'دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى' دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى 'مەركىزى كومىتېتنىڭ باش سېكرېتارى خۇ ياۋباڭ ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش - تەتقىقاتنىڭ خۇلاسىسى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بولمىغان ھالدا تەرەققى قىلدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس دېگەندىن ئىبارەت بولدى، -- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ئەرباب ئەينى ۋاقىتتا خۇ ياۋباڭنىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىغا باشتىن - ئاخىرى قاتناشقان.
'شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بولمىغان ھالدا تەرەققى قىلدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس دېگەن خولاسىغا كەلدۇق'
-- بىزنىڭ تەتقىقات تېمىمىز 'قانداق قىلغاندا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرغىلى بولىدۇ' دېگەندىن ئىبارەت ئىدى، -- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور ، - بىز ئالدى بىلەن شىنجاڭنىڭ تەبىئى مۇھىتى ناھايىتى ياخشى، يەر ئاستى بايلىقلىرى ئىنتايىن مول، يەرلىك خەلقنىڭ ئاڭ تۇيغۇسى ۋە مەدەنىيىتى سىرتقا قارىتا بېكىنمە ئەمەس، بەلكى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتۇق. ئەمما بىزنى، نېمە ئۈچۈن بۇ رايوندا يەرلىك خەلق ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلق يەنە شۇقەدەر نامرات دېگەن سۇئال چىرمىۋالدى. بىز مەھەللىلەرگە بېرىپ، تۇرالغۇلارنى كۆزدىن كۆچۈردۇق. بىز بارغانلىكى جايدا يەرلىك خەلقنىڭ 'تۆت تام'دىن ئۆزگە بايلىقىنى كۆرمىدۇق. ئاخىرى بىز، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بولمىغان ھالدا تەرەققى قىلدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس دېگەن خولاسىغا كەلدۇق.
'ئالتە ماددا'غا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئىنكاسى ئوخشاش ئەمەس
ئاپتور بايانىنى مۇنداق دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ: بىز شۇنى چۈشەندۇقكى، يىللاردىن بۇيان بۇ رايوننىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلىنىپتۇ. ھەتتا مىڭ يىللارنىڭ ئالدىدا خەلقئارا بىلەن سودا قىلغان ھالىمۇ يوق. يەرلىك خەلق بېسىم - زۇلۇم ئاستىدا قېلىپ، ئەركىن تەرەققى قىلالماپتۇ. يەرلىك خەلقتىن ياكى مىللىي كادىرلاردىن تىبەت ئۈچۈن تۈزۈلگەن 'ئالتە ماددا' نى ھېمايە قىلمايدىغان ئادەمنى ئۇچراتمىدۇق. ئەمما شىنجاڭدىكى خىتاي كادىرلاردا پەرق بار، ئۇلاردىن، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى، ئاڭ - پىكرى ئوچۇقلار شىنجاڭدا تولۇق ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلۈشنى ياقلايدۇ. خىتايدىكى يۇرتىغا قايتىپ كېتىشنى ئويلايدىغانلارمۇ ياقلايدۇ. ئەمما شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، خىتايدىكى يۇرتىدا ئېرىشەلمىگەن مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىۋالغانلار، ئۆزىنىڭ ئېقتىدارى يەتمەيدىغان ئەمەل - ئىمتىيازلارغا ئىگە بولۇۋالغانلار 'ئالتە ماددا' نى قوللىمايدۇ. ئەمما ئۇلار مەركەزدىكى ئارقا تېرىكىدىن بىشارەت كەلمىسىلا، يەنىلا 'ئالتە ماددا'نى قوبۇل قىلىشقا تەييار.
'بىز ۋاڭ جېننىڭ تەڭرىتاغنى پاسكىنا قىلىۋېتىشىگە يول قويمايمىز'
-- خۇ ياۋباڭ بىلەن ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈنلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ ئىختىلاپ شىنجاڭدا ئاللىقاچان ئوچۇق - ئاشكارا ئىش بولۇپ قالدى. ئەمما بېيجىڭدا بۇنى تېخى بىركىم بىلمەيتتى. بىز قەشقەرگە بارغاندا، -- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، -- بىزنى كۆرگىلى كەلگەن بىر ئۇيغۇر كادىر ھاياجان ئاۋاز بىلەن 'باش سېكرېتار خۇ ياۋباڭ تۈزگەن 'ئالتە ماددا'نى بىز ھېمايە قىلدۇق، ھازىر نېمە ئۈچۈن ئىجرا قىلىنمايدىغان بولۇپ قالدى؟ ھازىر خىتاي كادىرلارمۇ يۇرتىغا قايتىپ كەتمەيدىغان بوپتۇ، ئەمما ئۇيغۇر رەئىس ئىسمايىل ئەمەتنى ئۆز يۇرتىدىن ئىچكىرىگە يۆتكەپ كېتىدىغان بوپتۇ، بۇ نېمە ئىش؟ ' دەپ سورىدى.
يەنە بىر ئۇيغۇر كادىر 'ۋاڭ جېن شىنجاڭغا كېلىپ، ئۆلسەم تەڭرىتاغلىرىغا دەپنە قىلىڭلار دەپتۇ، بىز بۇ قاتىلنىڭ تەڭرىتاغنى پاسكىنا قىلىۋېتىشىگە يول قويمايمىز' دېدى. يەنە بىر ئۇيغۇر كادىر 'بىزنىڭ تەلىپىمىزنى خۇ ياۋباڭغا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار، بۇرۇن ۋاڭ جېن بىلەن دېڭ لىچۈن بىزنى باستۇرغاندا، ۋەزىيەتنى شى جۇڭشۈن كېلىپ تۈزگەن، بۇ قېتىم يەنە شى جۇڭشۈننى ئەۋەتسۈن' دېدى.
