«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردا«قىزىڭلارنى ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالىدىغانلارغا ياتلىق قىلماڭلار.» دېگەن سۆز تارقالغان.
خەۋەردە ئىزاھلىنىشىچە، «يېقىندىن بۇيان يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ھەر خىل بەلگىلىمە ئۇقتۇرۇشلارنى تارقىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلىشى، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ رومال ئارتىپ ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىشىنى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى چەكلەيدىغان ئۇقتۇرۇشلارنىڭ سودا ساراي، دوختۇرخانا، ئاپتوبۇس، مېھمانخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا چاپلىنىشى، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىشتە بۇ ئائىلىلەردە روپاش ئاياللارنىڭ بولماسلىقىنى شەرت قىلىشى.... قاتارلىق يەرلىك بەلگىلىمىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. نۆۋەتتە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نامراتلار ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلىنى ئالماسلىق، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان كادىرلار ئائىلىسىگە قىزىنى ياتلىق قىلماسلىق...» تەشەببۇسى تارقالغان.
بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، يەرلىك دائىرىلەر تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ، دىنىي ئېتىقاد ۋە كىيىنىش ئادىتىگە قارىتا چەكلىمىلەرنى كۆپەيتكەنسېرى، ئەكسىچە خەلق ئارىسىدا دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي ئۆرۈ - ئادەتنى قوغداش، يۈرۈش - تۇرۇش كىيىنىشتە ھۆكۈمەت چەكلىگەن كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىش ئەقىدىسىنىڭ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ خانىم ئۆز بايانىدا نۆۋەتتە ئۇلار تۇرۇشلۇق يېزىدا ھەر بىر مەھەللىدە بىردىن ئائىلىنى شۇ مەھەللىدىكى ئىشلارنى نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئومۇملاشقانلىقىنى، بولۇپمۇ 18 - قۇرۇلتاي ھارپىسىدا «مۇقىملىقنى ساقلاش» باھانىسىدە رايون ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ چىڭىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ئىدارىسى قاتارلىق جايلاردىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، تېلېفونىمىزنى ئالغان كېچىلىك نۆۋەتچى ساقچى، ئۆزى ئىشلەۋاتقان ناھىيىلىك جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىتىدە 2000 ساقچى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەر ۋاقىت يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، ۋىلايەت ناھىيىلەردىكى ساقچىخانىلارنىڭ كېڭەيتىلىپ، ساقچىلارنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ساقچى مۇخبىرنىڭ «سىلەر يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانداق ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرىسىلەر؟ زەربە بېرىش نىشانىڭلار كىملەر؟» دېگەن سوئالىغا قارىتا، بۇنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان ئەھۋال بولغىنى ئۈچۈن، مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما بۇ نۆۋەتچى ساقچى بايانىدا يەنە ئۆزى ھەم ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن ساقچىلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلىۋاتقىنى ئۈچۈنلا پەقەت ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمەلىيەتتىمۇ بەزى يەرلىك بەلگىلىمە سىياسەتلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان بەكلا كۆپىيىپ كەتكىنى ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىنىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى چەكلەش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تور بەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى، كىيىنىشى ۋە يۈرۈش - تۇرۇشىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ تولىمۇ بىمەنە ۋە كۈلكىلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ، بۇ ھەقتىكى مەسخىرە ۋە كىنايىلىك ئىنكاسلار كۆپەيگەن.
بىرەيلەن «ئەگەر ئۇيغۇرلارمۇ ئۇلارغا ئوخشاش تۇغما كوسا بولۇپ ساقال بۇرۇتسىز بولغان بولسا، ئۇلار ساقال - بۇرۇتىمىز سەۋەبىدىن، دوقمۇشلاردا ساقال بۇرۇتلۇق ئەرلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن تۇرغۇزۇپ قويىدىغان كۈزەتچى - ساقچىلارغا ئاجراتقان پۇلىنى تېجەپ قالاتتىكەن.» دېگەن بولسا، يەنە بىرەيلەن تېخىمۇ كىنايىلىك قىلىپ،«ئۇيغۇر قىز ئاياللىرى چۈمبىلىڭلارنى قايرىۋېتىپ گۈزەل جامالىنى نامايان قىلسا، ئۇنداقتا ئاللىبۇرۇن گۈزەل جامالىنى نامايان قىلىپ بولغان خەنزۇ قىز - ئاياللىرىغا باشقا جايلىرىنى ئېچىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈلسە، مىللەتلەر باراۋەرلىكى نامايان بولاتتىكەن...» دەپ يازغان.
ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىل بېسىم - چەكلىمىلەرنىڭ يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە، خىتاي تور بېكەتلىرىدىمۇ ئىنكاسلار كۆپەيگەن. بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى ماقالە ئېلان قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ «مۇقىملىقنى ساقلاش» باھانىسىدە بۇ خىل زىيادە چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇشى ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، ئۇيغۇرلاردا ئومۇمىي خەلق نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىپ، رايوندا تېخىمۇ كۆپلىگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئېتىقاد پائالىيىتىنى مەيلى قانچىكى قاتتىق باستۇرۇش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق چەكلىمىسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرۈپ ئادەتنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ بارغانچە كۈچىيىدىغانلىقىنى، قارىماققا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا دىنىي كەيپىياتنى ئاخىرلاشتۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىگە يوشۇرغان مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئەقىدىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.