ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ياخشىلانمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى


2005.10.12

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ئىشلىرى بويىچە بىرلەشمە كومىتېتى چارشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن يىللاردا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئىلگىرلەشكە ئېرىشمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئەركىنلىك، سۆز ئەركىنلىكى، ئاخبارات ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىگە قارىتا كونترول قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتكەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى سەيشەنبە كۈنى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرغان ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە ئەدلىيە ساھەسىدە بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەھەتتىكى " ئىجابىي قەدەملەر" ساقچىلار تەرىپىدىن خۇ جىنتاۋ ۋە ئۇنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قوغداش نامىدا ئېلىپ بېرىلغان قولغا ئېلىش ۋە جەمئىيەتنى كونترول قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىدا قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە ئاپتونومىيە

دوكلات دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، " ھۆكۈمەت مۇسۇلمانلارنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىبادەت پائالىيىتىنى چەكلەيدىغان قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى چىقارماقتا"، دەپ كۆرسەتتى. دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، "دىنىي زىيانكەشلىك شىنجاڭدا ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، پارتىيە سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ دىنىي پائالىيەتلىرىنى تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇۋالغان". خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى دوكلاتىدا، "قولغا ئېلىشلار ۋە بۇ سىياسەت خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگىمۇ زىت،" دەيدۇ.

دوكلاتتا، "ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى، ئۆز مەدەنىيەت كىملىكىگە ئۆزلىرى ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا خىلاپلىق قىلماقتا،" دەپ تەكىتلىگەن. خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "ھۆكۈمەتنىڭ تىبەت ۋە شىنجاڭدا يولغا قويغان سىياسىتى ئاساسى جەھەتتىن خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ" ئىكەن.

خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ 20 كىشىلىك ئەزاسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىمىنى پرېزىدېنت بۇش تەيىنلەيدۇ. 2000 - يىلى قۇرۇلغان مەزكۇر كومىتېت، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ۋاكالىتەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىشكە جاۋابكار.

كومىتېتنىڭ دوكلاتىدا، "خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى شەرت - شارائىتىدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىلگىرىلەش بولمىدى شۇنداقلا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت كونتروللىقىدىكى ئاممىۋى سورۇنلار ۋە مەتبۇئاتلاردا پائالىيەت قىلىش، ماقالە يېزىش ئەركىنلىكىگە قارىتا ھۆكۈمەت كونتروللىقى كۈچەيتىلدى،" دەپ يازغان.

خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا ئەسكەرتىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا يۆتكەشنى قوللاش سىياسىتى، بولۇپمۇ تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئىچكى موڭغولدا يەرلىك مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى كۈچەيتمەكتىكەن.

"ئەتراپلىق شەرھلەنگەن ئىشەنچلىك دوكلات"

خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ سەيشەنبە كۈنكى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 9 نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى، بىر قىسىم ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ۋە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بەش نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ھازىر بولدى. يىغىندا كېڭەش پالاتا ئەزاسى چوك خاگېل، خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى " خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ رولىنى ئەتراپلىق شەرھىلىگەن ئىشەنچلىك دوكلات " دەپ تەرىپلىدى.

خاگېلنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئۆزلۈكسىزلىكىنى ئۇزۇن مۇددەتكىچە داۋالماشتۇرۇشنى كۆزلەپ، "خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئۈز ئىچىگە ئالغان كېلەچىكىگە سەل قارىسا بولمايدۇ " دېدى. چوك خاگېلنىڭ تەكىتلىشىچە، " خىتاينىڭ تەرەققىياتى پۈتۈن ئاسىيا ئەللىرىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ئۇنىڭ كېلەچىكىنىڭ بىر قىسىمى بولۇشى كېرەك" ئىكەن.

"تېررورىزم" نى باھانە قىلماسلىق كېرەك

خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى دوكلاتىدا، تىبەت مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، پرېزىدېنت بۇش ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى بېيجىڭغا تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىشىچە، "يەر شارىدىكى تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش" ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا باھانە بولۇپ قالماسلىقى كېرەك ئىكەن.

يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىتىنىڭ قوشۇمچە رەئىسى جېيمىس لىچنىڭ تەكىتلىشىچە، دوكلات خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلدىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش بىلەن بىرگە، "خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن " .

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قانات يايدۇرىۋاتقان ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە زەربە بېرىش ھەرىكىتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن "تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش" دەپ ئەيىبلەنمەكتە ئىدى.

خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى

خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، خۇ بېيلىك دېموكراتىك زات لۈي باڭليې بىلەن بىر چەتئەللىك مۇخبىرنىڭ گۇئاڭدوڭدا نامەلۇمەم كىشىلەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ۋەقەنى تىلغا ئالغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئادام ئەرەلىي، " بىز گۇئاڭدوڭنىڭ تەيشى يېزىسىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىنى ئەندىئىشە بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز شۇنداقلا بىز بۇ ۋەقەدىن تۇيغان پەۋقۇلئاددە ئەندىشىمىزنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزدۇق " دەپ تەكىتلىگەن.

خۇ بېي ئۆلكىسىنىڭ جىجياڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئەزاسى لۈي باڭليې، ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئەنگلىيىلىك بىر مۇخبىرغا ھەمراھ بولۇپ، گۇئاڭدوڭنىڭ تەيشى يېزىسىدا پۇقرالارنىڭ خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن يېزا باشلىقىنى ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇرلاش ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈشكە بارغاندا، نەمەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قاتتىق تاياق يىگەن ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كوڭ چۈئەن، سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا لۈي باڭليېنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنى "ئۆلمىدى،" دېگەن شۇنداقلا لۈي باڭليېگە ھەمرا بولۇپ تەيشى يېزىسىغا بارغان ئەنگلىيىلىك مۇخبىرنى جوڭگو قانۇنلىرىغا بويسۇنمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئادام ئەرەلىي كوڭ چۈئەننىڭ سۆزىگە جاۋابەن، "ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ئاكتىپچانلىقى بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزدۇر،" دەيدۇ. ئادام ئەرەلىي يەنە "بىز پۇقرالار ۋە مۇخبىرلارنىڭ تاياق يېيىشىنى ياكى تەھدىتكە ئۇچرىشىنى ئەمەس، بەلكى ھۆرمەت قىلىنىشىنى كۆرۈشكە ئېھتىياج " دەپ تەكىتلىگەن. ئادام ئەرەلىي، بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ لۈي باڭليې بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " بىز بۇ دىلونى داۋاملىق يېقىندىن كۆزىتىمىز،" دەيدۇ.

ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەزكۈر دوكلاتنى " پاكىتنى بۇرمىلاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى " دەپ ئەيىبلىدى. كوڭ چۈئەننىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى، " پاكىتنى بۇرمىلاپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، قانۇن سېستىمىسى ۋە باشقا ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرىنى يوققا چىقارغان. ئۇ، " كىشىلىك ھوقۇق، دىن، تىبەت، شىنجاڭ، خوڭكوڭ، ئاياللارھوقۇقى ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگونى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا " دەپ ئەسكەرتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.