ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارغا كەڭ ئورۇن بېرىلدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون خىتايدىكى دىنى بېسىم ئەھۋالىنى بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنى بېسىم سىياسىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 13-قېتىملىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. ھەرقايسى ئەللەردىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھوقۇق بولغان دىنىي ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون بايانات بەردى. ئامېرىكىنىڭ ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بىر دۆلەتلىكىنى ئەسكەرتكەن ھىللارىي كىلىنتون سۆزىدە، نۆۋەتتە نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىدىن بىرى بولغان دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز ئىرادىسىگە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، ئىنسانلارنى دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئەركىنلىكىدىن ۋە پەرزەنتلىرىگە ئۆز دىنىنى ئۆگىتىش ھەققىدىنمۇ مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ھىللارىي كىلىنتون يۇقىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرگە مىسال كەلتۈرگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىلغا ئالدى.

ھىللارىي كىلىنتون سۆزىدە، خىتايدىكى تىبەت بۇددىستلىرى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە خرىستىئانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم ۋە چەكلىمىلىرىگە ئۇچراپ كەلمەكتە، دېدى. ئۇ، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىكنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋاللىرىدىنمۇ بىر قانچە مىسال كەلتۈرگەندىن كېيىن، بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەتلىرىنىڭ بىرىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەردىكى دىنى ۋەزىيەتتىن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى مەلۇمات ئىگىسى قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ھىللارىي كىلىنتون ئامېرىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا دىنى ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ دىنى ئەركىنلىكىنى قوللاشقا داۋام قىلىپ، بۇ جەھەتتىكى ياردەم خىزمەتلىرىگە داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى بۇ قېتىم ھىللارىي كىلىنتوننىڭ باياناتىدا تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە يەنە، دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر يىللىق دوكلاتتىمۇ كەڭ يەر ئالدى. ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، تۈرلۈك قانۇن-تۈزۈملەر ئارقىلىق چەكلىمە قويۇپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان ۋە ئۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنى كىتابلارنى سېتىشنى، دۆلەت كادىرلىرى ۋە 18 ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ مەسچىتكە بېرىشىنى ۋە ئاياللارنىڭ بېشىغا ياغلىق سېلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى مىساللار ئارقىلىق كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
-خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا «بۆلگۈنچىلىك، دىنى رادىكالىزىم ۋە تېررورىزم» غا قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقتىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنىمۇ بېسىم ۋە چەكلىمە ئاستىغا ئالماقتا. خىتاي دائىرىلىرى كۆپىنچە ھاللاردا نورمال دىنى پائالىيەتلەرگىمۇ تېررور ۋە جىنايى پائالىيەتلەر بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى، قولغا ئېلىش ۋە قانۇنىي جازاغا تارتىش قاتارلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەتچى، جىنايەتچى ۋە دىنى زات قاتارلىقلارنىڭ زادى قايسىسىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئايرىش ئىنتايىن تەس.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەجىگە بېرىشتىنمۇ چەكلىنىدىغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئىماملارنى سىياسىي جەھەتتىن تەربىيىلەش خىزمەتلىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلەيدىغان تۈزۈملىرىنى تېخىمۇ چىڭايتقانلىقى، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەجىگە بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا پاسپورت چىقىرىشنى توختاتقانلىقىدەك ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بېرىلگەن. ئۇنىڭدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە جەمئىي 78 كىشىنى «قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە ئارىلىشىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 29 ئەر بۇرۇت قويغانلىقى ئۈچۈن، 38 ئايال ياغلىق سالغانلىقى ئۈچۈن جەرىمانە تۆلىگەن. غۇلجا ۋىلايەتلىك دائىرىلىرى يىل ئاخىرىدا جەمئىي 140 كىشىنى دىن تەشۋىق قىلىش ۋە دىنى رادىكالىزملىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەر» دەيدىغان سۆزنى داۋاملىق ئىشلەتسىمۇ، ئەمما قانداق دىنى پائالىيەتنىڭ قانۇنلۇق، قانداق پائالىيەتنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىگە ئوچۇق بىر ئېنىقلىما بەرمىگەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل مارالبېشى ناھىيىسىدە 32 ئايال كىشىنى قۇرئان كۇرسىغا بارغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئالغانلىقى ۋە خىتاينىڭ چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئەكىتىۋاتقانلىقىمۇ بۇ دوكلاتتا يەر ئالغان. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن:
-خىتايدا دىن بىلەن مىللەت كۆپىنچە ھاللاردا بىر-بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلگەن. شۇڭا بەزى ۋەقەلەرنىڭ يالغۇز دىنى ئەركىنلىككە قىلىنغان دەپسەندىچىلىك ياكى مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا قىلىنغان دەپسەندىچىلىك ئىكەنلىكىنى ئايرىۋېلىش ئىنتايىن تەس. خىتايدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتكە ئوخشاش مىللەتلەر دىنى ھەم مىللىي جەھەتتىن كەمسىتىلىشكە ئۇچرىماقتا. بۇ دوكلات تەييارلىنىۋاتقان مەزگىلدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار ئارىسىدا مىللىي سۈركىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى.

بۇ دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كەمسىتىلىشكە ئۇچراش ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئىنتايىن تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خرىستىئان ئالىمجان ھىمىتنىڭ مەسىلىسى ۋە شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئوغلىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.