ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان بۇ يىللىق دوكلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ 2010-يىلدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە باھا بېرىلگەن. شۇ قاتاردا خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، بۇ بىر يىلدا ھۆكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرمىغان خرىستىئان، كاتولىك دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى، تىبەتلىك بۇددىستلار، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى پەۋقۇلئاددە كەسكىنلەشكەنلىكى، دىنىي رەھبەرلەرنى تۈرمىگە تاشلاش ۋە ئۇلارنى ئىشەنچىسىزلەشتۈرۈش، دىنىي ئۆلىمالارنى تاللاش، دىنىي يىغىلىش، دىنىي كىتابلارنى تارقىتىشنى كونترول قىلىش كېڭەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بىر يىلدا يەنە فالۇنگوڭ، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە تىزىمغا ئالدۇرمىغان پروتىستتانتلارنى ئاقلىغان ئادۋوكاتلارغا داۋاملىق پاراكەندىچىلىك سالغان، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغان، قورقۇتقان، مەنئى قىلغان ۋە ئىز دېرەكسىز غايىب بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
دوكلاتتا، مەزكۇر كومىسسىيە دىنىي ئەركىنلىككە قىلىنغان يۇقىرىقى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلار سەۋەبلىك خىتاينى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2011-يىلدىكى «پەۋقۇلئاددە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. ئەگەر ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر كومىسسىيىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلسا، خىتاي بۇ يىل ئۇدا 12-قېتىم ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى «پەۋقۇلئاددە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن بولىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1999-يىلدىن بېرى خىتاينى ھەر يىلى «پەۋقۇلئاددە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈپ كەلگەن.
خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىسسىيىسى دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2010-يىلى ئىچىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلاشقانلىقى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك»، «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «تېرورچىلىق» قا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىقنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولۇپ قالغانلىقى ۋە شۇنداقلا بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەلۇم شەكىلدىكى رادىكالىشىشقا باشلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇسۇلمانلار ۋە پروتىستانتلارغا قارىتىلغان پاراكەندىچىلىك سېلىش، قولغا ئېلىش، دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى ئاجىزلىتىش جەھەتتىكى بېسىمنىڭ ئىزچىل كۈچىيىپ بارغانلىقى» تەكىتلەنگەن. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىسسىيىسىنىڭ سىياسىي ئىشلار مۇئاۋىن دىرېكتورى سكوت فلىپس مەزكۇر دوكلات مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى دىنىي گۇرۇھلار ئىچىدە دىنىي ئەركىنلىكى ئەڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئۇيغۇر بىلەن تىبەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ «بىز خىتايدا دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆردۇق. سىزگە مەلۇم بولغاندەك، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت ھەر قانداق بىر ئاممىۋى نارازىلىقنى ئىزچىل باستۇرۇپ كەلدى. دىنىي گۇرۇھلار، ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى باستۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلاندى. دوكلاتىمىزدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ ۋەزىيىتى بىز يېقىنقى 10 يىلدا بايقىغان ئەڭ ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ھۆكۈمەت مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ دىنىي پائالىيىتىنى باستۇرۇش ھەم كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتكەنلىكى مەلۇم» دەپ كۆرسەتتى.
خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىسسىيىسى دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلى 5-ئايدا چاقىرغان مەركەزنىڭ «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ مەزكۇر يىغىندا ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتىنى تەكىتلىگەنلىكىنى، لېكىن مەيلى خۇ جىنتاۋ بولسۇن، مەيلى «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي كونتروللۇققا مۇناسىۋەتلىك دەردىگە دەرمان بولمىغانلىقىنى، يىغىندا خىتاينىڭ بۇرۇنقى «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى كۈرەش قىلىش سىياسىتى يەنە تەكىتلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي تەبلىغ ۋە ئىبادەت ئۇسۇلىغا ئارىلىشىش سىياسىتى يەنە تەرغىب قىلىنغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
دوكلاتتا يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئىماملارنى قەرەللىك سىياسىي كۇرسلارغا تەشكىللەپ، ئۇلارغا لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىۋاتقانلىقى، يەرلىك بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ئىمام ۋە دىنىي زاتلارنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئىماملىرىنىڭ ھەر ئايدا قەرەللىك دىنىي ئىشلار ۋە ج خ دائىرىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، يوليورۇق ئالىدىغانلىقى، يىغىنغا بارمىغان ئىماملارنىڭ چەتكە قېقىلىدىغانلىقى ۋە ياكى تۇتقۇن قىلىنىش ئاقىۋىتىگە قالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ 2010-يىلى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ دىنىي پائالىيىتىنى چەكلەيدىغان بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇلاردىكى «دىنىي ئاڭنى ئاجىزلاشتۇرماقچى» بولغانلىقى، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 2009-يىلى ئاياللارنىڭ ھېجاپ كىيىشىگە قارشى ھەرىكەت باشلىغانلىقى، بىراق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خوتەندە 600 كىشىلىك نامايىش قىلىپ، دىنىي چەكلىمىگە قارشى تۇرغانلىقى،2010-يىلى مارالبېشىدا قۇرئان كۇرسىغا قاتناشقان 32 ئايالنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇلار ئىچىدىكى 2 ئايالنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» بىلەن ئەيىبلىنىپ، جازاغا تارتىلغانلىقى تەنقىد قىلىنغان.
دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى پاش قىلغان ۋە تەنقىد قىلغان دىنىي زاتلار، ئىلمىي خادىملار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك»، «ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بۇزغۇچى»، «ھاكىمىيەتكە قارشى ئاغدۇرمىچى» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تىنچ شەكىلدە ئۇيۇشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى نامايان قىلماقچى بولغان نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئابدۇقادىر مەخسۇمنىڭ 2009-يىلى 2-ئايدا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى زاتلار خىتاينىڭ ھەر خىل بەلگىلىمە ۋە يوليورۇقلارنى ئېلان قىلىپ، دىنىي گۇرۇھلارنى كونترول ئاستىغا ئالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن دىنىي ئەركىنلىك ئىلگىرىلەپ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى سكوت فىلىپس، خىتاينىڭ بۇ يىل 1-ئايدا ئېلان قىلغان دىنىي ئىشلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى يوليورۇقى، ھۆكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرمىغان يەر ئاستى دىنىي گۇرۇھلارنى ئىلگىرىلەپ كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ «بىز ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا ئېلان قىلغان دىنىي ئىشلار توغرىسىدىكى يوليورۇقىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلىمىز. خىتاينىڭ مەزكۇر يوليورۇقىدا كەلگۈسى بىر يىل ئىچىدىكى دىنىي ئىشلار خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدا بۇرۇن قانۇنسىز بولسىمۇ، لېكىن كۆز يۇمۇپ كېلىۋاتقان ئائىلە چېركاۋلىرىغا ئوخشاش دىنىي گۇرۇھلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەكىتلەنگەن. بۇنىڭ ئىپادىسى پاسخا بايرىمى ھارپىسىدا يۈز بەرگەن پروتېستانت ئائىلە چېركاۋ ئەزالىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرىدە نامايان بولدى. بىز بۇ خىل ۋەقەلەر يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىن، دەپ قارايمىز. چۈنكى بۇ، تىزىمغا ئالدۇرمىغان خرىستىئان پروتېستانت چېركاۋلىرىغا ئوخشاش دىنىي گۇرۇھلارنى ھۆكۈمەت كونتروللۇقىغا ئېلىش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى» دېگەن.
خەلقئارا ئەركىنلىك كومىسسىيىسى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىنى مەنبە قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە شۇنداقلا «دىنىي ئەسەبىيلىك» قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن جازالانغان كىشىلەرنىڭ 1000 دىن ئاشىدىغانلىقىنى، لېكىن خىتاي ئەدلىيىسىنىڭ بېكىنمىچىلىكى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ تىنچ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن «تېررورلۇق»، «دىنىي ئەسەبىيلىك» ئارىسىدىكى چەك-چېگرانى ئايرىمايدىغانلىقى سەۋەبلىك زادى قانچىلىك كىشىنىڭ تىنچ دىنىي پائالىيەت، پىكىر ئەركىنلىكى، ۋىجدان ۋە دىنىي چەكلىمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش قىيىنغا توختاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.