13 يىلدىن بېرى بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىپ كەلگەن تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەر ۋەقپى باشلىقى شائىر ياھيا ئاقەنگىن ئەپەندى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ مۇكاپاتنىڭ 13 يىلدىن بېرى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان، شەخس ۋە ئىدارە جەمىيەتلەرلەرگە بېرىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل 4 دۆلەتتىن 10 كىشى ۋە ئىدارە - جەمىيەتكە بۇ مۇكاپاتنى بېرىشنىڭ مۇۋاپىق كۆرۈلگەنلىكىنى، بۇرۇنقى يىللاردا تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارغىمۇ بۇ مۇكاپاتتىن بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.
بىز بۇ مۇكاپات ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەر ۋەقپى باشلىقى شائىر ياھيا ئاقەنگىن ئەپەندىگە مىكروپونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
ئۇ بۇ مۇكاپاتنىڭ13 يىلدىن بېرى تارقىتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بۇ مۇكاپات تۈرك دۇنياسىغا ئۆز ساھەسىدە تۆھپە قوشقان، تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا ئەسەر يازغان كىشى ۋە ئىدارە - جەمىيەتلەرگە تارقىتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، 2008 - يىلى مەخمۇت قەشقىرى يىلى بولغاچقا، تۈركىي تىللار دىۋانىنى تەرجىمە قىلغان ۋە بۇ ھەقتە ئەسەرلەر يازغان در. رامىز ئاسكەرگە بۇ مۇكاپاتنىڭ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
2008 - يىلى مەخمۇت قەشقىرى يىلى بولغاچقا، تۈركىي تىللار دىۋانىنى ئەزەربەيجانچىغا تەرجىمە قىلغان رامىز ئەسكەرگە بۇ مۇكاپاتنى بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىلى بولغاچقا بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ئارىسىدا تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئورتاق ئاچقان ئەخمەت يېسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پروف. در. لەسبەك تاشىموۋ، تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە تۆھپە قوشقان ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئۇلفەت قادىروۋ قاتارلىق 10 كىشى ۋە ئىدارە - جەمىيەتلەر بار. بىز بۇ مۇكاپاتنى ھەر يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ سارىيىدا مۇراسىم بىلەن تارقىتىۋاتىمىز. بىز ھازىرچە پەقەتلا ئىسىملىكنى ئېلان قىلدۇق، 4 - ئايدا مۇكاپاتنى تارقىتىمىز.
بىز تۈرك دۇنياسى مۇكاپاتىغا مۇۋاپىق كۆرۈلگەن تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسەرنى ئەزەربەيجانچىغا تەرجىمە قىلغان در. رامىز ئاسكەر ئەپەندىگە، مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىن نېمىلەرنى ھىس قىلىۋاتىزسىز دەپ سورۇدۇق. ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
سىزگىمۇ مەلۇم مېنىڭ ئەسلى كەسپىم جورنالىستلىق. بۇ ساھەدە كۆپ ساندا خەلقئارالىق مۇكاپاتلار ئالدىم. مەن ئەزەربەيجاننىڭ جورنالىستلارغا بېرىدىغان ئەڭ چوڭ مۇكاپاتى ئالتۇن قەلەم مۇكاپاتىنى ئالغان. مەن تۈركىيىنىڭ ئورخون مۇكاپاتى بىلەن كۈۋەيتنىڭ جورنالىستلارغا بېرىدىغان داڭلىق مۇكاپاتىنىمۇ ئالغان. ئەمما ئىلىم ساھەسىدە بۇنداق چوڭ خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھىس قىلىۋاتىمەن.
در. رامىز ئەسكەر ئەپەندى، سىز تۈركىي تىللار دىۋانىنى ئەزەربەيجانچىغا تەرجىمە قىلغاندىن باشقا، بۇ ھەقتە يەنە نېمە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردىڭىز دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
مېنىڭ ئۆمرۈمنىڭ 20 يىلى مەخمۇت قەشقىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن ئۆتتى. 1988 - يىلىدىن 2006 - يىلىغىچە قاتتىق ئىشلەپ تۈركىي تىللار دىۋانىنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردۇم. بۇلاردىن باشقا تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە مەخمۇت قەشقىرى ھەققىدە 3 ئەسەر يازدىم. بۇلاردىن بىرىنىڭ ئىسمى " مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مىڭ يىللىق خاتىرىسىگە مىڭ بىبلىئوگراپىك كۆرسىتىش". بۇ كىتاب 96 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، باكۇدە نەشىر قىلىندى. بۇ كىتابدا 18 تىلدا نەشىر قىلىنغان مەھمۇت قەشقىرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە مىڭ كىتاب ۋە ماقالە ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردىم. ئارقىسىدىن ئەزەربەيجان، تۈرك، ئۆزبەك، ئۇيغۇر، قازاق، تۈركمەن، تاتار، باشقۇرت، تاجىك، فارس، خىتاي، ياپون ۋە رۇسچە، فرانسۇز، نېمىس، ئىتالىيانچە قاتارلىق توپلام 18 تىلدا مىڭ پارچە ئەسەرنىڭ ئىسمىنى تىزىپ چىقتىم. ئىككىنجى كىتابىم بولسا 192 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ كىتابنىڭ ئىسمى "مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى" ناملىق ئەسىرىنىڭ بىبلوگرافىك ۋە گراماتىك قوشۇمچىلىرى. تۈركىي تىللار دىۋانىدا 930 قوشۇمچە چىقتى، تا 1000 يىل بۇرۇن 930 قوشۇمچىنىڭ بولۇشى بۈيۈك بىر ئىش. بۈگۈن بىز ئەزەرىچىنى تەرەققى قىلغان بىر تىل، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيىدىن تۇتۇڭ تۈرلۈك ئاتالغۇلار بار دېسەكمۇ يەنىلا 930 سۆز قوشۇمچىسى يوق بولۇشى مۇمكىن. ئەزەربېيجانلىق تونۇلغان تۈركولوگ رامىز ئەسكەر ئەپەندىنىڭ 3 - چوڭ ئەسىرى "مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى" ناملىق ئەسەرىدۇر. 432 بەتتىن تەركىپ تاپقان بۇ ئەسەردە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن ئەسەر مورفولوگىيە جەھەتتىن تەھلىل قىلىنغان.
در. رامىز ئاسكەر ئەپەندى بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدىمۇ ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
در. رامىز ئاسكەر يازغان بۇ ئەسەرلەرلەرنى 2008 - يىلى مەخمۇت قەشقىرى يىلىغا قىلىنغان ئەڭ بۈيۈك سوۋغات دېيىشكىمۇ بولىدۇ.