بۇ ماقالىدە دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقى تىبەتكە قارىغاندا، شەرقىي تۈركستاندا ئەڭ ۋەھشى سىياسەت قوراللاندى دەپ بايان قىلىنغان.
'دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى' دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى ماقالىسىنى '... ماۋ زېدۇڭدىن دېڭ شاۋپىڭغىچە، خىتاينىڭ چېگرا رايون سىياسىتى مىللەتلەرنىڭ تەڭ -باراۋەر بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەر قېتىم ئەڭ چىرايلىق ۋەدە بېرىپ، ئەڭ ۋەھشى چوڭ خىتايچىلىقنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ،' دەپ باشلايدۇ.
بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى رۇەن مىڭ ئەپەندى بېيجىڭ ئۇنىۋېسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان، مەزكىرى پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىياسەت تەتقىقات بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، ئۈچىنچى ئومۇميىغىنىڭ قارارىنى يېزىشقا قاتناشقان، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ سىرلىرىنى ياخشى بىلىدىغان ئەرباب. ئۇنىڭ خۇ ياۋباڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، كوممۇنىست قېرىرىلىرىدىن چېن يۈن ئۇنى جازالىغان. ئۇ تۆتىنچى ئىيۇن ۋاقەسىدىن كېيىن چەتئەلگە قېچىپ چىققان. ئاپتور ماقالىسىنى تۆۋەندىكىدەك دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ:
ماۋ زېدوڭ تىبەتنىڭ، شىنجاڭنىڭ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىشقا رۇخسەت دەپ جاكارلىغان
ماۋ زېدوڭ 1954 - يىلى دالاي بىلەن پەنچەننى بېيجىڭغا تەكىلىپ قىلدى. شۇ ۋاقىتتا دالاي لاما 19 ياش، پەنچەن لاما 17 ياش ئىدى. دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكىلى ماۋ زېدۇڭ ئۆزى كەلدى. ماۋ زېدۇڭ ئالدى بىلەن 'ئاڭلىسام سىلەرنىڭ دۆلەت بايرىقىڭلار بار ئىكەن، ئۇلار سىزنىڭ شۇ بايراقنى كۆتۈرىشىڭىزگە رۇخسەت قىلماپتۇ، شۇنداقمۇ؟ ' دەپ سورىغاندا، دالاي 'دۆلەت' دېگەن سەزگۈر سۆزنى تىلغا ئالماي 'ھەربىي قىسىملىرىمىزنىڭ بىر بايرىقى بار' دەپ جاۋاب بېرىپ، تەرجىمان پۈنسو ۋاڭگيايدىن 'ئۇلار' دېگەن كىم؟ دەپ سورىغان.
ماۋ زېدۇڭ بۇ سوئالنى چۈشەنگەندىن كېيىن 'جاڭ جىڭۋۇ، جاڭ گوخۇا، فەن مىڭلەر بولمامدۇ! دەپ ئىزاھات بېرىپ 'سىلەر دۆلەت بايرىقىڭلارنى ئاسساڭلار بولىۋېرىدۇ. بىز شىنجاڭنىڭمۇ، ئىچكى موڭغۇلىيىنىڭمۇ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىشىغا رۇخسەت قىلىمىز. ئۇنىڭ يېنىغا جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقىمۇ قويۇلسىلا بولدى. شۇنداق قىلساق بولامدۇ؟ ' دېگەندە، دالاي لاما باش لىڭشىتىپ ماقۇل بولغان ئىدى.
ماۋزېدوڭ ۋە دېڭ شاۋپىڭ بىلەن تىبەت ئوتتۇرىسىدىكى سىرلىق بىر ئادەم
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ماۋ زېدۇڭ ۋە دېڭ شاۋپىڭدىن ئىبارەت ئىككى خاندانلىق بىلەن تىبەت ئوتتۇرىسىدا بىر سىرلىق ئادەم بار، ئۇنىڭ ئىسمى پۈنسو ۋاڭگياي. ئۇ ماۋ زېدۇڭ بىلەن دالاي لاما سۆزلەشكەندە تەرجىمان بولغان. ئۇ سىچۇەننىڭ غەربىدىكى كاڭبا قەبىلىرىدىن. بۇ رايوننى گومىنداڭ 'كاڭشى ئۆلكسى' قىلىۋالغان ئىدى. پۈنسو گومىنداڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى ليۇ ۋېنخۇينى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن، 1939 - يىلى چۇڭچىڭدا تىبەتلەرنىڭ ماركىسىزمچىلار گۇرۇپپىسىنى قۇرغان. گومىنداڭنىڭ بۇ ئۆلكە باشلىقىنى ئاغدۇرىدىغان تىبەت قوراللىق كۈچلىرى تازا كۈچلەنگەندە، گومىنداڭچىلار بىردىنلا كوممۇنىست پارتىيە بىلەن بىرلىشىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن پۈنسونىڭ دۈشمىنى بىردىنلا ئۆزىنىڭ دوستىغا ئايلاندى.
