مەزكۇر كومىتېت يوللىغان مەكتۇپتا، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى بىر قىسىم ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭمۇ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان.
مەكتۇپ، مۇئاۋىن پرېزىدېنت جوۋ بايدىن خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى يەنى، 15-ئاۋغۇست جوۋ بايدىنغا يەتكۈزۈلگەن. مەكتۇپ كومىتېت رەئىسى لېئونارد لېئونىڭ شەخسىي نامىدا يېزىلغان بولۇپ، خەتتە خىتايدا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: سىز، 2011 يىلى خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىلىرى ۋە ئاساسىي قانۇنىدا يېزىلغانلىرى بويىچە نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا ئەركىنلىكلەرنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىملىق ۋە گۈللىنىشىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل يولى، دېگەن دېدىڭىز. مەن شۇلارنى بۇ قېتىم يەنە سەمىڭىزگە سالماقچى مەن.
مەكتۇپتا، دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىر ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇلارنى ئامېرىكا-خىتاي دىپلوماتىيىسىنىڭ ھەممە ساھەسىگە سىڭدۈرۈش لازىملىقى كۆرسىتىلگەن.
مەكتۇپتا خىتايدا قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى گاۋ جىشېڭ، باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ليۇ شياۋبو، چېن گۇاڭچېن قاتارلىقلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان ۋە مۇنداق دېيىلگەن: بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھىم بولۇپ، بۇلارنى جانابىڭىزنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى جىددىي تەلەپ قىلىمىز.
مەكتۇپتا يەنە خىتايدىكى دىنغا ئىشەنگۈچى خەلقلەرنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقى كۆرسىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: بىز يەنە جانابىڭىزنىڭ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتايدىكى بۇددىستلار، كاتولىكلار، مۇسۇلمانلار ۋە فالۇنگوڭ تەرىقەتچىلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق خىتايدىكى ئاشۇ ئاۋازسىز خەلقنىڭ يۈرەك ساداسى بولۇشىڭىزنى سورايمىز.
مەكتۇپتا ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ خېلى ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، يېقىنقى توقۇنۇشلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئېغىر باستۇرۇلۇشقا مۇپتىلا قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ۋە تىبەت بۇددىستلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر نۆۋەتتە ئەڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ۋە ئېتنىك ئەنسىزلىكلەر بۇ رايونغا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى دىنىي باستۇرۇش ۋەزىيىتى ئېلىپ كەلدى.
مەكتۇپتا يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدىغانلىقى، قاتمۇقات باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ پەقەت كەلگۈسى يېڭى نارازىلىقلارغا تۇتۇرۇق بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ، جوۋ بايدىندىن خىتاي رەھبەرلىرىنى ئۇيغۇر تىبەت رايونلىرىدا يولغا قويۇلغان دىنىي چەكلىمىلەرنى ئېلىپ تاشلاشقا ۋە بۇ رايونلاردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باشقىچە يول تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش تەلەپ قىلغان.
مەكتۇپتا مەزكۇر رايونلاردا ئىشەنچ ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن يۇقىرىقىلاردىن باشقا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى كۆرسىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: تىنچ يوسۇندىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان بارلىق چەكلىمىلەرنى ئېلىپ تاشلاش، مىللىي تىل-مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنى ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ھەمدە خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارىتا ئوچۇق ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
مەكتۇپقا ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتنىڭ 2011-يىللىق دوكلاتىدىكى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بۆلەكلىرى قوشۇپ يوللانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي دائىرىلىرى 2008-يىل مارتنىڭ ئالدى-كەينىدە غۇلجىدا سوتقا تارتقان مەردان سىيىتاخۇن، ئەخمەتجان ئەمەت قاتارلىق 11 ئۇيغۇر ياشنىڭ مەسىلىسى ھەمدە 2009-يىلى 7 -ئايدىن بۇيان 15 يىللىق جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر خرىستىئان ئالىمجان ھىمىت مەسىلىسى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا 2008-يىلى كۇچادا قولغا ئېلىنغان ئادىل قارىم مەسىلىسىمۇ مەكتۇپقا قوشۇپ يوللانغان.
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە خىتاي پايتەختى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى ۋە بەش كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.
بايدىننى خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شىجىنپىڭ تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ، بۇ جەرياندا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
جوۋ بايدىننىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتى جەريانىدا ئىقتىسادىي كرىزىس، شىمالىي كورىيە ۋە شەرقىي ئاسىيا مەسىلىلىرىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، بەزى مۇتەخەسسىسلەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ تەبىئىي ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
CNN دە نەقىل قىلىشىچە، دۆلەت بىخەتەرلىكى تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى ئاسىيا تەتقىقاتچىسى دانني رۇسسېلل تەيۋەن ۋە تىبەت مەسىلىسىنى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ھەمدە ھەر بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەبىئىي ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.