خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» نىڭ ئاساسى دەپ زەربە بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جۇ ۋېيچۈن ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىدىكى كادىرلارنىڭ دىنغا ئىشىنىشىنىڭ دىننى قورال قىلىۋالغان بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت ئەزاسى جۇ ۋېيچۈن كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ھەپتىلىك رەسمىي ژۇرنىلى بولغان «ئەمەلىيەت» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، دىنسىزلىقنىڭ پارتىيە ئەزالىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم بىر ئۆلچەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

جۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە دىنغا ئىشىنىدىغان ۋە شۇنداقلا دىنىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال داۋام قىلىۋەرگەن تەقدىردە پارتىيە ئىچىدە بۆلۈنۈشكە يول ئاچىدىكەن، خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ۋە خىتاينىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئەمەلگە ئاشمايدىكەن. جۇ ۋېيجۈن، بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيىسىدىكى بۆلۈنۈشكە سەل قارىماسلىق، دىنغا ئىشەنگەنلەرگە كەڭ قورساقلىق قىلماسلىق كېرەك، دېگەن.

جۇ ۋېيجۈن سۆزىدە، خىتايدىكى مىللىي رايونلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى دىنىي سىياسەت ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان. ئۇ بۇ ئىككى رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتىنى قوللاپ، دىننى چەكلەشنىڭ يوللۇقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ: «پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتكە ئوخشاش مىللىي رايونلاردا، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سەزگۈر رايونلاردا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دىنغا ئىشىنىشىنى چەكلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس» دېگەن.

ئۇ، پارتىيە ئەزالىرى دىنغا ئىشەنگەن تەقدىردە بۇنىڭ پارتىيىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەتكە ئوخشاش مىللىي رايونلاردىكى دىننى ئۆزىگە قورال قىلىپ تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئىچكى ھەم تاشقى دۈشمەنلەر بىلەن كۈرەش قىلىشقا پايدىسىز ۋەزىيەت يارىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئاتالمىش دىنىي رادىكاللارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى دىنىي بېسىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان ئىدى. جۇنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىن مىللىي بۆلگۈنچىلىك خاھىشىنى كۈچەيتىدۇ، دەپ قارىغانلىقتىن، مىللىي رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن دىنغا قارشى جەڭ ئاچقانلىقىنى روشەن يورۇتۇپ بەرمەكتە. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولغاندەك، بولۇپمۇ 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ۋەزىيەتتىن قاتتىق چۆچۈگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى تەقىپكە ئېلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. غۇلجا ۋىلايىتىدىكى مەلۇم بىر ناھىيىدىن بىزگە ئەھۋال مەلۇم قىلغان كىشى نۆۋەتتە ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى دىنىي بېسىم توغرىلىق سۆزلەپ ئۆتتى.

گەرچە، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى جۇ ۋېيجۈن يۇقىرىدىكى باياتىدا ئاساسىي قانۇندا خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ دىنغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكىگە ئىگىلىكى بەلگىلەنگەنلىكى، شۇڭا پارتىيە ئەزاسى بولمىغانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما، ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلار بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ باش ياغلىقىدىن، ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىغىچە ئارىلىشىدىغان ھالغا كەلگەن.

يۇقىرىدىكى كىشىنىڭ بايانلىرى دىننى، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ياكى بۆلگۈنچىلىك خاھىشىغا ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارايدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كادىرلارنىڭ دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكىنى چەكلەشتىن ئاللىمۇقاچان ھالقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى كەمسىتىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە. خۇددى ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئىشلار دوكلاتىدا ئېيتىلغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى «بۆلگۈنچىلىك، دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇق» قا قارشى كۈرەش باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى تەقىب ئاستىغا ئېلىپ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنىمۇ تېررور ۋە جىنايى ئىشلار بىلەن بىر تاياقتا ھەيدىگەنلىكتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى قاتتىق زەربە بېرىش، قولغا ئېلىش، تۈرمىگە سولاش قاتارلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ زادى سىياسىي پائالىيەتچى، جىنايەتچى، دىنىي زات ياكى خەلقنىڭ قايسىسىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئايرىش ئىنتايىن تەس.