خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان 'دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنى چەكلەش' سىياسىتىگە قارىتا ئىنكاسلار

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل ياز پەسلىدىن بۇيان "دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنى چەكلەش" باھانىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىشىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

0:00 / 0:00

تۈنۈگۈن كۇچا ناھىيىسىدىن بىرەيلەن رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، بۇ يىل رامزان ئېيى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، كۇچا ناھىيىسىدە "دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنى چەكلەش" ھەرىكىتىنىڭ يەنە كۈچەيتىلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى.

رادىئومىز كۇچا ناھىيىسىدىن تاپشۇرۇۋالغان ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، بۇ يىل رامزان مەزگىلىدە، كۇچا ناھىيىسىنىڭ خانىقاتام يېزىسى ( خانىقا ئاتام يېزىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جاينىڭ ئىسمىنى كۇچا ناھىيىسى 7- رايون دەپ ئۆزگەرتكەن.- ئاپتوردىن) قاتارلىق جايلاردا، "دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنى چەكلەش" ھەرىكىتى يەنە بىر قېتىم كۈچەيتىلگەن.

ھازىر ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەتتە ئولتۇراقلاشقان، ئىلگىرى كۇچا ناھىيىسىدە تۇرغان بىرەيلەنمۇ بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كۇچا ناھىيىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغىنى ئۈچۈن، ئىلگىرى ئۆزى كۇچادىكى مەزگىللەردە بۇ خىل "دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنى چەكلەش" ھەرىكىتىنىڭ دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە، ئەينى يىللىرى كۇچادا ئۆزى بىلىدىغان بىر ئىمامنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي تۈس ئالغان كىيىنىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىگە نارازى بولغىنى ئۈچۈن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، قالغان 12 ئائىلىلىك ئۇيغۇرنىڭ دائىرىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە كىيىنىش جەھەتتىكى تۈرلۈك چەكلىمىلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئۈرۈمچى، ماناس قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ كىشى يەنە، ئۆزىنىڭ بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيان كۇچادىكى تونۇشلىرىدىن، "دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنى چەكلەش" ھەرىكىتىنىڭ يەنە كۈچەيتىلگەنلىكى ھەقتىكى مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، كۇچادىكى ئۆزى ئاڭلىغان ئەھۋالنى بايان قىلىپ، ساقچى دائىرىلىرى ۋە يېزا كادىرلىرىنىڭ ھەر پەيشەنبە كۈنى بازارغا كىرگەن ئاياللارنىڭ يۈزىنى مەجبۇرى ئاچقۇزۇۋېتىدىغانلىقىنى، يۈزىنى يۆگىگەن ئاياللار، ساقال قويغان ئەرلەرگە 200يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

بىز كۇچادىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن، كۇچا ناھىيىسى خانىقاتام يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان يېزا خىزمەتچىسى، بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلغىنىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ، زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.

يېزىنىڭ ۋاڭ فامىلىلىك يەنە بىر كادىرى بولسا، يېزىدا "دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنى چەكلەش" خىزمىتىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

بىز، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلىرىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار بۇ جايلاردىمۇ ئوخشاشلا "دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنى چەكلەش" ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

خوتەندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، ئۇلارنىڭ يېزىسىدا، بۇلتۇر "دىنىي تۈس ئالغان كىيىنىشنى چەكلەش" ھەرىكىتىنىڭ بەك قاتتىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇ يىل يازدا دائىرىلەرنىڭ پۇقرالارغا قارىتا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشنى ئاساس قىلىپ، مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالغان ھەرىكەتلەرنى ئازايتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خانىم سۆزىدە يەنە، بۇ يىل رامزان مەزگىلىدە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا قارىتا نازارەتنى كۈچەيتكەنلىكىنى ۋە رامزان مەزگىلىدە تۈنەككە ئوخشاش يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلى تەۋەسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ياز پەسلىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەرقايسى يېزىلاردا مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ، "دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنى چەكلەش" ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇلار تۇرۇشلۇق جايدا ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ، يۈزىنى يۆگەپ يۈرۈدىغان ئاياللار ئاساسەن قالمىغان. ساقال قويۇپ يۈرۈدىغان ئەرلەرمۇ بارغانچە ئازىيىشقا باشلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئەنئەنىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان چەكلەش سىياسەتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك شەكىلدىكى دىنىي چەكلىمىلىرىنى ئەيىبلەپ، بۇ خىل چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتلەرنى خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.