دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئۇيغۇرلار

ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتقان خەلق، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى، ئۆرپ‏-ئادەتلىرى بىلەن چىڭ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن.

0:00 / 0:00

«دىن دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت ئامىلىدۇر.» شۇڭىمۇ، مەيلى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە بولسۇن ۋە ياكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت قانۇنلىرىدا بولسۇن، مۇشۇ نۇقتىنى تونۇغان ھەم ئېتىراپ قىلغان ھالدا ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش مەخسۇس ماددىلار ئارقىلىق شەرھلەنگەن. خىتايمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئۇنداقتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قاراتقان توسقۇنلۇقى ۋە باستۇرۇشلىرى قايسى خىل قانۇن ماددىلارغا خىلاپ؟ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار قانۇنلۇق ھالدا ئۆز دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتا قانداق ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالماقتا؟

بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تەييارلىغان «ھەق-ھوقۇق ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق يۈرۈشلۈك پروگراممىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدىن ئاڭلايسىلەر.

خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 36-ماددىسىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە. ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى قىلماسلىققا زورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتنى قوغدايدۇ. ھەر قانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەتئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ» دېيىلگەن.

يەنە خىتاينىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ -10ماددىسىدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن «... مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل يېزىقىنى ئىشلىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.»

دۇنيا جامائەتچىلىكى 21 ئەسىردە شاھىت بولىدۇكى، ھەتتا ئۇيغۇر ئاياللىرى بېشىغا رومال ئارتقانلىقى، ئىسلامى ئۆرپ-ئادىتى بويىچە كىيىنگەنلىكى ئۈچۈن كەمسىتىلىپ، كوچىلاردىلا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سۆرەپ تارتىشلىرىغا، ياغلىقلىرىنى مەجبۇرىي بېشىدىن ئېلىۋېتىپ سازايى قىلىنىشتەك خورلۇقلارغا ئۇچرىسا، ئۇيغۇر ئەرلىرى ساقال، بۇرۇتلىرى قىرىلىپ، تۈرلۈك قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ جىنايەتچى قاتارىدا قارىلانماقتا.

18 ياشتىن كىچىكلەر، دۆلەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشى چەكلەنگەن، روزا تۇتۇشى مەنىي قىلىنغان، دائىرىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ دىنىي سىياسىتىگە خىلاپ بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ سورىقى يوقمۇ دەپ ئوتتۇرىغا چىققۇچىلار تەقىبلەنمەكتە، «مىللىي بۆلگۈنچى، تېررورچى» دەپ ئەيىبلەنمەكتە. بۇ ھادىسىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ھەتتا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرغۇچىسى ماۋ زېدوڭمۇ «قەيەردە بېسىم بولسا، شۇ قەيەردە قارشىلىق بولىدۇ» دېگەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى كونتروللۇقىدىكى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تا بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بارغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ناتوغرا سىياسەتلىرىگە قارشى ھەرىكەتلىرى، ھەق-ھوقۇق كۈرەشلىرىدە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداشنى ئاساسلىق مەۋقە قىلغان، بۇ ھەرىكەتلەر ھەر قانداق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ چىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن ئايرىيالمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا ئىسپاتلاپ كۆرسەتمەكتە.

نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ھەمدە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ھەممىسىگە قارشى خىلاپ ھالەتتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى، ياۋروپا بىرلىكى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېلان قىلىۋاتقان خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى يىللىق دوكلاتلىرىدا، خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېنىق ۋە تەپسىلىي كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ پۇقراسى ھېسابلايدۇ، ئەمما باشقا پۇقرالىرىغا بەرگەن ھوقۇقلاردىن ئوخشاش بەھرىمەن قىلمايدۇ. بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە يەنە ئوخشاش ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان نىڭشيادىكى تۇڭگانلارغا قاراتقان دىنىي ئېتىقاد سىياسەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تۇڭگانلار يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي توسقۇنلۇق ۋە باستۇرۇشلارغا ئۇچرىمايدۇ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسەت ۋە قانۇنىدا بەلگىلىگەن پۇقرالىق ھوقۇقلىرىدىن نىسبەتەن بەھرىمەن بولالايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ پۇقراسى دەپ قارىغان بولسا، ھېچ بولمىغاندا تۇڭگانلارغا بەرگەن ھوقۇقلاردىن، دىنىي ئەركىنلىكلەردىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك ئىدى، ھالبۇكى خىتاينىڭ قانۇن ماددىلىرىدا دۆلەتنىڭ دىنىي سىياسىتى ئېنىق بولسىمۇ، ئەكسىچە ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىننى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي ھەرىكەتلىرى، باستۇرۇشلىرى داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇرلار دەيدىكىن «پەقەت ئاپتونومىيە قانۇنى توغرا ئىجرا قىلىنسىلا، نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۆزلۈكىدىن ھەل بولغان بولاتتى.»

خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 251 ماددىسىغا قارىساق:
«قانۇنسىز يوللار بىلەن پۇقرالارنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە دەخلى تەرز قىلغان دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي سىياسەتلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاي يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ھالدا ئۆزى قول قويغان خەلقئارالىق قانۇنلارغىمۇ خىلاپ، يەنى 2007 يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ماقۇللىغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئەھدىنامىسىگە خىتايمۇ قول قويغان، مەزكۇر خەلقئارالىق ئەھدىنامىنىڭ 12 ماددىسى «يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى دىنىي ئادەتلىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە ھەرخىل مۇراسىملىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈش، ئىجرا قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۆگىنىشكە، ئۆزلىرىگە ئائىت بولغان مەدەنىي ۋە دىنىي ماكانلارنى ساقلاپ قېلىش ۋە قوغداشقا، بۇ ماكانلارغا باشقىلارنىڭ قارشىلىقىسىز كىرىپ-چىقىشىغا، ئۆزلىرىنىڭ مۇراسىم خاراكتېرىدىكى ئەنئەنىلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە كونترول قىلىشقا، ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق» دەپ بەلگىلەنگەن.

شۇنداقلا، مەزكۇر ئەھدىنامىگە قول قويغان دۆلەت، ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەزكۇر ھەق -ھوقۇقلىرىنىڭ ھېچقانداق كەمسىتىلىشكە، ئايرىمىچىلىققا ئۇچرىماي قوغدىلىشى ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشى شەرتلىكى، ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ بۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ ئادىل، ئاشكارا ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقى ئايرىم تەكىتلەنگەن.