خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەت
2006.05.03

ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە جاۋابكار بىر كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە بۇش ھۆكۈمىتىنى خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئىزچىل ناچارلىقى ۋە دىندارلارنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي "تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش" نى سۈيئىستىمال قىلدى
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دۆلەت مەجلىسى ۋە بۇش ھۆكۈمىتىگە يوللىغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدىكى ئىپادىسىنى ناچار ۋە دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى "پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قوزغاۋاتقان" دۆلەت، دەپ كۆرسەتتى. خىتاي، بېرما، شىمالىي كورىيە، ئېرىترىيە، ئىران، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە ۋېيتنام قاتارلىقلار دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى "پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قوزغاۋاتقان" دۆلەتلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىندى. دوكلاتتا، "خىتاي 2001 - يىلى 11 - سېنتەبىردىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورچىلىققا قارشى سەزگۈرلىكىنى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت سۈپىتىدە قوللاندى" دەيدۇ.
دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى "ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنى ۋە تالىبلىرىنى بەزى ئاتالمىش قانۇنسىز ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن قولغا ئالغان. ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي تەربىيە مەركەزلىرىنى پىچەتلىگەن ۋە ساقچىلار زور مىقداردىكى قانۇنسىز دىنىي كىتابلارنى مۇسادىرە قىلغان".
مەزكۇر كومىتېت چارشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ "دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان دۆلەتلەر" قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە چاقىردى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش سىياسىتىنىڭ نىشانى بولۇپمۇ تىزىمغا ئالدۇرمىغان يەر ئاستى قانۇنسىز دىنىي گۇرۇھلارغا قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن كومىتېت كومىسسارى رىچارد لاند، جۇڭگونى ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە ئېلىشنى تەۋسىيە قىلدى. رىچارد لاند، "كومىتېتىمىز جۇڭگونى 1999 - يىلدىن بېرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە كومىتېتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خىتاينى پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.
رېچارد لاند: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلەنمەكتە.
خىتاي 2001 - يىلى 11 - سېنتەبىردىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورچىلىققا قارشى سەزگۈرلىكىنى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت سۈپىتىدە قوللاندى.
رېچارد لاندنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر كومىتېت خىتايدا 2005 - يىلى 8 - ئايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى ئىزچىل تۈردە كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، نازارەت ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقىنى ۋە چەكلىمە قويۈۋاتقانلىقىنى بايقىغان. دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قىسمىدا "مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق چەكلەنمەكتە. كۆپ ھاللاردا ئۇيغۇر سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنىڭ تىنچ ھەرىكىتى بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ قارالماقتا" دەپ تەكىتلەنگەن. كومىتېتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رايوننىڭ ۋەزىيىتى بۇرۇندىنلا ناچار بولسىمۇ، لېكىن خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە دىنىي جەھەتتە ئاكتىپ ئەزالىرىنى نىشانىغا ئالغان. دوكلاتتا، بەزى دىنىي ئۆلىمالار ۋە دىنىي ئاكتىپلارنىڭ دىنىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى بۆلگۈنچىلىك قىلىش ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
رىچارد لاند، "كومىتېتىمىز خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە ناچارلىقىنى بايقىدى. جۇڭگو ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دىنىي جامائەتلەرنىڭ پائالىيىتىنى كونترول قىلماقتا، نازارەت ئاستىغا ئالماقتا ۋە ئۇلارغا چەكلىمە قويماقتا " دەيدۇ.
دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 1998 -يىلى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىنىڭ روھى بويىچە ھەر قايسى ئەللەردىكى ئىپادە ۋە ئىدىيە ئەركىنلىكى ياكى دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان. مەزكۇر كومىتېت خىتاينى ھەر يىلى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى پەۋقۇلئاددە ئەندىشە يارىتىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىپ كەلمەكتە.
