خىتاي ھۆكۈمىتى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپىسىدا دىنىي پائالىيەتلەرگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتمەكتە


2005.01.10

heytkar-imami.jpg
قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۇھەممەت ئىمىن (سولدىكى) ھېيتگاھ جاماسىدە. 2003-يىلى 17-سېنتەبىر. AFP PHOTO/Frederic J. BROWN

باش شىتابى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاقسۇ گېزىتىنىڭ 30 – دىكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئاشكارىلىشىچە، ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسى يېقىندا پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئاتالمىش "دىنىي رادىكاللار ۋە زوراۋان تېررورچىلار" غا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاقسۇ گېزىتىنىڭ مەلۇماتلىرىنى نەقىل قىلىپ كۆرسىتىشىچە، باي ناھىيىلىك سىياسىي- قانۇن كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى بىرلىشىپ، ناھىيىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىنى ئۆز- ئارا تۇتاشتۇرىدىغان مۇداپىئە سېپىنى تەشكىللىگەن. ئۇلار پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئامانلىقنى ساقلاش گۇرۇپپىسىدىن 251 نى قۇرغان، ھەمدە بازار- يېزىلاردا 10 ئائىلە بىرلىشىپ، "ئۈچ خىل كۈچ" تىن ئورتاق مۇداپىئە كۆرۈش، بىر قورۇدىكىلەر بىرلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورناتقان.

بىز باي ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان "ئۈچ خىل كۈچ" تىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن باي ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان بىر نۆۋەتچى خادىم، بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىقى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېڭى كۈچلۈك بولغان بۇلۇڭ يېزىسىنى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

خىزمەت گۇرۇپپىسى دىھقانلارنىڭ ئۆيىدە يېتىپ، ئىدىيە خىزمىتى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىدۇ

باي ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى بۇ نۆۋەتچى خادىم ، ناھىيە دائىرىلىرىنىڭ، ئالاقىدار خادىملارنى دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىشنى قۇربان ھېيتقىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئەگەر كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلمىسە، بۇ ھەرىكەتنى يەنە ئۇزارتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى باي ناھىيىسىدىلا ئەمەس، بەلكى قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىمۇ، ھەر خىل خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللەپ، "ئۈچ خىل كۈچ" كە زەربە بېرىش ھەرىكىتى نامىدا، دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول قىلماقتا. يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر، يېزىدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزىۋاتقان دىنىي ۋە باشقا سىياسەتلىرى، غەرب ئەللىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئەيىپلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى ئۆتكەن يىللىق كىشىلىك ھوقوق دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي ھوقوقىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇربان ھېيتنىڭ ھارپىسىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈشىگە يول قويمىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.