'مىللىي ھېسسىياتى ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارالغانلىرىمۇ، پەقەت مىىللەتلەرنىڭ تەڭ - باراۋەر قىلىنمىغانلىقىغا نارازىلىق ئىپادىلىگەن كىشىلەر ئىكەن'
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن، قازاق بولسۇن، ئۈزبېك بولسۇن ياكى تاتار بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوچۇق - يورۇق، گەپنى يۇشۇرماي قىلىۋېرىدىغان خەلق ئىكەن. خىتايچىنى بىلمەيدىغانلارمۇ بىزگە ھەرخىل ئىشارەت بىلەن ئۆز مەقسىتىنى ئۇقتۇردى. ئۇقتۇرالمىغاننى تەرجىمان بىزگە چۈشەندۈرۈپ بەردى. بىز شۇنى ئېنىق چۈشەندۇقكى، بۇ رايوندا مىللىي ھېسسىياتى ئەڭ كۈچلۈك دەپ گۇناھ قويۇلغان كىشىلەرمۇ ، ئەمەلىيەتتە پەقەت مىىللەتلەرنىڭ تەڭ - باراۋەر قىلىنمىغانلىقىغا ياكى نەق بولۇۋاتقان چوڭ خىتايچىلىققا نارازىلىق ئىپادىلىگەن كىشىلەر ئىكەن. 'خىتايغا قارشى مىللەتچى، شىنجاڭنى جۇڭگودىن بۆلۈپ چىقىپ كەتمەكچى بولغان بۆلگۈنچى' دېگەنلەرمۇ ھېچقاچان نەق ھەرىكەت قىلغانلىقى ئىسپاتلانغان كىشىلەر ئەمەسكەن. ئەگەر بۇ رايوندا ھەقىقىي ئاپتونومىيە يولغا قويۇلسا، يەرلىك خەلق ئۆز زېمىنىغا ئۆزى ئىگە بولۇپ ياشىسا، ھېچكىم ئەكسىل ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقى ئېنىق.
'يەرلىك خەلقنىڭ دەردىنى چۈشىنىدىغان خىتاي كادىرلار يەرلىك خەلققە يان بېسىشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەن'
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كادىرلار ئىچىدە ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغانلار، يەرلىك خەلقنىڭ دەردىنى ئوبدان چۈشىنىدىكەن، ئاڭ - پىكرىمۇ ئوچۇق ئىكەن ، ئەمما ئۇلار يەرلىك خەلققە يان بېسىشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەن، ئۆزىگە ئىش تاپشۇرغان باشلىقىدىن قورقۇدىكەن.
بىز قەشقەردە يەنە بىرخىل خىتاي كادىرلار بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇلار بىزگە 'ماۋ زېدۇڭ ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈنلەرنى خاتالىق ئۆتكۈزدى دەپ ئىچكىرىگە يۆتكەپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ رايوندا يەرلىك مىللەتچىلىك ئەۋج ئالغان ئىدى. خۇ ياۋ باڭنىڭ سىياسىتى ھازىر يەنە يەرلىك مىللەتچىلەرگە يانتاياق بولدى. 'ئالتە ماددا' ئىجرا قىلىنسا، شىنجاڭ بىلەن تىبەتنى باشقۇرغىلى بولمايدۇ. بۇلار ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قۇرۇۋېلىپ، بىزنى قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ. خۇ ياۋباڭ بۇنى بىلمەيدۇ. بۇ رايوندا تولۇق ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلسە، شىنجاڭنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياكى تۈركىيىگە بېرىۋەتكەنلىك بولىدۇ. بۇ، ۋەتەن خائىنلىرى قىلىدىغان ئىش' دېدى. بۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزى ئەمەسلىكىنى بىز بىلەتتۇق.
شىنجاڭدا 'ئالتە ماددا' غا قارشىلىق پەيدا بولغاندىن كېيىن تىبەتتە پەيدا بولدى
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، شىنجاڭدا 'ئالتە ماددا' غا قارشىلىق پەيدا بولغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا ئەگىشىپ تىبەتتىمۇ پەيدا بولدى. 'ئالتە ماددا'غا نىسبەتەن ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىپ تۇرۇۋاتقان تىبەت پارتكوم سېكرېتارى يىن فاتاڭ شىنجاڭدىكى قارشىلىققا ئەگىشىپ، دەرھال 'سول' غا بۇرۇلۇپ، 'ئالتە ماددا' نى رەت قىلدى. ئوڭچىلىققا، ئەركىنلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش دېگەن نام بىلەن دىنىي زاتلارنى باستۇرۇشنى باشلاپ بولۇپ، ئاندىن مەركەزگە، تىبەتتە دىنىي كۈچلەر باش كۆتۈرۈپ قالدى، كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىمۇ نوم ئوقۇيدىغان، بۇتقا چوقۇنىدىغان بولۇپ قالدى، دىنىي سىياسەتتە ئوڭچىلىققا قارشى تۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى دەپ دوكلات يوللىدى. ئەمما خۇ ياۋباڭ كەينىگە چېكىنمىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.