خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئىلىدا دىندارلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دىنىي زات ۋە دىنىي گۇرۇھلارغا قارشى باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان. بەزى مەلۇماتلاردا دائىرىلەرنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان غۇلجا ناھىيىسىدىن 140 كىشىنى قولغا ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئىلىنىڭ يەنە بىر قىسىم جايلىرىدا بولسا دىنىي زات ۋە گۇرۇھلارغا قارشى مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئىستىلىدىكى ئاممىۋى تەنقىد قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان.

0:00 / 0:00

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى 5‏- ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىلىدە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك دىنىي ئىبادەت پائالىيىتىگە ئارىلىشىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يەرلىك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىش ئارقىلىق يەرلىك ئاممىدىن ئائىلىدە دىنىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق، بالىلىرىغا دىنىي تەلىم ‏- تەربىيە بەرمەسلىك، ساقال قويماسلىق، ئاياللار بېشىنى ئۆرتمەسلىك قاتارلىق مەزمۇندىكى بەلگىلىمىنى چىڭىتقان. بەزى ئانالىزچىلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي جەھەتتە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل دىنىي سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، تاشقىرىغا نىسبەتەن دىنىي ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىش، ھەج ئۆمەكلىرىنى تەشكىللەپ، خەلقئارا جامائەتچىلىك ۋە ئىسلام ئەللىرىدە ياخشى تەسىرات قالدۇرۇشقا تىرىشسا، ئىچكى قىسىمدا بولسا ئۇيغۇرلارغا بىر خىل، باشقا مۇسۇلمانلارغا يەنە بىر خىل سىياسەت تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ غۇلجا ناھىيىسىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 140 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنى تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە ياكى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ھەرىكىتى رۇخسەتسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىق ۋە ياكى ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن ئىماملارغا ئىقتىدا قىلىشنى رەت قىلغانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاتىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى غۇلجا ناھىيىسىدە قولغا ئېلىنغان بۇ 140 كىشىنىڭ ئىسىم شەرىپى، ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ قانداق جازاغا تارتىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىزغا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، "دائىرىلەرنىڭ سىياسىتى ئۇلارنىڭ 5'‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن ھېچقانداق ساۋاق ئالمىغانلىقىنى نامايان قىلماقتا" دەپ كۆرسەتتى. دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرى غۇلجا ناھىيىسىدە قولغا ئالغان بۇ كىشىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەقەللىي دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىدىن پايدىلانماقچى بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى 5"‏-ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" چاقىرىپ، ئاساسى نىشاننى يەرلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتى جاڭ چۈنشيەننى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن، ئۇ تېررورچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3"خل كۈچلەر"گە قارشى تۇرۇش شوئارىنى كۆپ تەكىتلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن. لېكىن ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېقىندىن بېرى 3" خىل كۈچلەر"گە زەربە بېرىش شوئارى قايتا باش كۆتۈرۈشكە باشلاپ، "ئىككى قولدا چىڭ تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش" شوئارى يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يېقىندا خىتاي مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ يۈڭكاڭ ۋە مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەنلەرنىڭ باشچىلىقىدا چاقىرىلغان ۋە شۇنداقلا جاڭ چۈنشيەن، نۇر بەكرى قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشىدا ئېچىلغان بېيجىڭدىكى بىر يىغىندا جۇ يۈڭكاڭ، 3" خىل كۈچلەر"گە زەربە بېرىشنى يەنە ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەمەلىيەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن باستۇرۇش ھەرىكىتى 5" ‏- ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىنمۇ بوشاپ قالمىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئىلىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە پۇقرالارغا ۋەدىنامە يازغۇزۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئىبادەتنى چەكلەشكە دائىر بەلگىلىمىسىگە قەتئىي رىئايە قىلىدىغانلىقى، خىلاپلىق قىلسا جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ۋە تۇتۇپ قېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تىلخەت بەرگۈزگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىنلا 78 كىشى خىتاينىڭ يۇقىرىقى يەرلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت"كە ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان. بىر قىسىم يېزىلاردا بولسا "مەدەنىيەت ئىنقىلابى " ئىستىلىدىكى ئاممىۋى تەنقىد قىلىش يىغىنى چاقىرىلىپ، ۋەدىنامىغا خىلاپلىق قىلغۇچى دىندار كىشىلەر تەنقىد قىلىنغان ۋە ئۇلارغا جەرىمانە قويۇلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، بۇنىڭدىن 10 كۈن بۇرۇن چىرا ناھىيىسى دامىكو يېزىسىدا 400 كىشىلىك ئاممىۋى تەنقىد قىلىش يىغىنى چاقىرىلىپ، دىنىي زاتلارنىڭ ئامما ئالدىدا تەنقىد قىلىنغانلىقىنى ۋە 5 كىشىگە جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن، بۇ خىل ۋەدىنامە تۈزۈمى خوتەندىكى يېزا-قىشلار بىلەن چەكلەنمىگەن بولۇپ، دائىرىلەر خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق ھەر قايسى كەنتلەردىكى ئاھالىلەرگە ۋەدىنامە يازدۇرغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق 111 مەمۇرى كەنتتىدىكى 35 مىڭغا يېقىن پۇقرانىڭ ۋەدىنامە يازغانلىقى، بۇنىڭ مەزكۇر 111 كەنتتىكى ئومۇمى ئاھالىنىڭ 98 پىرسەنتىدىن كۆپىرەكىنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بىز بۇ ۋەقەگە داىر ئەھۋاللاردىن تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خوتەندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقىدەك سىياسەتنى داۋاملىق يولغا قويسا بۇنىڭ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، دائىرىلەرنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن يېقىندا ئېلان قىلىنغان دۇنيا ئەللىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىغا دائىر دوكلاتىدا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسى تەنقىد قىلىنىپ، 2010‏- يىلى خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ داۋاملىق دەپسەندە قىلىنغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ، تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالى بۇرۇنقىدىن ئېغىرلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەنقىدلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ، خىتايدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى ئومۇميۈزلۈك كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلمەكتە. لېكىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ يىل خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاقسۇ شايار ناھىيىسىدە دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك 10 ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىپ، 5 كىشىنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن بىر يىلدىن 3 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن، دىلشات رىشىت بۇ 5 كىشىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىدى.