ئېلزابېت پرودرومو خانىم : "خىتاي دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەت "
بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى باشلىقى ئېلزابېت پرودرومو خانىم ، خىتايدا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار توپى كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ يەنىلا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئىزچىل بوغۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ : "خىتاي يەنىلا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەت سۈپىتىدە قېلىۋەردى" دېدى.
دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "بىدئەت" دەپ قارايدىغان، تىزىمغا ئېلىنمىغان دىنىي گۇرۇھلارغا، كۆپىنچە ھاللاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئالاقىدار دىنىي جامائەتلەرگە قارىتىلغان ، بەزى چاغلاردا ۋەھشىيلىك ئارىلاشقان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ: " ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار،، تىبەت بۇددىستلار، يەر ئاستى كاتولىكلار، پروتىستانتلار ھەمدە فالۇنگۇڭغا ئوخشاش دىنىي توپلارغا قارىتىلغان بۇ خىلدىكى قاتتىق باستۇرۇش ئۆتكەن يىلدا ئىزچىل داۋاملاشتى . بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتلەردىكى دىنىي بېسىم دەرىجىسى ئۆتكەن يىلىدا تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇلدى " دېيىلگەن.
پرودرومو خانىم : " بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قاتارلىق دىنىي جامائەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى"
بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى باشلىقى ئېلزابېت پرودرومو خانىم خىتاينىڭ ئۆتكەنكى بىر يىل جەريانىدا يەنە ھۆكۈمەت تەستىقلىغان دائىرىدە دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا قارىتىلغان چەكلەشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: " بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىككە تەھدىت سالىدۇ دەپ قارىغان تىبەت ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت ۋە دىنىي جامائەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى."
2005- يىلى مارتتا خىتاي ھۆكۈمىتى "دىنىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسى " نى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر بەلگىلىمىدە خىتايدىكى بارلىق دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان 7 خىل دىنىي جەمئىيەتلەرگە تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى.
دوكلات: "ئۇيغۇر موللىلىرى ۋە تىبەت راھىبلىرىنىڭ "ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى" ئېلىشقا مەجبۇرلانغان"
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر بەلگىلىمە تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونلىرىدا تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، بەلگىلىمە جەريانىدا ئۇيغۇر موللىلىرى ۋە تىبەت راھىبلىرىنىڭ "ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى" ئېلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
پرودرومو خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا، دىنى زاتلارنى قولغا ئېلىپلا قالماي ، بەلكى خىتاينىڭ باشقا شەكىلدە ئېلىپ بارغان دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگىمۇ ئېغىر خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ھەمدەم بۇ خىلدىكى خىلاپلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي 2005- يىلى يولغا قويغان "دىنىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسى " نى يۈرگۈزۈش جەريانىدا ئېغىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:" مۇسۇلمان ئىماملارنى ۋە تىبەت راھىبلىرىنى كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسى بۇيىچە مەجبۇرىي تەربىيىلەش قاتارلىقلارنى بۇ خىلدىكى دەپسەندە قىلمىشلار مىسالى سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە بولدۇ".
دوكلات: "شىنجاڭدىكى دىنىي ئەركىنلىك مۇھىتى ئالاھىدە ناچار"
دوكلاتنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىسىمدا: "شىنجاڭدىكى دىنىي ئەركىنلىك مۇھىتى ئالاھىدە ناچار بولۇپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇ ئۆلكىدىكى بارلىق دىنىي گۇرۇپپىلارغا قارىتىلغان چەكلەش ۋە باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى" دېيىلگەن ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك، ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكلەرگە زەربە بېرىشنى دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرۇشتىكى كوزۇر قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي زاتلار، موللا، ئىماملارنىڭ قەرەللىك ھالدا دىنىي ئىشلار كومىتېتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ دىنى تەبلىغلەرنى قانداق يۈرگۈزۈش ھەققىدە تەۋسىيە - تەكلىپلەر بېرىلىدىغانلىقى، مۇنداق يىغىنلاردىن باش تارتىشنىڭ ئىماملىق ۋەزىپىسىدىن ھەيدىلىش ۋە ياكى سولاپ قويۇش جازالىرىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقى، دىنىي يېتەكچىلەر ئاممىۋى سورۇندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىبلەپ سوز ئېچىپ قالسا، "بۆلگۈنچىلىك"، "جەمئىيەت تەرتىپىگە تەھدىت سېلىش" ۋە " دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش" جىنايەتلىرى بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان قاماق جازالىرىغا تارتىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەزمۇنلىرى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان تەكلىپلىرىنى كېلەر قېتىملىق پروگرامىمىزدا تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.