ئەخمەت تۈركوز تۈرك دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان شەخسلەردىن بىرى ئىدى. 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى پېشىن نامىزىدىن كېيىن ئىستانبۇل شەھرى زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئەمىنە ئىنانچ مەسچىت ئالدىدا مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، جىنازا نامىزى ئوقۇش مۇراسىمغا زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن، تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى ياۋرۇ - ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ، قازاقلاردىن بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشتى.
جىنازا نامىزى ئوقۇش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ياقۇپجان ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل چىنگىز، زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق مائارىپ نازىرى مەھمەت قارا قاتارلىق شەخسلەر مەرھۇم ئەخمەت تۈركوز ۋە ئۇنىڭ ھايات - پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل چىنگىز ئەخمەت تۈركوزنىڭ ھايات - كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "دوكتۇر ئەخمەت تۈركوز 1963 - يىلى 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا توغۇلغان، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ئوقۇپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىدە ئوقۇغان. 1989 - يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ 'تۈركىيىدە ئەمەلىيەتچانلىق ئېقىم ۋە تۈنجى ئەمەلىيەتچانلىق' دېگەن تېمىدا يازغان تەتقىقات ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان كېيىن يەنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئاتاتۈرك ئىنقىلاب تارىخى ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ پروفېسسور دوكتۇر ماھىر ئايدىن ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە "شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى" تېمىدا يازغان ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى بىلەن 1997 - يىلى 11 - ئايدا تارىخ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. دوكتۇر ئەخمەت تۈركوز 1991 - يىلدىن بىرى ، ئىستانبۇلدىكى بىر قانچە ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولۇپ ئەڭ ئاخىرىدا زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق نۇرىپاشا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. قازاقچە، تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە بىلگەن مەرھۇم ئەخمەت تۈركوز ئىككى ئوغۇل پەرزەنتنىڭ دادىسى ئىدى."
ئىسمائىل چىنگىز سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: "دوكتۇر ئەخمەت تۈركوز، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر تۈرلۈك مەسىلىلىرى ھەققىدە يازغان نۇرغۇن ئىلمى ماقالىلىرى تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى گېزىت - جۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. بىر قانچە قېتىم، يىغىن ۋە مۇراسىملاردا، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئىشغالىيىتى، ئاسىملاتىسىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە دوكلات بەردى. ئۇنىڭ يازغان " شەرقىي تۈركسىتاندا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دوكلاتى" ياۋرۇ - ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى تەرىپىدىن كىتابچە شەكىلدە نەشىر قىلىندى. ئۇ ياۋرۇپا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق بىر قانچە تەشكىلاتنىڭ خەلقئارالىق يىغىنلىرىدا شەرقىي تۈركىستانغا ۋەكىللىك قىلغان. ئۇ تۈركىيىدىكى مپل تېلىۋېزىيەسىنىڭ ھەپتىلىك "تۈركىستانبۇل" پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، بۇ پروگراممىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە دوكتۇر پروفېسسورلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى."
مەرھۇم ئەخمەت تۈركوز ئىلگىرى، ياۋرۇ - ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .كېيىن ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلگەن. دوكتۇر ئەخمەت تۈركوزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئەينى زاماندا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاندىن ھىجرەت قىلىپ تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان قازاق تۈركلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ تۈركىيىدە توغۇلغان بولسىمۇ ئەسلى يۇرتى شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنتۇپ قالماي شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلگەن بىر ئاكادېمىك ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ياقۇپجان ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئەخمەت تۈركوز، ئاتا توپراقىمىز، ئانا ۋەتىنىمىز شۇنداقلا داۋايىمىز بولغان شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە، ھەر قەدەمدە كۆڭۈلدىن خالىسانە ھالدا ئەڭ ئالدىنقى سەپتە مېڭىپ خىزمەت قىلدى. ھەر قاچان تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ گراجدانى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتى. ھەر زامان شەرقىي تۈركسىتاندىن كەلگەن قازاق تۈركلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئونۇتمايتتى. بۇ چۈشەنچە ئۇنتۇلسا تۈرك بولغانلىقتىن، مۇسۇلماندارچىلىقتىن، ئىنسانلىقتىن ۋاز كېچىش كېرەكلىكى ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن جان بەرگەن شەھىد ئەجدادلارنىڭ تۆكۈلگەن قانلىرىنىڭ يەردە قالىدىغانلىقى دەپ بىلەتتى. دوكتۇر ئەخمەت تۈركوز ياۋرۇ - ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ۋە ئەڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركسىتان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ كېلىۋاتقان ئىدى. شەرقىي تۈركسىتاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكىنى تەتقىق قىلىپ يازغان ماقالىسى بىلەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. تۈرك دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان، ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە بىلىم ئىگىسى بولغان بىر ئوغلانىدىن ئايرىلدى."
زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇدىرى مەھمەت قاراجا ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "قېرىندىشىمىز ئەخمەت تۈركوز بىر ئاللاھنىڭ دوستى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەۋداسى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. ئۇنى داۋانىڭ تىز پۈكمەس بىر ھىمايىچىسى دەپ بىلەتتىم. قاچان بىر يەرگە كەلسەك بىزگە تۈرك دۇنياسى ھەققىدە بىر مەسىلە تونۇشتۇراتتى. بىزگە ئۇ داۋاملىق: سىلەر بىر تارىخچى، بۇ يولنىڭ كۆزەتكۈچىسى بولۇشۇڭلار لازىم. سىلەر يېتىشتۈرگەن ھەر بىر ئوقۇغۇچى كەلگۈسىدە تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن بىر نۇر بولىدۇ، دېگەندەك سۆزلەرنى قىلاتتى. قىممەتلىك قېرىندىشىمنىڭ داۋاسىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىغا، ئۇنىڭ يېتىشتۈرگەن چېچەكلىرى بۇ داۋانى چوقۇم داۋام قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل، ئاللاھدىن ئۇنىڭغا رەھمەت ۋە ئائىلىسىگە سەبىر - تاقەت تىلەيمەن."
بىز ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئەخمەت تۈركوز بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدۇق. ئاللاھ مەرھۇمنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغاي، ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي، مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە سەبىر - تاقەت ۋە سالامەتلىك ئاتا قىلغاي.
بىز ئەخمەت تۈركوز ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تولۇق تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلايسىلەر.