دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى(2)

ئامېرىكىدا تىبەتچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە چىقىدىغان 'تىبەتكە نەزەر' ژۇرنىلىنىڭ 42‏ - سانىدا ئېلان قىلىنغان 'دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى' ماۋزۇلۇق ماقالىدە، ماۋ زېدۇڭ تىبەت، شەرقى تۈركىستان، ئىچكى موڭغۇللاردا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى دۆلەت بايرىقىنى ئېسىشقا بولىدۇ، دەپ جاكارلىغان ئىكەن.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدا تىبەتچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە چىقىدىغان 'تىبەتكە نەزەر' ژۇرنىلىنىڭ 42‏ - سانىدا ئېلان قىلىنغان 'دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى' دېگەن ماقالىنىڭ بايانى مۇنداق داۋاملىشىدۇ: ماۋ زېدۇڭ تىبەت، شەرقى تۈركىستان، ئىچكى موڭغۇللاردا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى دۆلەت بايرىقىنى ئېسىشقا بولىدۇ، دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈنلەر شەرقىي تۈركىستاندا سول سىياسەت قوللىنىپ، چوڭ خىتايچىلىقنى يولغا قويۇپ ئۇيغۇرلارنى بوزەك قىلدى.

شى جۇڭشۈن باشتىلا دېڭ لىچۈننى پارتىيىدىن چىقىرىۋەتمىگەنگە پۇشايمان قىلدى

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈنلەر ئۇيغۇر كادىرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، تۈرمىلەرگە تاشلاپ، كۆپلىگەن ناھەق دېلولارنى پەيدا قىلدى. ماۋ زېدۇڭ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ جېننى شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، دېھقانچىلىق -يەر ئۆزلەشتۈرۈش مىنىستىرلىقىغا قايتۇرۇپ كەلدى. ۋاڭ جېننىڭ چوڭ خىتايچىلىق خاتالىقىنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن شىنجاڭغا شى جۇڭشۈننى ئەۋەتتى.

ماۋ زېدۇڭ ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ جېننى 'ساۋاتسىز، قوپال ئادەم، شىنجاڭدىكى مەسىلە دېڭ لىچۈننىڭ يول كۆرسىتىشى، قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن بولغان' دېگەن ۋە شى جۇڭشۈنگە دېڭ لىچۈننى پارتىيىدىن چىقىرىۋېتىشنى تاپشۇرغان ئىدى.

گەرچە شى جۇڭشۈن شىنجاڭغا بارغاندىن كېيىن، ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈنلەرنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىپ ۋەزىيەتنى ئوڭشىغان بولسىمۇ، ئەمما دېڭ لىچۈننى پارتىيىدىن چىقىرىۋەتمىدى. ئۇ، ماۋ زېدۇڭغا دېڭ لىچۈننى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئاخىر ئۇنىمۇ بېيجىڭغا يۆتكىۋېتىپ ئىشنى تۈگەتتى. بۇنىڭدىن 30 يىل ئۆتكەندە، دېڭ لىچۈن يەنە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ۋاڭ جېن بىلەن خۇ ياۋباڭنى ئۇرۇشقا سالدى. بۇ چاغدا شى جۇڭشۈن ئاندىن پۇشايمان قىلىپ 'باشتىلا دېڭ لىچۈننى پارتىيىدىن چىقىرىۋېتىپ، ئاپەتنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىسام بوپتىكەن' دېدى.