1950 - يىلى، تىبەتلەردىن چىققان بۇ كوممۇنىست، كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى جۇ دېنىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە، چوڭچىڭغا بېرىپ دېڭ شاۋپىڭدىن ۋەزىپە تاپشۇرۇالدى. ئۇ دېڭ شاۋپىڭنىڭ 18 بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن تىبەتنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىدى. تىبەت يۇقىرى قاتلاملىرىنى گەپكە كىرگۈزۈش ۋە خىتاي قىسىملىرىغا تىبەتچە قائىدە - يۇسۇن ئۆگىتىشنى ھۆددىگە ئالدى.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، تىبەتلەردىن چىققان بۇ كوممۇنىست دېڭ شاۋپىڭغا 'تىبەتتە ئاشلىق كام، ئەسكەرلەر يەيدىغان ئاشلىقىنى ئىچكىرىدىن يۆتكىسە، ئازادلىق ئارمىيە تىبەت خەلقىغە ياخشى تەسىر قالدۇرىدۇ' دەپ مەسلىھەت بەردى. دېڭ شاۋپىڭ ئۇنى 'چاڭدۇ ئۇرۇشى' ئۈچۈن 15 مىڭ قوتاز بىلەن ئاشلىق يۆتكەشكە مەسئۇل قىلدى. تىبەتلەردىن چىققان بۇ كوممۇنىست ئۇرۇشتىن كېيىن يەنە 'تىبەت قىسىملىرىنى ئەسر دەپ مۇئامىلە قىلمىسا، خەلقنىڭ ھېمايىسىگە ئېرىشدۇ' دەپ تەكلىپ بەردى. تىبەتلەرگە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مىللەتلەر تەڭ - باراۋەر، دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىك دېگەن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدى ۋە تىبەت ھۆكۈمىتىنى كوممۇنست پارتىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، تىبەتلەردىن چىققان بۇ كوممۇنسىت 1951 - يىلى 4 - ئايدا، بېيجىڭغا سۆھبەتكە كەلگەن ڭاپۇ ڭاۋامجىنمې قاتارلىق تىبەت ۋەكىللىرىنى، خىتاي ۋەكىلى لى ۋېيخەننىڭ ھەربىي - مەمۇرىي ھۆكۈمەت قۇرۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغۇزۇش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى. 17 ماددىلىق كېلىشىم ئىمزالانغاندا، خىتاي تەرەپ تىبەتلەردىن چىققان بۇ كوممۇنسىتنىڭ تۆھپىسىنى تەبرىكلىدى.
خىتاي ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىرى لى ۋېيخەن، جاڭ گوخۇالار ماۋ زېدۇڭنىڭ 'تىبەتكە كىرگەندە ئالدى بىلەن دالاي لاماغا 3 قېتىم باش ئۇرۇش كېرەك' دېگەن بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلمىدى. 1951 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي فورمىسىنى كېيىپ كەلگەن پۈنسو ۋاڭگياي خىتاي قوماندانلىرى ئۈچۈن دالاي لاماغا ئۈچ قېتىم باش ئۇردى.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، 1954 - يىلى دالاي لاما بېيجىڭغا كېلىپ ماۋ زېدۇڭ، ليۇ شاۋچى، جۇئىنلەي قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەندە، يەنە مۇشۇ تىبەتلەردىن چىققان كوممۇنىست تەرجىمان بولدى. ئەينى ۋاقىتتا، ماۋ زېدۇڭنىڭ 'تىبەتتە ئىككى بايراق ئېسىلىدۇ، بىرى بەشيۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق، يەنە بىرى قارلىق تاغ يولۋىسى'، 'مىللەتلەرنىڭ تەڭ باراۋەرلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتى يولغا قويىلىدۇ' دېگەن تەستىقى بېسىپ تارقىتىلغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.