خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى مەزكۇر يىغىنغا خىتاي دېموكراتىيە ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ھەرىكىتى، فالۇنگوڭچىلار قاتارلىق مىللىي-دىنىي گۇرۇھلارنىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان. يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىغىن خىتاي خەلقى بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقىنى ئالغا سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
ئۆتكەن شەنبە كۈنى كالىفورنىيىدە ئېچىلغان خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى مىللەتلەر ۋە دىنىي مەزھەپ رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، فالۇنگوڭچىلار ۋە دېموكراتىك خىتاي قاتارلىق ئوخشىمىغان پىكىر، مەۋقەدىكى مىللىي، دىنىي، سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئالغا سۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ چاقىرىلغان ئىدى. بۇ يىلدا بىر قېتىم چاقىرىپ كېلىنىۋاتقان «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى مەزكۇر يىغىننىڭ 7-قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشىدۇر.
ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما قاتارلىق شەخسلەر قاتناشقان مەزكۇر يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان يىغىن ئاخباراتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا ئىلگىرىلەپ بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ۋە باستۇرۇۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ئەھۋالى، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشى تەلەپ قىلىنىپ، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىشكە چاقىرغان. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان ياكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، دەپ ئاتىلىدىغان بۇ رايوندا نۇرغۇن ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى مەۋھۇم ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت ۋە خىتاي خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ئۇيغۇر-خىتاي ئىككى خەلق ئارىسىدىكى دىئالوگنى ئالغا سۈرۈشنى تەلەپ قىلىنغان.
مەزكۇر يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلغان چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئەڭ غوللۇق تەشكىلاتلىرىدىن «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى دوكتور ياڭ جيەنلى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ پائالىيەت خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ھەر قايسى مىللەت، دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئۆز ئارا بىر-بىرىنى چۈشىنىشىنى ئالغا سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: بۇ پائالىيەتنىڭ يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ئىزچىل ئۆزگەرمەي كېلىۋاتقان بىرلا نىشانى بار. ئۇ بولسىمۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ، يەنى مەن بۇ يەردە بۇ ئۇقۇمنى جۇڭگونىڭ ئېتىك مىللەتلىرى، دېگەن مەنىدە قوللانماقچى ئەمەس. چۈنكى بۇنداق دېسەم ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. يەنى بىز بۇ ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمرانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مىللەت، دىن، مەدەنىيەت ۋە تېررىتورىيىلىك مىللىي تەركىبلەرنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرى بىلەن قەرەللىك ئۇچرىشىشىنى ئالغا سۈرۈش. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلار يۈز بەرگەن. شۇڭا بۇ يىغىن ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى چۈشىنىشى، بىر-بىرىنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى، دىنىي، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى چۈشىنىشىنى ئالغا سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز بۇنى چىقىش قىلىپ، ئۇلار ئارىسىدىكى ئۇقۇشماسلىق ۋە دۈشمەنلىكنى يۇمشىتىش، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. چۈنكى جۇڭگونىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ھەر بىر مىللەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا كۆپچىلىك بىر -بىرىگە غەمخورلۇق قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى تەڭ ئالغا سۈرۈش زۆرۈر. ھەر بىر مىللەت ئۆز رايونىدا ئەركىنلىكنى كېڭەيتىشى لازىم. بۇ ئارقىلىق جۇڭگودا دېموكراتىك تۈزۈمنى قۇرۇپ چىقىپ، ھەر قايسى ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى مۇناسىۋىتىنى كەلگۈسىدە ھەل قىلىش، دەپ كۆرسەتتى.
يىغىننىڭ ئاخباراتىدا يەنە، ھەر قايسى مىللەت ۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ كونكرېت بەزى مەسىلىلەردىكى ئورتاق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، فالۇنگوڭچىلار ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە يەنە ئەزا بولۇشىغا قارشى ئورتاق ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەدەنىيەت، تىل ئالاھىدىلىكى ۋە مۇھىتىنى قوغداش تەلەپ قىلىنغان.
رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر يىغىندا سۆزلىگەن نۇتقىدا بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپلا قالماي، بۇنىڭدا يەنە ئەڭ زور مەسئۇلىيەتنىڭ خىتاي خەلقىگە چۈشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ياڭ جيەنلى ئەپەندى مىللىي رايونلاردا يەرلىك خەلق چوقۇم ئۆزىنىڭ تىلىنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كومپارتىيىنىڭ مەقسەتلىك سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە تەدرىجىي غايىب بىلىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بىرى-مەسىلەن: ئۇلارنىڭ تىلى. بۇ بىز يىغىن ئەھلىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. شۇڭا بىز مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى قوغداش مەسىلىسىدە چوقۇم ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ ئۆز رايونلىرىدا چوقۇم ئۆز تىلىدا سۆزلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم. بىز يەنە بۇ رايونلارنىڭ مۇھىتى ۋەيرانچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۆكتىچى زاتلارنىڭ قاتتىق زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىق مەسىلىسىگە دىققەت قىلدۇق. شۇڭا بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز بۇ سەھنىدىن پايدىلىنىپ داۋاملىق ئالاقە قىلىش، ئاندىن ئورتاق پرىنسىپ ئۈستىدە كېلىشىپ، كونكرېت ھەرىكەت شەكىللەندۈرۈش. يىغىننىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. يىغىننى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، دېيىشكە بولىدۇ.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇن باشلانغان بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل ئالاقە ۋە ھەمكارلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىزچىل تالاش-تارتىش ۋە گۇمان قوزغاپ كەلگەچكە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ناھايىتى ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەن. خىتاي دېموكراتىيىلەشسە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قانچىلىك ئېتىراپ قىلىدۇ، دېگەن مەسىلە ئۇيغۇر ئارىسىدىكى تالا-تارتىشنىڭ نېگىزىدۇر.
بىراق ياڭ جيەنلى خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتى مىللىي مەسىلىسىنى ھەرگىز ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: جۇڭگونىڭ ھازىرقى سىياسىتى مىللىي مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايلا قالمايدۇ. بەلكى تېخىمۇ ئاۋارىگەرچىلىك پەيدا قىلىپ مىللىي مەسىلىسىنى تېخىمۇ چىگىشلەشتۈرۈۋېتىدۇ. بۇ پەقەت مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەتنى كۈچەيتىدۇ، خالاس. بۇ مەسىلىنى بىز ھەممىمىز كۆرۈپ يەتتۇق. ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش قابىلىيىتى يوق بولۇپلا قالماي، ئۇلار يەنە مىللەتلەر مەسىلىسىدە نۇرغۇن مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنى پەيدا قىلغان. ئۇلار بۇ مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنى قوغداشنى كۆزلەيدۇ. بۇ مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنى قوغداشنىڭ بىر يولى، مىللىي ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىش. زىددىيەت پەيدا قىلىپ مەركەزدىن پۇل ئېلىش. ئۇلار مىللىي مەسىلىدە ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەر. بۇ مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى بۇ مەسئۇلىيەتسىز شەخسلەرنىڭ قولىدا قالغان. ئەگەر جۇڭگونىڭ سىياسىتى بىلەن مېڭىۋەرسە، مىللىي مەسىلە تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. شۇڭا بىز ئاممىۋى تەشكىلاتلار يۇقىرىقى يىغىن ئارقىلىق دۇنياغا ۋە جۇڭگو خەلقىگە يەنە بىر خىل يولنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ قويماقچى. يەنى بىز ھېچقانداق زوراۋانلىق ۋە مەجبۇرلاش ئۇسۇلىنى قوللانماي، ئىختىيارلىق بىلەن ئورتاق قىممەتنى ئاساس قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش تامامەن مۇمكىن، كومپارتىيىنىڭ ئۇسۇلى توغرا ئەمەس، دېگەننى نامايان قىلىشتۇر، دەپ كۆرسەتتى.