' ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ' ‏- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسچىتلەردىكى ساقچىسى ‏

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئىلىدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەن باھانە بىلەن، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئاتا - ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن دىنىي مەكتەپلەردە تەلىم - تەربىيە ئالغان "ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات" دېگەن نامدىكى كىنىشكىنى بېجىرىشكە مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئېلىدىكى مەسچىتلەردە ئىماملىق قىلىدىغان دىنىي زاتلارغا قارىتا " ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات " دېگەن كىنىشكىنى بېجىرىش شەرتىنى يولغا قويۇلغىلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولۇپ، ھازىرقى ئەھۋالدا كىنىشكىسى يوق كىشىلەرنىڭ مەسچىتلەردە ئىمام بولۇشىغا يول قويۇلمىغان.

دىنىي مەكتەپتە ئوقۇتقان ئوغلى ئۇچۇن، "ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات " كىنىشكىسى بېجىرىشكە مەجبۇر بولغان بىر دادا، رادىئومىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلدى.

ئۇنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە ھازىر، غۇلجا تەۋەسىدە ئەھۋال جىددىي بولۇپ، دىنىي تەلىم - تەربىيە ئالغان ياشلار قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدىكەن، شۇڭا ئۇ ئوغلىنىڭ كېيىنكى چاغلاردا ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىماسلىقى ئۇچۇن، " ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات" نامىدىكى قانۇنلۇق دىنىي تەلىم - تەربىيە ئېلىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشكە مەجبۇر بوپتۇ.

ھازىر ئۇيغۇر ئىلىدە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي تەلىم - تەربىيە ئېلىشىدىن قاتتىق ئۈركىگەن بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ مەسچىتتىن باشقا جايلاردا دىنىي تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىشى قاتتىق چەكلەنگەن.

ئولىمپىك مەزگىلىدە غۇلجا تەۋەسىدىن تۇتۇلغان 12 بالىنىڭ ئۇستىدىن "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى، دۆلەتنى پارچىلاش قەستىدە بولدى " دەپ جازا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار پەقەت ئائىلىلەردە دىنىي تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شۇ قەدەر ئېغىر جازاغا تارتىلغان ئىدى.

ئۇنداق بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى كىنىشكە تارقاتقان بۇ ئىماملار خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلىدىمۇ ؟ خەلق ئۇلارغا قانداق باھا بەرمەكتە ؟

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر دېھقان "ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات" كىنىشكىسى بار ئىماملار ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنى ھۆكۈمەتنىڭ مەسچىتلەردىكى پايلاقچىسى دەپ بايان قىلدى.

بۇ كىشى ئۆز سۆزىدە، خەلقنىڭ ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن بۇ خىل ئىماملارنى ئەمەلىيەتتە قارشى ئالمايدىغانلىقىنى، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ خەلقتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئېلشات ئەپەندى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كوممۇنىستىك ئىدىيىسىنى مۇقەددەس ئىسلام دىنىي ئۈستىگە قويغۇچى دىنىي مۇناپىقلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئەمەلىيەتتە،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۇستىدىن پايلاقچىلىققا قويۇلغان مەسچىتلەردىكى يەنە بىر تۈركۈم دىنىي تونغا ئورۇنۇۋالغان ساقچىلىرى بولۇپ، شۇڭا ئۇيغۇر خەلقى بۇ خىل كىشىلەردىن بىزار ئىكەن.