تۇتقۇن قىلىنغانلار «دىنىي ئەسەبىيلىك»، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش» قاتارلىقلار بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يەنە، دىنىي ساخاۋەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ھۆججەتنىڭ دىنىي ساخاۋەت ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئانالىزچىلار ئۇنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرىلەپ چەكلەشكە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، دىنىي ساھەنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيە مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى، دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەتلىك باج ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار بىلەن بىلەن بىرلىشىپ چۈشۈرگەن مەزكۇر ھۆججىتىدە، دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدا چەتئەلنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشى چەكلىنىپلا قالماي، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە يىغىشقا چەكلىمە قويۇلغان.
«دىنىي ساھەنىڭ خەير-ساخاۋەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئىلھاملاندۇرۇش ۋە قائىدىلەشتۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر» ناملىق ھۆججەتتە، دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدا دىنىي تەبلىغ ئېلىپ بېرىشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقى، ھەر قانداق شەخس ۋە تەشكىلات دىنىي زاتلارنى ئىئانە توپلاپ، خەير ساخاۋەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلىسا ياكى مەجبۇرلاش غەرىزىدە بولسا بولمايدىغانلىقى، دىنىي ساخاۋەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىشنى، دىنىي ساھە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئېلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ھۆججەت دىنىي ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىلھام بېرىش ۋە بۇ خىل پائالىيەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكىدىكى بەزى ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دىنىي ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى، ئەگەر خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك بولسا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەت ۋە دىنىي ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئوتتۇرا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سابىق سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ياڭ لىيۈيى بۇ ھەقتە توختىلىپ، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇپ، دىنىي ساخاۋەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر زىددىيەتلىك مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى.
ياڭ لىيۈيى مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دېموكراتىك ئەلدە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى بولغان ئەمەس. بۇ ناھايىتى ئېنىقكى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ بولۇشى دىننى باشقۇرۇش دېگەنلىكتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭگودا دىنىي ئەركىنلىك يوقلۇقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ماۋ زېدوڭ 'دىن ئەپيۈن' دېگەن. شۇڭا جۇڭگو ئاساسەن دىنغا قارشى بىر دۆلەت. ھازىر ئۇ دىنىي گۇرۇھلار خەير ساخاۋەتلىك ئىشلىرىنى قىلسا بولىدۇ دېگەنلىك. بىراق دىنىي ئەركىنلىك بولمىسا، دىنىي ساخاۋەت ئىشلىرىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. دىنىي ئەركىنلىك بولمىغان يەردە ھۆكۈمەت دىنىي ساخاۋەت ئىشلىرىنىمۇ كونترول قىلىدۇ. تەيۋەننى ئالساق، دىنىي ساخاۋەت ئىشلىرى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. چۈنكى دىنىي ساخاۋەت ئىشلىرى دىنىي ئەركىنلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. خەير-ساخاۋەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشقۇرىدىغان نەرسە ئەمەس.
خىتاينىڭ دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىشىپ چىقارغان مەزكۇر ھۆججەت، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «دىنىي ئەسەبىيلىك»كە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئاقسۇ، خوتەن، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن كىشىنى قولغا ئالغان، مۇسۇلمان ئەر، ئاياللارنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشى، دىنىي پاسوندا كىيىنىپ يۈرۈشىگە چەكلىمە قويغان، دىنىي «ئەسەبىيلىك» كە قارشى تەلىم-تەربىيە ھەرىكىتى قانات يايدۇرغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.
شۇڭا مەزكۇر ھۆججەت ناھايىتى تېزلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. د ئۇ ق مەزكۇر ھۆججەتنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرىلەپ چەكلەشكە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇ خىل ھۆججەت ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادنى سۇسلاشتۇرۇپ، دىنىي چەكلىمىنى قانۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى غەرب ئەللىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگوڭچىلار ۋە خىتايدىكى خرىستىئان گۇرۇھلار ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينى تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ساھە.
يېقىندا خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئاق ساراي شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتلىرىدە دىنىي ئەركىنلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بىراق ياڭ لىيۈيى ئەپەندى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادنى رەت قىلىدىغان دىنسىزلىق ئىدېئولوگىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: جۇڭگودىكى دىنىي مەسىلە كىرسە چىققىلى بولمايدىغان بىر تۇيۇق يولدۇر. ئۇلار بىرىنچىدىن؛ دىنغا ئىشەنمەيدۇ. ئىككىنچىدىن، دىنغا نەپرەت بىلەن قارايدۇ. دىندارلار بولسا كوممۇنىزمغا ئىشەنمەيدۇ. بۇ ئىدىيىۋى ئاڭ مەسىلىسى. چۈنكى كومپارتىيىنىڭ دىنسىز پارتىيە ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. مەيلى ماۋ زېدوڭ، جۇ ئېنلەي ياكى دېڭ شاۋپىڭلارنىڭ ئىش قىلىپ ھېچبىرى دىنغا ئىشەنگەن ئەمەس. ئاڭلىشىمچە، شى جىنپىڭنىڭ ئايالى بۇتقا ئىشىنەرمىش. كومپارتىيە رەھبەرلىرى ئەزەلدىن دىنغا بىر خىل ئۆچمەنلىك، گۇمانسىراش پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى. چۈنكى دىنغا ئىشەنگەن ھەر قانداق ئادەم ماركسىزمغا ئىشەنمەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنى رەت قىلىش دېگەنلىكتۇر. شۇڭا بۇ جۇڭگودا ئېغىر بىر مەسىلە. يەنى بۇ ئېغىر ئىدىيىۋى ئاڭ مەسىلىسىدۇر، كۆرسەتتى.
خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ دىنىي خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ھۆججىتىدە يەنە، دىنىي ساھەدىكىلەر خەير-ساخاۋەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسا، چوقۇم دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مالىيە بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىپ، فىتىر-سەدىقىلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنىنى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىشى، ئۇلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.
ئانالىزچىلار بولسا بۇ خىل بەلگىلىمە ئۇيغۇر مەسچىت ۋە جامائەت ئىشلىرىغا زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىرىم مەنبەسىگە توسالغۇ بولىدىغانلىقى، جامائەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ، كىشىلەرنىڭ دىنىي قىزغىنلىقىنى سۇسلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ياڭ لىيۈيى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ خىتايلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىككى مىللەتكە تېخىمۇ گۇمان بىلەن قاراپ، ئۇلارنى ئىلگىرىلەپ باستۇرۇشىغا تۈرتكە بولماقتا ئىكەن.
ئۇ ئەسكەرتىپ، «دىنىي ئەركىنلىك بولماي تۇرۇپ ھېچقانداق نەرسىنى سۆزلەشكىلى بولمايدۇ. دىنىي ئەركىنلىك كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش-قىلماسلىق ئەركىنلىكى بار. ھەر ئىككى تەرەپكە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. ھەر قانداق دىن كىشىنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئەل-قائىدە دىنىي گۇرۇھ ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈش پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس. شۇڭا دىنى مەسىلە كومپارتىيە چۈشەنمەيدىغان بىر نۇقتىدۇر» دەيدۇ.