دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى (6)

ئامېرىكىدا تىبەتچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە چىقىدىغان 'تىبەتكە نەزەر' ژۇرنىلىنىڭ 42‏ - سانىدا ئېلان قىلىنغان 'دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى' دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خۇ ياۋباڭ تىبەت ئۈچۈن تۈزگەن 'ئالتە ماددا' لىق سىياسەت ئالدى بىلەن شىنجاڭدا قارشىلىققا ئۇچرىدى، ئاندىن تىبەتتە رەت قىلىندى، خۇ ياۋباڭ قايتىدىن تىبەت يىغىنى ئېچىپ، بۇنى رەھبەرلىكتىكى سولچىلىق خاتالىق دەپ كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

خۇ ياۋباڭ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا، خۇ جىنتاۋ تىبەتتە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ باستۇرۇش ئېلىپ باردى، شۇنىڭدىن كېيىن چوڭ خىتايچىلىققا قارشى جىددىي ئېلىشىش توختىمىدى.

'تىبەتكە نەزەر' ژۇرنىلىنىڭ 42‏ - سانىدا ئېلان قىلىنغان 'دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى' دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خۇ ياۋباڭ تىبەت ئۈچۈن تۈزگەن 'ئالتە ماددا' لىق سىياسەت ئالدى بىلەن شىنجاڭدا قارشىلىققا ئۇچرىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن تىبەت پارتكوم سېكرېتارى يىن فاتاڭ بۇ 'ئالتە ماددا' نى رەت قىلدى. ئەمما خۇ ياۋباڭ كەينىگە چېكىنمەي، 1984‏ - يىلى 2‏ - ئايدا ئىككىنچى قېتىملىق تىبەت خىزمەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا خۇ ياۋباڭ ' تۆت يىلدىن بۇيان تىبەتتە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلىرىدا ئىلگىرىلەش بولمىدى. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاستىلاپ كەتتى، خەلق تۇرمۇشى تېز ياخشىلانمىدى، بۇ رەھبەرلىكتىكى سولچىلىق خاتالىق' دەپ كۆرسەتتى. 8 كۈن ئېچىلغان بۇ يىغىندا خۇ ياۋباڭ 7 قېتىم سۆز قىلدى. 'ئالتە ماددا'لىق سىياسەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى جاكارلىدى.

خۇ ياۋباڭ تىبەت پارتكوم سېكرېتارى يىن فاتاڭنى ۋەزىپىدىن قالدۇردى

بۇ يىغىندىن كېيىنمۇ، تىبەت پارتكوم سېكرېتارى يىن فاتاڭ يەنىلا ئارقا تېرىكى ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈنلەرنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، ئاغزىدا ھە دەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە 'ئالتە ماددا' نى ئىجرا قىلمىدى. مەركەزدىن سېكرىتارىياتنىڭ دائىمىي سېكرېتارى خۇ چىلى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر تيەن جىيۈنلەر تىبەتكە بېرىپ 'ئالتە ماددا' نى ئىجرا قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلغاندىن كېيىنمۇ، يەنىلا تىبەتتە ئۆزگىرىش بولمىدى. ئاخىرى خۇ ياۋباڭ 85‏ - يىلى 6 ‏- ئايدا تىبەت پارتكوم سېكرېتارى يىن فاتاڭنى ۋەزىپىدىن قالدۇردى. ئۇنىڭ ئورنىغا ۋۇ جىنخۇانى تەيىنلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، تىبەت بىلەن شىنجاڭدا 'ئالتە ماددا' نى ئىجرا قىلىش قىلىش بىلەن رەت قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىشىش رەسمىي تۈس ئالدى، جىددىي ئېلىشىش بىر نەچچە يىلغىچە توختىمىدى.

خۇ ياۋباڭ ئۆلگەندىن كېيىنلا، خۇ جىنتاۋ تىبەتتە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلدى

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، 1989‏ - يىلى 3‏ - ئايدا، خۇ ياۋباڭ كېسەل بولۇپ يېتىۋاتقاندا، تىبەتنىڭ پارتكوم سېكرېتارى خۇ جىنتاۋ تىبەتتە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ، تولۇق ئاپتونومىينى ياقلايدىغان تىبەتلەرنى 'دالاي گۇرۇھىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى' دېگەن نام بىلەن باستۇردى. 4‏ - ئايدا خۇ ياۋباڭ ئالەمدىن ئۆتتى. 6‏ - ئايدا بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئەۋج ئالغان دېموكراتىك ھەرىكەت قانلىق باستۇرۇلدى.

1989‏ - يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئەۋج ئالغان دېموكراتىك ھەرىكەت 6‏ - ئاينىڭ 4‏ - كۈنى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، مەن دالاي لامانى نيۇيوركتا كۆردۈم.، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏ -‏ بۇ مېنىڭ دالاي لامانى ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشۈم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن مەن دالاي لاما بىلەن پەنچەن لامانى 1954‏ - يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۆرگەن. ئۇ چاغدا ئۇلار ياش ئۆسمۈر ئىدى. شۇنىڭدىن 30 نەچچە يىل ئۆتۈپ، دالاي لاما 54 ياشقا كىرگەندە، ئۇ ماڭا، 1980 ‏- يىلى خۇ ياۋباڭ تۈزگەن 'ئالتە ماددا'لىق سىياسەتنىڭ 1‏ - ماددىسىدىكى 'تىبەتتە تولۇق ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈش' دېگەن تەشەببۇسنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، تىبەتلەرنى ئۇرۇشتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇ ھازىرغا قەدەر تېخىچە بۇ ئىرادىسىدىن يانمىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

ئەگەر 80‏ - يىللاردىلا تىبەت بىلەن شىنجاڭدا تولۇق ئاپتونومىيە يولغا قويۇلۇپ، دۇنياغا ئېچىۋېتىلىپ، مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئىگىلىك تەرەققى قىلدۇرۇلغان بولسا، تىبەت بىلەن شىنجاڭنىڭ قىياپىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولاتتى، ‏ - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏ -‏ ئەمما بۇ يىللاردا تىبەت بىلەن شىنجاڭدا 'ئالتە ماددا' ئىجرا قىلىنماي، بەلكى ماۋ زېدۇڭ 1950‏ - يىللاردىلا قارشى تۇرغان ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈەنلەرنىڭ چوڭ خىتايچىلىق سىياسىتى قايتىدىن يۈرگۈزۈلدى. تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىگە ھەرگىز ئىشەنمەيدىغان بولدى. شىنجاڭ بىلەن تىبەتتە ئىنتايىن كۈچلۈك قارشىلىق پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو پارچىلىنىشقا يۈزلەندى.

خىتايدا دالاي لاماغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلاندى

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقى 30 ‏- يىلغا قەدەم قويغانغا قەدەر، يەنىلا تىبەت بىلەن شىنجاڭدا باستۇرۇش توختىمىدى. بۇ يىل 3‏ - ئايدا، تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنلىرىدە، تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاماغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلاندى.

خۇ جىنتاۋ ئۆزى تاللاپ، شىنجاڭدىن يۆتكەپ كەلگەن سەندۇڭلۇق تىبەت پارتكوم سېكرېتارى، ئۆمرىدە ئەسكەر بولۇپ باقمىغان ھەربىي قوماندان جاڭ چىڭلى تىبەتكە، شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە، دىنىي رادىكاللارغا، تېررورچىلارغا، غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش دېگەن نامدىكى ۋەھشى سىياسەتنى بىللە ئېلىپ كەلدى. ئۇ، دالاي لامانى 'دىنىي تون كىيىۋالغان ئالۋاستى' دەپ ھاقارەتلىدى، 'تىبەتلەرنىڭ بۇتى كوممۇنىست پارتىيە' دەپ جار سالدى. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ماسلىشىپ 'ئاق تاشلىق كىتاب' ئېلان قىلىپ، ساختا تارىخ ياساپ، ئىغۋا تارقىتىپ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقىغە ھېسداشلىق قىلغان چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.