كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى: ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي بېسىم كۈچلۈك
2005.04.11
"خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش" تەشكىلاتى ۋە "خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى" دۈشەنبە كۈنى "ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي بېسىم تەتۈر قۇيۇنى" تېمىسىدىكى 114 بەتلىك دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " بۆلگۈنچىلىككە ۋە تېررورچىلىققا" قارشى تۇرۇش نامىدا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قاتتىق باستۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتقىنىدىكىدەك ئەمەس
مەزكۇر دوكلاتنى يېزىشقا مەسئۇل بولغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى نىكىلاس بەكۇلىن، دوكلاتنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
"خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، سىستېملىق ۋە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بىز خىتاي دائىرىلىرىدىن ئىگىلىگەن ماتىرىياللاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېتىغا ياقمايدىغان ھەر قانداق ئىشقا، "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت"، "بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق" دېگەندەك قالپاق كىيگۈزىدىغان ئەھۋال بارغانسىرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە تەرتىپكە سېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. بىراق بىزنىڭ ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتقىنىدىكىدەك ئەمەس. بىز بۇ دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق بىر سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدۇق".
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ
ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېتىغا ياقمايدىغان ھەر قانداق ئىشقا، "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت"، "بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق" دېگەندەك قالپاق كىيگۈزىدىغان ئەھۋال بارغانسىرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ.
نىكولاس بەكۇلىننىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ قاتتىق دىنىي سىياسەت يۈرگۈزىشىنىڭ سەۋەبى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىن ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ پەرقلىق مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن. شۇڭا، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى مەدەنىيىتى ۋە باشقا تەرەققىياتلىرىنىمۇ باستۇرماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىگە كەڭ كۆلەمدە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتلارنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇ نارازىلىقلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونتروللىقنى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، بارلىق دىنىي پائالىيەتلەر، مۇرىتلار، مەكتەپلەر، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، نەشرىياتلار، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈش- تۇرۇش، ئىش - ھەرىكەتلىرىمۇ ھۆكۈمەت كونتروللۇقىغا ئېلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ئىماملارنى قەرەرلىك تەكشۈرۈپ تۇرغاندىن سىرت، يەنە " ئۆز- ئۆزىنى تەكشۈرۈش" كە ئۇيۇشتۇرغان. مەسچىتلەرنى نازارەت قىلىپ، ھۆكۈمەت كونتروللىقىدىن سىرتقى دىنىي تەلىم - تەربىيىنى مەنئى قىلغان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يەنە سىياسىتىگە قارشى ھەر قانداق سۆز قىلغانلارنى " بۆلگۈنچى" دەپ ئەيىپلىمەكتە. ئەڭ ئېغىر بولغان ئەھۋالدا، دىتىغا ياقمىغان دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلارنى تۇتقۇن قىلماقتا، قىيىن- قىستاققا ئالماقتا، ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلماقتا.
دوكلاتتا يەنە شىنجاڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئىدارىسىنىڭ 2001 - يىلىدىكى بىر ماتىرىيالىنى نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدىكى مەھبۇسلارنىڭ يېرىمدەكى ئاتالمىش " قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش" جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.
خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى "قانۇنسىز" دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ خىتاينىڭ بىرلىكىگە تەھدىد ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. باش شىتابى نيو-يوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نىكولاس بەكۇلىن، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- خىتاي ھۆكۈمىتى يوشۇرۇن بۆلگۈنچىلىك تەھدىدىگە ئۇچرىغان تەغدىردىمۇ، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر قىلىۋاتقىنى، بۇ يوشۇرۇن تەھدىدتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىشىنى چەكلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇق تەھدىد بار دىيىشىنىڭ يىتەرلىك ئاساسىي يوق. بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىنچ پائالىيەتلەر بىلەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنى بارغانسىرى پەرقلەندۈرمەيۋاتىدۇ. سىياسىي، دىنىي ۋە مىللىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلارنى " بۆلگۈنچى، تېررورچى" دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. بۇنى خەلقئارا جەمئىيەت قوبۇل قىلالمايدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونتروللىقنى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، بارلىق دىنىي پائالىيەتلەر، مۇرىتلار، مەكتەپلەر، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، نەشرىياتلار، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈش- تۇرۇش، ئىش - ھەرىكەتلىرىمۇ ھۆكۈمەت كونتروللۇقىغا ئېلىنغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىكى بېسىم ئېغىر
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەش جەريانىدا يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان. بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۇلارغا، "بىزنىڭ يېزىدا ھەربىيلەر دائىم كېچىدە ئۆيلەرگە كېلىپ تەكشۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلار بىرەر دىنىي ماتىرىياللارنى تېپىۋېلىپلا قالسا، ئۇنى "قانۇنسىز دىنىي ماتىرىياللار" دەپ ، ئۆي ئىگىسىنى سوراققا تارتىدۇ. مېنىڭ دادام بىر ئاددىي دېھقان. ئۇ ئۆيىدىكى قۇرئاننىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى قانداقمۇ بىلىدۇ؟" -دېگەن.
نىكولاس بەكۇلىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
"ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆز تۇپرىقىدا مۇساپىرغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. ئۇلار ئانا تىلىمۇ تەھدىدكە ئۇچراۋاتقاندەك ھىس قىلماقتا. چۈنكى، نۇرغۇن مەكتەپلەردە دەرسلىك خىتاي تىلىدا ئۆتۈلۈۋاتىدۇ. بىرەرسى خىزمەت تاپماقچى بولسا، چوقۇم خىتايچە سۆزلىيەلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار مەدەنىي پائالىيەتلەرنىمۇ ئىختىيارىي ئېلىپ بارالمايدۇ. چۈنكى نۇرغۇن مەدەنىي پائالىيەتلەر مىللىي ھېسسىياتنى ئۇرغۇتىدۇ. ھالبۇكى مىللىي ھېسسىياتنى خىتاي ھۆكۈمىتى " بۆلگۈنچىلىك" نىڭ بىر ئىلمىنتى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئەندىشە ئىچىدە. ئۇلار ئەگەر ئۆز ھېسسىياتىنى ئىپادىلىسە، بېشىغا بالا تىگىدىغانلىقىدىن قورقىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىكى بېسىم ئېغىر.
ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەت رادىكاللىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
نىكولاس بەكۇلىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى داۋاملىشىۋەرسە، بۇنىڭ ئەكسىنچە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىنى ئوقۇشى، قىلىشى، ئويلىشى، بالىلىرىغا نېمىنى ئۆگىتىشى، ھەتتا نېمە كىيىشى، قانداق تۇرىشىدىن تارتىپ ھەممىنى باشقۇرغاچقا، بۇ خىل قاتتىق سىياسەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخىمۇ كۈچلۈك نارازىلىقلارنى قوزغىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ، ئەگەر ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى بۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ پۈتۈنلەي سىرتىدا قالدۇرۇلغاندەك، ئۆز تۇرمۇش ئادىتى، مەدەنىيىتى يوقاپ كېتىۋاتقاندەك، ئۆزلىرى خالىغان ھەممە ئىشتىن مەھرۇم قالغاندەك ھىس قىلسا، ئۇ ھالدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ رادىكاللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش ۋە كەمسىتىش سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. ئۇلار يەنە، دۆلەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى " بۆلگۈنچى، تېررورچى ۋە باشقا جىنايەتلەر" بىلەن ئەيىپلىگەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە دەۋەت قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى مەزكۇر دوكلاتقا ئىنكاس قايتۇرمىدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "2004 - يىللىق دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش دوكلاتى" نى ئېلان قىلدى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە باھا بەردى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
- ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتايدىكى ئەدىلىيە سېستىمىسىنى تەنقىدلىدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتى: خىتاي چاغاننىڭ ئالدىدىكى 2 ھەپتىدە 200 كىشىنى ئاتتى