خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ دىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇنازىرە قوزغىدى
2012.12.19
مۇلاھىزىلەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنى گۇرۇپپىلار ئۈستىدىكى بېسىمنى كۈنسايىن ئاشۇرۇۋاتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىننى ئۆزىنىڭ تەختىگە بىر تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن ھەپتە خىتاي دائىرىلىرى خېنەن، چىڭخەي، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى يەر ئاستى خرىستىئان تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنى جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇش بىلەن قولغا ئالغان ئىدى. ئىگىلىنىشىچە بۇ كىشىلەر 12- ئاينىڭ 21-كۈنى ئاخىرقى زامان يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئاخىرقى زامان يېتىپ كەلگەندىلا پۇقرالارنىڭ ئۆز بېشىغا كېلىۋاتقان بارلىق كۈلپەتلەردىن قۇتۇلالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە نامايىشتا پارىخور ئەمەلدارلارغا قارشى شوئارلارنى توۋلىغان.
خىتاي دائىرىلىرى بولسا ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن دەرھال بۇ «ھەممىدىن قۇدرەتلىك ئىلاھ» مەزھىپىنىڭ 500 ئەزاسىنى قولغا ئالغان. ۋەقە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلىدى.
بۈگۈن ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئالدىنقى يىلى خىتايدىكى بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەردە خرىستىئان دىنى تارقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بارلىق چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن سۈپۈرۈپ چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. 16 بەتتىن تەركىب تاپقان بۇ يوليورۇقتا بۇ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار «چەتئەللەردىكى دۈشمەن كۈچلەر تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر»، دەپ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، «ئۇلارنىڭ مەقسىتى دىننى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينى غەربلەشتۈرۈش ۋە بۆلۈش» دەپ كۆرسىتىلگەن.
يۇقىرىدىكى ھۆججەت 2011- يىلى مايدا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسى تەرىپىدىن بىۋاسىتە ھالدا پەقەت شەھەرلىك، رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە ھەربىي قىسىم رەھبەرلىرىنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە «خىتايدىكى خرىستىئان دىنى پائالىيەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە تەھدىت»، دەپ كۆرسىتىلگەن ۋە بۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چەتئەللەردىكى خىتاي خرىستىئان تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېلىھەم دىنغا سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكى چۈشەنچە بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلانغان. ئۇلار يۇقىرىقىدەك رەسمىي بىر ھۆججەت گەرچە ئۆتكەن يىلى چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دىنى زاتلار، دىنى تەشكىلاتلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقىدەك گۇمانلىق دەپ قارىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدىكى بېسىمنىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بېرى ئىجرا قىلىنىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى پائالىيەتلىرىنى قاتتىق بېسىم ئاستىغا ئېلىپ كەلگەنلىكى بولسا ھەرقايسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان ئىدى. ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنى بېسىمنىڭ دەرىجىسى ۋە شەكلى تېخىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، 18 ياشتىن كىچىكلەر، دۆلەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشى چەكلەنگەن.
روزا تۇتۇشى مەنئى قىلىنغاننى ئاز دەپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى بېشىغا رومال ئارتقانلىقى، ئىسلامى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادىتى بويىچە كىيىنگەنلىكى، ئۇيغۇر ئەرلىرى بولسا ساقال- بۇرۇت قويغانلىقى ئۈچۈن رادىكالىزملىق بىلەن ئەيىبلىنىپ، قوپال مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىماقتا. دىنى زاتلار «مىللىي بۆلگۈنچى، تېررورچى» دەپ ئەيىبلەنمەكتە.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن خىتاي بويىچە ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنى بېسىم سىياسىتىنىڭ سىرتىدا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنى ۋە مىللىي بېسىمدىن ئىبارەت قوش بېسىملارغا ئۇچراۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى دىننىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى خىتايلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئامىللاردىن بىرى بولغانلىقتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق زەربە نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى بۈگۈن ئېلان قىلغان «خىتاي رەھبەرلىرى ھېلىھەم دىندىن گۇمانلانماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنى بېسىم سىياسىتىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى خرىستىئان تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەرنىڭ دىنى ئېتىقادىغا ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەن قاتارىدا مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دىنغا ئىشىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، يۇقىرىدىكى يوليورۇقتا مەكتەپتە ياكى سىنىپتا دىن ھەققىدە سۆزلىگەن ئوقۇغۇچى - ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپتىن توختىتىش، چەتئەللىك بولسا چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش بۇيرۇق قىلىنغان. شۇنداقلا، دائىرىلەرنىڭ ھەرقانداق دىنى ھەرىكەتكە سەل قارىماسلىقى، بۇنىڭ كەلگۈسىدە خىتاي كومپارتىيىسىگە چوڭ زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان.
چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇلار يېڭى رەھبەر شى جىنپىڭدىنمۇ ھېچقانداق ئۈمىد نۇرى كۆرمىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ دىنغا قاراتقان زەربىسىنىڭ يەنە ئۇزۇن يىللار داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.