كانادا دۇنيادىكى دىنىي دەپسەندىچىلىكلەرنى كۆزىتىدىغان دىنىي ئەركىنلىك سارىيىنى قۇرماقچى. سايلام رىقابىتىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە، كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ستېپھېن ھارپېر ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ھامان يېڭى بىر ئورگان-دىنىي ئەركىنلىك سارىيىنىڭ كانادادا رەسمىي خىزمەت باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ستېپھېن ھارپېر بۇ يېڭى ئورگاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قارايدىغانلىقىنى ۋە يىللىق پائالىيەت راسخوتىغا 5 مىليون دوللار ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ:
«خۇشاللىق بىلەن شۇنى جاكارلايمەنكى، مەن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئالاھىدە ئىشى دىنىي ئەركىنلىك سارىيىنى ئېچىشتۇر.» دېدى.
ستېپھېن ھارپېر سۆزىدە، بۇ يېڭى ئورگاننىڭ دىنىي ئەركىنلىكلىرى دەپسەندە قىلىنغان خەلقلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ:
«دىنىي ئەركىنلىك سارىيى پۈتۈن دۇنيادىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى كۆزىتىدۇ، دىنىي ئەركىنلىكنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىش كانادانىڭ ئاساسلىق تاشقى سىياسىتىگە ئايلىنىدۇ.» دېدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر مىنىستىرى جاسون كېننېي دىنىي ئەركىنلىكلىرى بوغۇلغان خەلقلەرنى تىلغا ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەنىدى.
تەكلىپ بىلەن مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش كانادادا دىنىي ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ۋەقە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
رۇقىيە تۇردۇش سۆزىدە دىنىي ئەركىنلىكلەرنى قوغداش كانادانىڭ ئاساسلىق تاشقى سىياسىتىگە ئايلىنىشىنىڭ يەنە، خىتاي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
جاسون كېننېينىڭ تىلغا ئېلىشىچە، بۇ يېڭى ئورگاننىڭ ۋەزىپىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 10 يىل ئىلگىرى تەسىس قىلغان «دىنىي ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ خىزمەتلىرى بىلەن ئوخشىشىدىكەن.
ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار دۇنيادا دىنىي ئەركىنلىكلىرى ئەڭ قاتتىق بوغۇلۇۋاتقان خەلقلەرنىڭ بىرى.