بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئادەم سېتىش سودىسى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى


2006.04.26

adem-sodisi.jpg
ئىككى نەپەر ئۇيغۇر بالىسى خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە تېپىلغاندىن كېيىن، 2005-يىلى 25-دېكابىر كۈنى ئۆيىگە قايتىشتىش يولىدا تاماق يېمەكتە.AFP

مەركىزى ئاۋسترىيىنىڭ ۋېنا شەھىرىدە بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە جىنايى ئىشلار بۆلۈمى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر دۇنيادا ئادەم سېتىش سودىسى ناھايىتى ئېغىر بىر مەسىلىگە ئايلانغان. بۇ خىل ئادەم سودىسىدا سېتىۋېتىلگەنلەر ئاساسەن ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى جىنسىي قۇلغا ئايلانغان.

ئاسىيا - ئادەم سودىسىنىڭ باش بېكىتى ھەم ئاخىرقى بېكىتى

مەزكۇر دوكلاتتا يېزىلىشىچە، ئادەم سېتىش تىجارىتىدە باشقىلار تەرىپىدىن سېتىلىۋاتقان كىشىلەر ئاساسەن ئافرىقا، جەنۇبى - ئورتا ياۋروپا، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە لاتىن ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردىن كەلگەنلەر ئىكەن. ئادەم سېتىش سودىسىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولۇپ ھېسابلانغان دۆلەتلەر غەربى ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىقلار ئىكەن. ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار پەقەت ئادەم سودىسىنىڭ باش بېكىتىلا ئەمەس بەلكى ئاخىرقى بېكىتىمۇ بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. يەنى مەزكۇر دۆلەتلەردە پەقەت ئادەم سېتىشلا ئەمەس بەلكى ئادەم سېتىۋېلىش ئىشلىرىمۇ ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەن. بولۇپمۇ، خىتاي ۋە تايلاند دۇنيا بويىچە ئادەم سېتىش سودىسى ئەڭ ئېغىر بولۇۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئاياللار ۋە بالىلار

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئادەم سېتىش تىجارىتى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتنىڭ ئاپتورىنىڭ بىرى بولغان مارتىن ئەپەندى مەزكۇر دوكلاتنى يېزىشتا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"مەزكۇر دوكلاتتا، تا ھازىرغىچە ئېلان قىلىنىپ كەلگەن بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى توپلانغان بولۇپ، بۇلار ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمىتى، مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا تەشكىلاتلار، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار، تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە مەتبۇئات ئورۇنلىرى قاتارلىقلار تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز شۇنى ئېنىقلاپ چىقتۇقكى، ھازىر دۇنيادا 127 دۆلەتتىن كەلگەن كىشىلەر 137 دۆلەتكە ئاپىرىپ سېتىۋېتىلگەن ".

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مارتىن ئەپەندى مەزكۇر دوكلاتنى يېزىشتا ئاساسلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا تايىنىپ تۇرۇپ، ئادەم سېتىش تىجارىتىدە ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئاساسەن ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغانلارنىڭ سانى ئەمەلىيەتتە جىنسىي قۇلغا ئايلانغانلار سانىدىن چوڭ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە، مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچىگە ئايلانغان كىشىلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بىر يەردىن، يەنە بىر يەرگە ئاپىرىپ سېتىۋېتىلىۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. كۆپلىگەن دۆلەتلەردە پەقەت جىنسىي قۇلغا ئايلىنىشنى مەنئىي قىلىش قانۇنىلا بولۇپ، ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە مەجبۇرلاشنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇن بولمىغان. شۇڭا ئەرزان ئەمگەك كۈچى مەسىلىسىنى كۆپ ساندىكى ئادەملەر تونۇپ يېتەلمىگەن ".

خىتاي ۋە تايلاند ئالدىنقى قاتاردا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا، ئاسىيادىكى ئىنسان تىجارىتى سودىسى ئەڭ ئېغىر بولغان دۆلەت خىتاي ۋە تايلاند ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئىككى دۆلەتتىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئاساسەن تايلاند، ياپونىيە، ئىسرائىلىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئاپىرىپ سېتىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورى مارتىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:

"مەن بۇ جەھەتتە مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ ئەھۋالى يەنە بىر دۆلەتكە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر دەپ كۆرسەتكۈم يوق. لېكىن خىتايدىكى ئەھۋال ھەقىقەتەن ناھايىتى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئادەم تىجارىتىنىڭ باش بېكىتىلا ئەمەس،بەلكى ئاخىرقى بېكىتىگىمۇ ئايلانغان. ئادەم سېتىش تىجارىتى خىتاي زېمىنىنىڭ ئۆزىدىلا ناھايىتى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن.مەسىلەن، نامرات يېزا رايونىدىكى كىشىلەرنى شەھەر ياكى باي رايونلارغا ئاپىرىپ سېتىۋېتىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئېغىر.چەتئەللەرگە ئالداپ ئېلىپ چىقىپ سېتىۋېتىدىغان ئەھۋالمۇ ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا ". (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.