تىبەتلەردىن چىققان كوممۇنىست 'يەرلىك مىللەتچى' دەپ تەنقىدلەندى

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، دالاي لاما 1955 ‏ - يىلى بېيجىڭدىن تىبەتكە قايتىپ كېلىپلا، مەركەزنىڭ تىبەتتىكى ۋەكىلى جاڭ گوخۇاغا، تىبەتلەردىن چىققان كوممۇنىست پۈنسوگ ۋاڭگياينى تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. جاڭ گوخۇا گەرچە شۇ ۋاقىتتا ' مەركەز بۇ تەكلىپكە پرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلىدۇ' دېگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلمىدى. بەلكى ئۇزۇنغا قالماي تىبەتلەردىن چىققان كوممۇنىست پۈنسوگ ۋاڭگياينى پالاكەت باستى.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇ يىللاردا سىچۇەن، چىڭخەيلەردىكى كاڭبا تىبەتلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ۋەزىيەت مۇرەككەپلەشتى. خەلقئارادىمۇ پولشا، ۋېنگىرىيىلەردە ۋەقە چىقىپ، سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ تانكىلىرى بۇداپشتقا بېسىپ كىرگەندىن ئىدى. بۇ چاغدا ماۋ زېدۇڭ 'ئىككى چوڭ ئېچىلىش' دېگەن سىياسىتىنى يىغىشتۇرۇپ، ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىدى.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، 1957‏ - يىلىدىكى چىڭداۋ يىغىنىدا، پۈنسوگ ۋاڭگياينىڭ ئەدىپىنى بېرىشنى جۇئىنلەي بىلەن جاڭ گوخۇا باشلاپ بەردى. جۇئىنلەي يىغىندا پۈنسوگ ۋاڭگياينى 'سىچۇەننىڭ دېگې رايونىنى تبەتنىڭ چاڭدۇ رايونىغا قوشۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى' دەپ ئەيىبلىگەندە، جاڭ گوخۇا 'پۈنسوگ ۋاڭگياي تىبەتكە ھەربىي فورما كىيىپ كىرگەندە، لېنىننىڭ 'مىللەتلەر ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش' دېگەن كىتابىنى بىللە ئېلىپ كىرگەن ئىدى' دەپ پاش قىلدى. 'مىللەتلەر ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش' دېگەن نەزەرىيىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي تەشۋىق قىلىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئادەملىرى ھەممىسى، تىبەتلەردىن چىققان كوممۇنىستنىڭ 'مىللەتلەر ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش' دېگىنى جىنايەت دەپ چىقتى.

ماۋ زېدۇڭ 'پۈنسوگ ۋاڭگياينى قۇتقۇزۇۋېلىش كېرەك' دەپ تەستىق سالغاندىن كېيىن، بۇ ئەرباب تۈرمىگە تاشلاندى

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، تىبەتلەردىن چىققان كوممۇنىست پۈنسوگ ۋاڭگياي 'يەرلىك مىللەتچى'دەپ تەنقىدلىنىشكە باشلاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۈرمىگە قامالدى. ئۇ 38 يېشىدا تۈرمىگە قامىلىپ، 1978‏ - يىلى 56 ياشقا كىرگەندە تۈرمىدىن چىقتى. ئۇ 'يەرلىك مىللەتچى' دەپ جازالىنىپ 20 يىل ئۆتكەندە، ئەسلىدە ماۋ زېدۇڭنىڭ 1960‏ - يىلى 8‏ - ئايدا 'پۈنسوگ ۋاڭگياينىڭ مەسىلىسىنى ياخشى ئېنىقلاپ، ئۇنى ئىمكان قەدەر قۇتقۇزۇۋېلىش كېرەك' دەپ تەستىق سالغانلىقىنى، ئەمما بۇ تەستىقتىن كېيىنلا دەرھال 'چىڭچېڭ تۈرمىسى'گە قامىلىپ 18 يىل تۈرمىدە ياتقانلىقىنى بىلدى.

تىبەتلەردىن چىققان بۇ كوممۇنىست 1978‏ - يىلى تۈرمىدىن چىققاندا يەنە 'ئۆيدىن سىرتقا چىقىشقا رۇخسەت يوق' دېگەن شەرت بىلەن سىچۇەننىڭ زىگۇڭ ناھىيىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. تېخىچە خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتمىغان ۋە ئۆزىنى ئاقلاپ كوممۇنىست پارتىيىگە سادىق ئادەم ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىشنى ئويلاۋاتقان پۈنسوگ ۋاڭگياي 1979‏ - يىلى 2‏ - ئايدا بېيجىڭغا مەخپى بېرىپ، مەركىزى كومىتېتقا ئەرز سۇندى. شۇنىڭدىن كېيىن دېڭ شاۋپىڭ 'تىبەت مەسىلىسى' دېگەن مەسىلىنى ئۆزى ھەل قىلىشقا كىرىشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.