ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى


2005.11.10

ChinaPolicyBrief01.jpg
خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلاتى مۇقاۋىسى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، -11 ئاينىڭ -9 كۈنى خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتتىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى.

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇلغان دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي گۇرۇپپىلارغا قاراتقان سىياسىتى بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇش سىياسىتى تەنقىد قىلىنغان.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەزالىرى مۇشۇ يىل 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە خىتاينىڭ بېيجىڭ ۋە شاڭخەي شەھەرلىرىدە ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر شەھەرلىرىدە تەكشۈرۈش زىيارىتى ئېلىپ بارغان ئىدى. چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلات مەزكۇر زىيارەتنىڭ بىر نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ.

خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىش تەلەپ قىلىندى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تونۇشتۇردى. مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا، ئامېرىكا دۆلەت ئاۋام پالاتاسىئىدىكى دېموكراتلارنىڭ رەئىسى نەنسى پەلۇشى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا شۇنداقلا تام لەنتوس، فرانك ۋولف، كىرستوفەر سىمىت قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرى قاتناشتى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا سۆز قىلىپ، 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى بولغان، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشتىن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكىنىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي بېسىم مەسىلىسىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق داۋاملىق دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ

يېغىندا سۆز قىلغان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ۋە دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى فرانك ۋولف، ئامېرىكىدا بەزى كىشىلەرنىڭ خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققى قىلسا، خىتايدىكى ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىنى لېكىن، بۈگۈنكى ۋەزىيەتنىڭ ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

"ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەزالىرى ئاۋغۇست ئېيىدا خىتايغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا، خىتايدىكى خرىستىيان مۇخلىسلىرىغا ھەمدە تىبەتلىكلەرگە قاراتقان دىنىي بېسىمىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى تۈرمىگە تاشلاش ۋە ئۇلارغا تەن جازاسى بېرىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ".

خىتايدا دىنىي ۋە سىياسىي بېسىم چېكىدىن ئاشقان

سۆزىدە، خىتايدىكى دىنىي ۋە سىياسىي بېسىمنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن فرانك ۋولف، ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشتىن، خىتاي دۆلەت رە ئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشقاندا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي بېسىم مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى:

"مەن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشتىن خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، يوشۇرۇن ئەمەس، ئوچۇق ئاشكارا ھالدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ھەمدە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلەنگەن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىمەن".

خىتاي تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتىدۇ

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قىلغان زىيارىتىگە قاتناشقان كومىتېت ئەزاسى مايكەل كورومۇۋاتى يېغىندا قىلغان سۆزىدە،، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق بىر مىسالىغا شاھىد بولدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە ئايروپىلاندىن چۈشىشىمىزگە، "ئەلقائىدە تەھدىت قىلدى. سىلەرگە قارىتا بىر ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. شۇڭا سىلەرنى قوغداش ئۈچۈن ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالدۇق" دەپ، بىزنىڭ پائالىيىتىمىزنى چەكلەشكە، ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشتى. لېكىن بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدۇق.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون ئەمەلدارلىرى، ئالتە يىلدىن بىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مەسچىت سېلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى، ئىماملارنىڭ سىياسىي تەربىيىدىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرگە قاراتقان ئېغىر دىنىي بېسىمى ۋە بۇ خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتتە سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى ۋە ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر ۋە شۇنداقلا تىبەت ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ دوكلات ۋە دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەر ھەققىدىكى كۆز قاراش ۋە تەۋسىيەلىرىنى ئالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.