تەھرىر گۈلباھار خانىم: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاللاھ»، «خۇدا» قاتارلىق سۆزلەرنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەنلىكى راست

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزمۇنى مىللىي ۋە دىنىي تۈس ئالغان ئەسەرلەرنى قاتتىق چەكلىگەندىن سىرت يەنە، بىر تۈركۈم مىللىي ۋە دىنىي مەزمۇندىكى سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشىگىمۇ چەك قويغان.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان توربەتلەردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىدىكى گېزىت-ژۇرنال، رادىئو-تېلىۋىزىيە ۋە ئاخبارات-نەشرىيات بۇيۇملىرىغا قارىتا كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن بولۇپ، مەزمۇنى مىللىي ۋە دىنىي تۈس ئالغان ئەسەرلەرنى قاتتىق چەكلىگەندىن سىرت يەنە، بىر تۈركۈم مىللىي ۋە دىنىي مەزمۇندىكى سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشىگىمۇ چەك قويغان.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي دۇنيادىكى ئاخبارات، نەشرىيات ۋە سۆز ئەركىنلىكى چەكلەنگەن قارا تىزىملىكتىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى كوممۇنىستىك پارتىيىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تەشۋىقات ئورگىنى ئارقىلىق بۇ ساھەلەرگە قارىتا ئالدىن تەستىقلاش تۈزۈمى ئورناتقان بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ياخشى كۆرمەيدىغان ھەرقانداق مەزمۇندىكى ياخشى ئەسەرمۇ بىردەك نەشر قىلىنىش ۋە ئېلان قىلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

تەكشۈرۈشتىن تاسادىپىي ئۆتۈپ كەتكەن ئەسەرلەرمۇ جەمئىيەتتىكى مەخسۇس ئاپشاركا خادىملىرى ئارقىلىق پاش قىلىنىپ، ئېلان قىلغان ياكى نەشر قىلغان ئورۇننىڭ تاناۋى تارتىلىدۇ. شۇڭا ئاخبارات، نەشرىيات ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان تەھرىرلەرنىڭ ئەسەرلەرگە ھەتتا ئەسەرلەردە ئىشلەتكەن سۆز-جۈملىلەرگە قويىدىغان تەلىپىمۇ زىيادە ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە ۋە دىنىي ئېتىقادىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم، خۇدا، ئاللاھ، ناماز، مۇسۇلمان، قۇرئان، ئۇيغۇر، خۇداغا ئامانەت، ئاللاھقا ئامانەت، بىسمىللا، تەڭرى، دۇئا، ئىنشائاللا ، خۇداغا شۈكرى، ئاللاھقا تاپشۇردۇم قاتارلىق سۆزلەر ئەسەرلەرنىڭ جۈملە تەركىبىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. ئەسەر تەركىبىدە پېرسوناژلارنىڭ قۇرئان ئوقۇغان، قەبرە بېشىنى يوقلىغان، دۇئا ئوقۇغان، قۇرئاننى سۆيگەن، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلغان تەسۋىرلىرى بولسا بۇنداق ئابزاسلار پۈتۈنلەي قىسقارتىۋېتىلگەن.

بىز بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئېلىش ئۈچۈن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپ يىل گېزىت-ژۇرناللاردا تەھرىرلىك قىلغان ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان گۈلباھار خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ سۆزلەر ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان مىڭ يىللاردىن بىرى ئىشلىتىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىدە زاماندىن -زامانغا ئۇلىشىپ، مەزمۇنى بېيىپ كېلىۋاتقان سۆزلۈكلەر بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئالاقىسىدە ۋە تىل تەسۋىرىدە ئىشلىتىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان سۆزلەردۇر. گەرچە بۇ سۆزلەر ئىسلام دىنى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئەرەب تىلىدىن كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسى لۇغەت تەركىبىدىكى مۇھىم سۆزلۈكلەر بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەسۋىرىي بايلىقى بولۇپ كەلمەكتە. تەھلىلچىلەرنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلۈكلەرگە چەك قۇيۇشى ئەسلىدىن ئىشلىتىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان بۇ تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىنى تېخىمۇ نامراتلاشتۇرۇپ، تەسۋىرىي كۈچنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.