كېيىن خىتايدىكى ئاپتونوم ھوقۇقى بېرىلگەن يەنە بىر مىللەت خەلقىنىڭ ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشى ھېسابلىنىدۇ.