ئوقۇتقۇچىلار، پروفېسسورلار، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى دىنىي ئىبادەتتىن يىراقلاشتۇرۇلدى. ناماز ئوقۇش، دىنىي ماتېرىياللارنى تارقىتىش، روزا تۇتۇش ۋە باشنى ئۆرتۇش جازالىنىش ئوبيېكتىغا ئايلاندى
دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ 2005 - يىلى 8 - ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغان ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگىچە بارغان ئىدى. رىچارد لاندنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار تەكشۈرۈش جەريانىدا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى بىلەن ئالاقىدار يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە سىياسەت ئىجرا قىلغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
خىتايدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى دىنىي رەھبەرلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن ئىزچىل تۈردە تەن جازاسىغا ئۇچراش، تۈرمىگە تاشلىنىش ۋە ھەر خىل يامان مۇئامىلىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن رىچارد لاند، "خىتاينىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي جەمئىيەتلىرىگە تىزىملىتىشنى رەت قىلغان دىنىي رەھبەرلەر ۋە دىندارلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا "دەيدۇ. رىچارد لاند، خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ زەربە بېرىش نىشانى بولۇپمۇ تىزىمغا ئالدۇرمىغان يەر ئاستى دىنىي گۇرۇھلارغا يەنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، ئائىلە چېركاۋلىرى، تىزىمغا ئالدۇرمىغان كاتولىكلار، تىبەت بۇددىستلىرى ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار دىندىن يىراقلاشتۇرۇلماقتا
دوكلاتتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنى تىلغا ئالدى ۋە ئۇنىڭ 1999 - يىلى قولغا ئېلىنغاندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسى ۋە دىنىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلىدىغان بىر پارچە خەت تاپشۇرماقچى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، "رابىيە قادىر سۈرگۈنگە ھەيدەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە ئەزالىرى ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغان ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان". خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىگە دىنىي ئىبادەت چەكلىمىسى قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن دوكلاتتا، "ئوقۇتقۇچىلار، پروفېسسورلار، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى دىنىي ئىبادەتتىن يىراقلاشتۇرۇلدى. ناماز ئوقۇش، دىنىي ماتېرىياللارنى تارقىتىش، روزا تۇتۇش ۋە باشنى ئۆرتۇش جازالىنىش ئوبيېكتىغا ئايلاندى "دەيدۇ. رىچارد لاندنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى "گەرچە ئامېرىكىغا ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي تەلىم - تەربىيە ئېلىشى چەكلەنمەيدۇ، دەپ ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ چەكلىمە بولۇپمۇ شىنجاڭ بىلەن تىبەتتە ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا".
دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ زىيارەت ئۆمىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلغاندا ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى تۈگەتمەي تۇرۇپ دىنىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. رىچارد لاند، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2005 - يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ يولغا قويغان دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى تەنقىدلىدى. رىچارد لاندنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە خىتاي رەھبەرلىرى بۇ بەلگىلىمىنى دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش يولىدىكى مۇھىم قەدەم دەپ ھېسابلىسىمۇ، لېكىن مەزكۇر كومىتېت بۇ بەلگىلىمە پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ دىنىي گۇرۇھلار ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ چىڭ تىزگىنلىشىنى قائىدىلەشتۈردى، دەپ قارىغان. ئۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتايدا قانۇننىڭ رولىنى كۈچەيتىش، ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى سۆھبىتىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋىي دىپلوماتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىتايدىكى شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش توغرىسىدا سۆزلىشىش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى بويىچە تېخنىكا ياردىمىنى كۈچەيتىشنى تەۋسىيە قىلدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي بېسىم تېخىمۇ كۈچەيمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: خىتاي دىنىي ئەركىنلىككە داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلماقتا
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىمەكتە
- ئەركىن ئالپتېكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي مەسىلىلىرى ھەققىدە دۇنيا ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىغا مۇراجەتنامە يوللىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسەتلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە مەسچىتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنى تۇتقۇن قىلماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان ب ب س مۇخبىرىنىڭ ھېس قىلغانلىرى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە دىنى ئېتىقات قاتتىق كونترول قىلىنماقتا