ئامېرىكا، دىنىي ئەركىنلىكنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان 11 دۆلەتنى ئېلان قىلدى
2005.05.12
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلاتىدا، دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان 11 دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى خىتاينى، دىنىي ئەركىنلىككە ئىزچىل ۋە سىستېمىلىق تۈردە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىپلىدى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ دوكلاتىدا " خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي زاتلارنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئۇلارنى تەيىنلەش قاتارلىقلارغا قارار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، دىنىي جامائەتلەرنىڭ پائالىيىتىنى كونترول قىلىش، نازارەت قىلىش ۋە چەكلەشكە ئۇرۇنماقتا،" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي - پەۋقۇلاددە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەت
مەزكۇر كومىتېت دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسى "پەۋقۇلاددە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەت،" دەپ ئاتىدى. كومىتېت ئەزاسى مايكىل كلىمارتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر كومىتېت 1999 - يىلدىن بېرى خىتاينى "پەۋقۇلاددە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەتلەر" قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن شۇنداقلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر كومىتېتنىڭ تەكلىپى بويىچە خىتاينى "پەۋقۇلاددە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەت" دەپ ئېلان قىلغان.
ش ئۇ ئا ر دا سىياسى ئۆكتىچىلىك بىلەن بۆلگۈنچىلىك پەرقلەندۈرۈلمەيدۇ
شىنجاڭدا ئىماملارغا سىياسى ئۆگىنىش كۇرسىلىرىغا قاتنىشىش تەلەپ قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ سىياسى پوزىتسىيىسى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن نازارەت قىلىنماقتا.
مەزكۇر كومىتېت دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر قىسمىدا، "دىنىي ئېتىقات ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دائىرىلەرنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىماقتا،" دەپ ئەسكەرتىپ، تىنچ يوللاردا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسى ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەرىكىتى بىلەن بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلەر، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېرورچىلىقنىڭ پەرقى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئازات قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن مەزكۇر كومىتېت، "ئۇيغۇر دىنىي زاتلار شۇنداقلا تالىپلار 'قانۇنسىز' دىنىي پائالىيەت ئېلىپ باردى، دېگەن سەۋەبلەر بىلەن قولغا ئېلىندى، 'قانۇنسىز' دىنىي مەركەزلەر تاقالدى شۇنداقلا ياشلارنىڭ مەسچىتلەر بېرىشى چەكلەندى،" دەپ ئەسكەرتتى.
ئۆلۈم جازاسى ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن دىنىي زاتلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مەزكۇر كومىتېت، دىنىي زاتلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلىش ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىككە تەھدىت سېلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن جازالىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "شىنجاڭدا ئىماملارغا سىياسى ئۆگىنىش كۇرسىلىرىغا قاتنىشىش تەلەپ قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ سىياسى پوزىتسىيىسى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن نازارەت قىلىنماقتا،" دەپ كۆرسەتتى.
دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ
قانۇنچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، (خىتاينىڭ) يېڭى (دىنىي) بەلگىلىمىسى دىندارلارنىڭ ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئەمەس، بەلكى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان
خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن ئاق ساراي تەيىنلەيدۇ. كومىتېت رەئىسى پرىتا بېنسالنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر كومىتېت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. پرىتا بېنسال، "كومىتېت ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بىز زىيارەت قىلىشنى خالايدىغان بىر جاي،" دېدى.
دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ناماز ئوقۇش، ياغلىق ئارتىش، دىنىي كىتاپلارنى سېتىۋېلىش ۋە رامازاندىكى دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشغا "مۇداخىلە" قىلىپ، " ئوقۇتقۇچىلار، پروفېسسورلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ چەكلىمىگە ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلغان."
يېڭى بەلگىلىمە دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىشقا قارىتىلغان
مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلى 11 - ئايدا چىقارغان دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش يولىدىكى مۇھىم قەدەم، دەپ قارىسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر بەلگىلىمە دىنىي كونترولنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارايدىكەن. كومىتېت ئەزاسى مايكىل كرومارتى مۇنداق دەيدۇ: " قانۇنچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى بەلگىلىمە دىندارلارنىڭ ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئەمەس، بەلكى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇلار يېڭى بەلگىلىمە پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەر ۋە دىنىي مەزھەپلەرنى ئۈنۈملىك كونترول قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش دەپ قارىماقتا،" دەپ كۆرسەتتى.
ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئېچىشنى تەلەپ قىلدى
دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش توغرىسىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بەزى تەكلىپلەرنى سۇندى. ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئېچىش، ئۇيغۇرلارغا ئامېرىكىدا تەلىم تەربىيە ئېلىش پۇرسىتىنى كېڭەيتىش، ئۇيغۇرلارغا قانۇنى مەسلىھەت بېرىش ئورگانلىرىنى ئېچىش شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدىكى رادىئو پروگراممىلىرىنى كۆپەيتىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ تىزىملىكىدىكى دىنىي ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر خىتاي، ئۆزبېكىستان، شىمالى كورىيە، بېرمان، ئىران، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان ۋە تۈركمەنىستانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۆزبېكىستاننىڭ تۇنجى قېتىم مەزكۇر تىزىملىككە ئېلىنىشىكەن. (ئەركىن)
- خىتاي ھۆكۈمىتى شاياردىكى بىر دىنىي كۇرسىنىڭ مۇددەرىسىنى قولغا ئالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئۆلىمالارغا بېسىم ئىشلەتمەكتە
- "كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى" نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى: ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي بېسىم كۈچلۈك
- ئۇيغۇرلاردا دىنىي ئەركىنلىك بارمۇ؟