
ئۇيغۇر رايونى ئاخبارات تورىدا يېقىندىن بۇيان بېرىلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا،ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، ھەر قايسى مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا دىنىي ئىشلارنى ياخشى ئىشلەشنى، خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى ۋەزىپە قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەشۋىقاتى
دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلى خەۋەر تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن، ئۇيغۇر ھەم تۇڭگان چوڭ موللا، ئىماملاردىن بىر قانچىنى يوقلاپ، ئۇلارغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇقلىرىنى يەتكۈزۈپ "ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئۇزۇن يىلدىن بېرى پارتىيە، ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ، مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشىغا ياردەمدە بولدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇسۇلمان خەلق ئاممىسىغا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى توغرا تەشۋىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئاممىغا ئۆز ئالدىغا ياكى قالايمىقان دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنىڭ زىيانلىقلىقىنى چۈشەندۈرۈڭلار ، بۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ھەم تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك" دېگەن.
بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلارنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش يىغىنىدىمۇ، ۋاڭ لېچۇەن دىنىي خىزمەتلەر توغرىسىدا سۆز قىلىپ، " ھەر دەرىجىلىك كادىر ۋە ئاممىغا قارىتا دىنسىزلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش، دىنىي زاتلارغا بولغان سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش، ئۇلارنىڭ خىتاي پارتىيە، ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىپ، سوتسىيالىزمغا بولغان ئېتىقادىنى چىڭىتىش، ياش ئۆسمۈرلەرگە شىنجاڭنىڭ تارىخىنى توغرا تونۇتۇپ، خىتاينىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا دېگەن ئىدىيىنى تۇرغۇزۇش كېرەك دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
خەلقنىڭ زارى
خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقىدەك سىياسەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىسلام دىنى مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كونترول قىلماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت - بايراملىرى ھارپىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئېتىقادنى كونترول قىلىش سىياسەتلىرى تېخىمۇ كۈچىيىدىغان بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئۇيغۇر خەلقى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي جەھەتتىن باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ساراسىمىدە كۈن ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن.
قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىنىۋاتقان دىنىي سىياسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئوقۇغۇچى، پارتىيە ئەزالىرى ھەتتا دادۈيجاڭلارنىڭ مەسچىتكە بېرىشىگە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قوللىنىۋاتقان دىنىي سىياسەتلىرى يەرلىك خەلقنىڭمۇ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان بولسىمۇ، خەلقنىڭ بۇ ھەقتە قارشى پىكىردە ياكى ئىدىيىدە بولۇشىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇسۇلمانلارغا قاراتقان ناتوغرا سىياسەتلىرىگىمۇ سۈكۈت قىلماقتا ئىكەن.
بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت بولغان ھېيتگاھ جامەسىگە تېلېفون قىلىپ مەسچىتنىڭ قائىدە قانۇنلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئالدۇق. مەسچىتنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ بايانىنى ئۆزى ئىنكار قىلىدىغان مۈجىمەل جاۋابلارنى بەردى. (گۈلچېھرە)