'دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى' دېگەن ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، خۇ ياۋباڭ تىبەتتە تولۇق ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈش ئۈچۈن 'ئالتە ماددا' لىق سىياسەت تۈزگەندىن كېيىن، ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈن ۋەكىللىكىدىكى چوڭ خىتايچىلار بۇنى ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى، بۇ جەرياندا تىبەتلەرگە ۋە ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زۇلۇم سېلىنغانلىقى، ئۇيغۇرلارغا سېلىنغان زۇلۇم تىبەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ۋەھشى بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
يېڭى چېگرا (شىنجاڭ) غا قارىتىلغان ھۆكۈمرانلىق تىبەتكە قارىغاندا تېخىمۇ ۋەھشى بولدى
- دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىنىڭ يېڭى چېگرا (شىنجاڭ) غا قاراتقان ھۆكۈمرانلىقى تىبەتكە قارىغاندا تېخىمۇ ۋەھشى بولدى، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور. ئاپتور بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈردى، بىرىنچىدىن، ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈنلەرنىڭ چوڭ خىتايچىلىقىنىڭ جىن - ئەرۋاھلىرى يېڭى چېگرادا ئۈزۈل - كېسىل تۈگىتىلمىگەن ئىدى. گەرچە ماۋ زېدوڭ 1950 - يىللاردا شى جۇڭشۈننى ئەۋەتىپ، ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈنلەرنىڭ چوڭ خىتايچىلىق - زوراۋانلىق خاتالىقىنى تۈزەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى تۈزىتىشكە سەرپ قىلىنغان ۋاقىت بەك قىسقا بولغانلىقتىن، ۋاڭ جېن يۆتكەپ كېتىلگەندىن كېيىن، ۋاڭ ئىنماۋ يەنىلا ۋاڭ جېننىڭ 'چوغ'ىنى ساقلاپ قېلىپ، پات -پاتلا ئۇنىڭدىن 'ئوت چىقىرىپ' تۇردى.
1980 - يىللاردا، خۇ ياۋباڭ تەيىنلىگەن يېڭى چېگرا پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ فېڭ 'ئالتە ماددا'لىق سىياسەتنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ۋاڭ جېن، دېڭلىچۈنلەر دېڭ شاۋپىڭغا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، ئۇنى يۆتكىتىۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭ ئىنماۋ، گۇجىنشېڭلار يېڭى چېگرادا يەنە ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈنلەرنىڭ چوڭ خىتايچىلىق يۇقىرى بېسىم ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالدى.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىككىنچىدىن، دۇنيادا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، جاڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى 'تېررورچى' قىلىپ كۆرسىتىپ، 'شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى' ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى مەقسەت قىلغان دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى ھەر خىل بەدنام بىلەن دەھشەتلىك باستۇرۇپ تۇردى.
ئۈچىنچىدىن، يېڭى چېگرادا، خۇددى تىبەتنىڭكىدەك، ئىچكى جەھەتتە مىللىي ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە مىللىي كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان، تاشقى جەھەتتە دۇنيانىڭ دېققىتىنى قوزغاپ، خىتاينىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشىنى چەكلەپ تۇرالايدىغان دالاي لامادەك ئابرۇيلۇق مەنىۋىي داھى بولمىغانلىقتىن، گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى ئىنتايىن كەسكىن بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۇلارنىڭ زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنى پارچىلىۋېتەلىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى دۇنياغا ئاڭلىنىپ، دۇنيانىڭ ئېتىبارىنى قوزغاپ بولغىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئۆزى خالىغانچە زورلۇق - زومبۇلىق قىلىۋالدى.
خىتاي زۇلۇم ئارقىلىق ئۇيغۇر، تىبەتلەرگە 'ئۇزۇن مۇددەت ھۆكۈمرانلىق قىلىش' مەقسىتىگە يېتەلمىدى
- تارىخ ئىسپاتلىدىكى، - دەپ قەيت قىلىدۇ ئاپتور، - دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقى تا ھازىرغا قەدەر ئېغىر زۇلۇم ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنى 'تىنجىتىپ'، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا 'ئۇزۇن مۇددەت ھۆكۈمرانلىق قىلىش' دېگەن مەقسىتىگە يېتەلىگىنى يوق. پەقەت 1950 - يىللاردىكى چوڭ خىتايچىلىققا قارشى تۇرىدىغان ۋە 1980 - يىللاردىكى مىللەتلەرنىڭ تەڭ -باراۋەرلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يولغا قويىلىدىغان چېگرا رايون سىياسىتى يۈرگۈزۈلسە، ئاندىن، ئەمەلىيەتتە مۇمكىن بولمايدىغان 'مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى' دېگەن تەسەۋۋۇرنى شەكىللەندۈرۈشمۇ مۇمكىن ئىدى.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، 1950 - يىللار خىتاي ئەمدىلا دۆلەت قۇرۇپ، دۆلىتىنى گۈللەندۈرۈشكە باشلىغان دەۋر . 1980 - يىللار بولسا، خىتاي دۆلىتى چوڭ قالايمىقانچىلىقتا گۇمران بولۇشقا يۈزلەنگەندە، قايتىدىن يېڭىچە يول تۇتۇپ گۈللىنىشكە قەدەم قويغان دەۋر. خىتاي بۇ ئىككى دەۋردە، ئىچكى جەھەتتە خەلققە ئىشەنچ بېرىدىغان، تاشقى جەھەتتە ئىشىكنى ئېچىۋېتىدىغان سىياسەت قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
ئەمما، خىتاي گۇمرانلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىنلا سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى. 'چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان تىبەتلەر بىمالال كېلىپ -كېتىپ تۇرىۋەرسۈن، ھۆكۈمەتكە پىكرى بولسا، ھەتتا چوڭ خەتلىك گېزىت چاپلىسىمۇ بولىدۇ، ئاسمان ئۆرۈلۈپ كەتمەيدۇ، خۇ ياۋباڭ بىلەن جاۋ زىياڭ بار' دەپ جاكارلىغان دېڭ شاۋپىڭ، بىردىنلا تەتۈر بۇرۇلۇپ 'چوڭ سايراش، چوڭ ئېچىلىش، چوڭ خەتلىك گېزىت، چوڭ مۇنازىرە' دېگەن ماددىنى ئاساسىي قانۇندىن چىقىرىۋەتتى. 'ئەگەر خىتايلارمۇ تىبەتلەرنى، ئۇيغۇرلارنى دوراپ قوپسا، بۇرژۇئاچە ئەركىنلىك ۋە كاپىتالىزمغا تىنچ ئۆزگىرىش ئەمەلگە ئاشقان بولمامدۇ؟' دەپ قوپتى. دېڭ شاۋپىڭ تىبەتلەرنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ قېلىشىدىن قورققان ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىدا، ھوقۇقنى چاڭگاللىۋېلىشنىلا مەقسەت قىلمىغان، بەلكى خەلقنى تەڭ - باراۋەر كۆرۈش، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان خۇ ياۋباڭنىڭ 'ئالتە ماددا'لىق سىياسىتى تامامەن توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈنلەرنىڭ چوڭ خىتايچىلىق سىياسىتى قايتىدىن يولغا قويۇلدى. مانا بۇ دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىنىڭ قىسقىچە بايانى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.