ماقالە: دىنىي ئېتىقادى بولمىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە ياپونلارنىڭ دىنىغا قارشى تۇرۇشى
2012.12.27

تاموگامى ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ سابىق قوماندانى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرى بىلەن ياپونىيە تۇپراقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، خىتاي بىلەن بولغان قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتتە قەتئىي يۇمشاق قوللۇق دىپلوماتىيە سىياسىتى يۈرگۈزمەسلىك تەرەپدارى بولۇپ كەلمەكتە. تاموگامى خىتايدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ياپونىيىلىك سىياسىيونلاردىن بىرىدۇر. ئۇ 2009 - يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا، تېلۋىزورلاردا كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ: «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىپىسىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئىنسانپەرۋەر كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى، ياپونلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى كېرەك» دېگەن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. تاموگامى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ، 2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى توكيودا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان. تاموگامى قۇرۇلتايدا ئالاھىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ،ئۆزىنىڭ سۆزىدە ئۇيغۇرلارغا ھەر ۋاقىت يار - يۆلەكتە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئەينى چاغدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا ئۇنىڭ تەرجىمانلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن دوكتور تۇرمۇھەممەت، تاموگامى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
بۇ قېتىم تاموگامىنىڭ ئېلان قىلغان مەزكۇر ماقالىسىدە ئىلگىرى مۇستەقىل دۆلەت بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ كېيىن خىتايلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس دىنىي ئېتىقادلىرىنىڭ 1949 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قوراللىق زوراۋانلىقىدا دىنسىزلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى، ئەمما قەھرىمان بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئۆز ئېتىقادلىرى ئۈچۈن جېنىدىن كېچىپ،خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس ئىسلام دىنىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇشى، قۇرامىغا يەتكەن ۋە يەتمىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېتىقادى ئۈچۈن مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئوقوشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى،رامىزان ئايلىرىدىمۇ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي يىمەك يىيىشكە بۇيرۇلىدىغانلىقىنى، قۇران كەرىمنى ئوقۇشنىڭ ئۆزى خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
تاموگامى ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 18 ياشتىن تۆۋەنلىرى مەسچىتكە كىرىشى چەكلەنگەن،18 ياشتىن يۇقىرىلىرىنىڭ كىرىشىمۇ ئەسلا چەكلەنگەن. خىتايدىكى ئۇيغۇرلار كۇڭزىنىڭ كىتابلىرىنى، ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۈزۈندىلىرىنى ئوقۇسا، ئۈگەنسە ئىلغار ھېسابلىنىدۇ. قۇرئان كەرىم، ھەدىس شەرىفلەرنى ئۈگىنىش، ئوقۇش جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ھاراق ئىچىپ جىنايەت سادىر قىلسا قارشى ئېلىنىدۇ. روزا تۇتۇپ ئىبادەت قىلسا تېررورچى ھېسابلىنىدۇ.»
ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ ھەقىقەتەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ياشاۋاتقان دىنىي ئۆلىما سىراجىدىن ئەزىزى بۇ توغرىسىدا توختالدى.
ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى توغرىسىدا توختالغان:
«تىبەتتە تىنچ يوسۇندا توپلىشىپ ئىبادەت قىلىش، دالاي لاما ھەققىدە سۆز قىلىش ھەممسى چەكلەنگەن. تىبەت بۇددىزمىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ جىنايەتتۇر.»
تاموگامى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆزىدە دىنىي ئېتىقاد بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر، تىبەتتەك ئەخلاقلىق پەزىلەتكە ئىگە مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى، ئۆرپ - ئادىتىنى، مەدەنىيىتىنى، مائارىپىنى تەلتۆكۈس ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىگە قوشنا بولغان ياپونىيىگىمۇ ھەر خىل دىنسىزلىق تەشۋىقاتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، ياپونىيە ئالىي مەكتەپلىرىدە ئاتالمىش «كۇڭزى تەتقىقات ئىنستىتۇتى» لىرىنى قۇرۇش باھانىسى بىلەن دىنسىزلىق تەشۋىقاتىنى جانلىق تۈردە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
ئاپتور ماقالىدە، ياپون ھۆكۈمىتى خىتاي مائارىپىنىڭ تەشۋىقاتىنى ۋە ياپونىيىدىكى «كۇڭزى تەتقىقات مەركىزى» لىرىنى يوقاتمىغىچە، خىتاينىڭ ياپونىيە تۇپراقلىرىدىكى دىنسىزلىق تەشۋىقاتىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.