ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى


2005.02.28

US-CHINA-XINJIANG-REBIYA-66.jpg
2002-يىلى 22-فېۋرال كۈنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ قىزلىرى (سولدىن) ئەقىدە، كېكېنوس، راھىلە ۋە رۇشەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا. AFP

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىلدا بىر چىقىرىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، 2005 - يىللىق مەزكۇر دوكلاتتا دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناچار دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغانلىقى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا ناچار ھالەتتە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەشغۇلاتى يەنىلا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى

مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى پاۋلا دوبرىئانىسكىي (Paula Dobriansky) ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاۋلا خانىم سۆزىدە يەنە، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ئەھۋالنىڭ ناچارلىقىنىمۇ قىسقىچە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدىكى ئىرق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر بابىدا، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىيۈزلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان.

سەككىز ئاينىڭ ئىچىدە 50 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

ھەممىڭلارغا مەلۇم، بىزنىڭ خىتاي بىلەن سودا ۋە باشقا كەڭ دائىرىدە ئالاقىمىز بار. ئەمما بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە توسالغۇ بولىۋاتقان نەرسە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى.

دوكلاتتا، ئۆتكەن يىلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "بۆلگۈنچى" جىنايىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى جازالاش ھەتتا ئۇلارنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئېتىپ تاشلاش ئەھۋالىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە "قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنى باشلاپ 2003 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 3000 دىن ئوشۇق دېلو تۇرغۇزغانلىقى ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن 3 يۈز مىڭدىن كۆپ ئۇيغۇرنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇنىڭدا يەنە، خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىلا 50 نەپەر ئۇيغۇرغا "بۆلگۈنچى" دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2003 - يىلى نېپالدىن قايتۇرۇپ كېلىپ ئېتىۋەتكەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى شىرئەلىنىڭ ۋەقەسى قايتا تىلغا ئېلىنغان.

رابىيە قادىر مەسىلىسى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆز بېشىمچە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ تىپىك مىسالى

toxti-tuniyaz.jpg
توختى مۇزارت 2000-يىلنىڭ بېشىدا ھېچقانداق ئاساسسىزلا 11 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر دوكلاتىدا، رابىيە قادىر مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۆز بېشىمچە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە بىر تىپىك مىسال بولالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان تارىخچى توختى تۇنىياز، يازغۇچى ئابدۇلغەنى مەمتىمىن ۋە چەتئەللىك مۇخبىر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلگەن دىلكەش تىلىۋالدى قاتارلىقلارنى تىلغا ئالدى.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي پىكرىنى تىنچ يول بىلەن ئىپادىلىمەكچى بولغانلار بىلەن زوراۋانلىقنى تەرغىپ قىلغۇچىلارنى پەرقلەندۈرمىگەنلىكتىن، نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭمۇ ئېغىر جازالارغا ئۇچراپ كېتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى سىياسىي ۋە دىنىي كۆز قارىشىنى تىنچ يولدا ئىپادىلەۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 75 مىليون يۇئەنگە يېقىن مەخسۇس پۇل ئاجراتقان. ئۇيغۇرلار كىملىك ھۆججەتلىرىدە خىتايچە پىنيىن ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئىرق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدىكى قىسمىدا، ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغول قاتارلىق جايلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش ئەھۋالىنىڭ بىر قەدەر ئېغىرلىقى، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە روشەن ئىپادىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تۇپرىقىدا خىتاي بىلەن تەڭ خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئىمتىيازلىرىدىن پەقەت خىتايلار تولۇق بەھرىمەن بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە يەنە، خىتاي ئاققۇن ئىشچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىش سۈرئىتى بارغانسېرى تىزلەپ، 20-30 يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدىكى نوپۇسنىڭ 20٪ئى خىتاي بولغان بولسا، ھازىر خىتايلار نوپۇسى 80٪ نى ئىگىلىگەن.

خىتاي ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي تىلى ئوقۇتۇشى ئۈچۈن 75 مىليون يۇئەن ئاجراتتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنى يولغا قويسىمۇ، ئەمما خىتاي تىلىنىڭ ھۆكۈمەت، سودا ۋە ئاكادىمىيىدىكى مونوپوللۇقىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەبىئىيلا پايدىسىز ئەھۋالغا قويغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 75 مىليون يۇئەنگە يېقىن مەخسۇس پۇل ئاجراتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

abduxelil-abdumijit-150.jpg
غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئاساسلىق قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى - ئابدۇجېلىل ئابدۇمىجىت 2000 - يىلى 15 - ئۆكتەبىر كۈنى چاپچال تۈرمىسىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن.

دوكلاتنىڭ خىتايلار ھەققىدىكى قىسمىدا خىتاينىڭ ئومۇمىيۈزلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن سىرت، تىبەت، فالۇنگوڭ مەسىلىلىرى ھەمدە خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ قاتارلىق جايلاردىكى ئەھۋاللارمۇ ئايرىم تونۇشتۇرۇلغان. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى مايكېل كوزاك، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

"ھەممىڭلارغا مەلۇم، بىزنىڭ خىتاي بىلەن سودا ۋە باشقا كەڭ دائىرىدە ئالاقىمىز بار. ئەمما بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە توسالغۇ بولىۋاتقان نەرسە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى".

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 196 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۈزىتىدۇ

مايكېل كوزاك يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەخسلەرگە بىۋاستە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چىقارغان بۇ دوكلاتقا بولغان ئىنكاسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2005 - يىللىق بۇ دوكلاتىدا، خىتايدىن سىرت يەنە، شىمالىي كورىيە، ئىران، مىسىر، سۇدان ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پۈتۈن دۇنيادا جەمئىي 196 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.